ھەيز-بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئايدا بىر قېتىم سۇيۇلۇپ چۈشۈپ قانىشى ھەيز دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككى قېتىملىق ھەيزنىڭ بىرىنچى كۈنلىرى ئارىلىقىدىكى ۋاقىت ھەيز دەۋرى بولۇپ، ئادەتتە 28-30 كۈن ئارىلىقتا بولىدۇ. ھەيز مەزگىلى ئۈچ-يەتتە كۈن بولۇپ بۇرۇن ياكى كېيىن بولسا داۋاملىق شۇ خىل ھالەتنى ساقلاپ كەلسە، ئەمما باشقا يېقىمسىزلىنىش ھالەتلىرى بولمىسا، يەنىلا نورمال ھېسابلىنىدۇ. ھەيزنىڭ داۋام قىلىشى ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە بولىدۇ.
بىرىنچى قېتىملىق ھەيزنىڭ قان مىقدارى تەخمىنەن 30-50 مىللىلىتىر بولۇپ، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كۈنلىرى بىر ئاز كۆپىيىپ، كېيىن تەدرىجىي ئازلايدۇ. ھەيز قېنى ئىشقارلىق، رەڭگى توق قىزىل، تۇراقسىز بولۇپ، ئۇيۇمايدۇ، ئۇنىڭدا سويۇلۇپ چۈشكەن بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ پارچىلىرى، بالىياتقۇ بوينى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى ۋە سۇيۇلۇپ چۈشكەن جىنسىي يول ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. تۇنجى ھەيز 11 ياشتىن 18 ياش ئەتراپىدا باشلىنىدۇ، كۆپىنچە 13-15 ياشلاردا كېلىدۇ.
بەزى قىز-ئاياللاردا ھەيز دەۋرىدە قورساقنىڭ تۆۋەنكى تەرىپى ۋە كۆكسى چىڭقىلىش، ئوڭاي چارچاش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇيقۇچانلىق، قەۋزىيەت، بەل، توققۇز كۆز قىسمى تېلىش، قورساقنىڭ ئاستى قىسمىغا ئېغىر نەرسە كەپلىشىۋالغاندەك بولۇش ۋە كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ھەيز مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ. ھەيز ئادەتتە قىز-ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.