ئاياللارنىڭ يۈرىكى خۇددى ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا تۇغما ‹‹كۈچلۈك››تەك كۆرۈلىدۇ، ئەمما يېقىنقى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، نەتىجە ئەكسىچە بولغان. ئامېرىكىدا ھەر يىلى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ئاياللارنىڭ سانى 500 مىڭ يېتىپ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 مىڭ كۆپ بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ جىنسقا ئايرىلىدىكەن . ئەرلەردە يۈرەك كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ھەممىسى ‹‹خوللىۋود شەكلى›› دە بولۇپ، جىددىي قوزغالغاندا ئادەم ئاغرىققا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئاياللاردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنداق روشەن بولمايدىكەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.