مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1740 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ جىنسىي ئەزا مۇسكۇل يىپچىلىرى جۈملىدىن قۇرغۇچى مۇسكۇل ئادەتتىن تاشقىرى بوششىشىپ كېتىدىغان بىرخىل كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

جىنسىي ئالاقىنىڭ كۆپ بولۇشى، قېرىلىق، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە ئورۇقلاپ كېتىش، ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش  سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياشانغان ئورۇق ئاياللاردىكى پۈتۈن بەدەن زەئىپلىشىشمۇ بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.

ئالامىتى:

جىنسىي ئەزا ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ ھەم بوش بولۇپ قالىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ كۆپلۈكى ۋە قېرىلىق ئالامەتلىرى بولىدۇ. بەدەن ھۆللۈكى ئېشىپ كەتكەنلىك ئالامەتلىرى بولۇشتىن تاشقىرى، جىنسىي مۇناسىۋەت داۋامىدا جىنسىي ئەزادىن كۆپ سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا داۋامىلق ئېقىپ تۇرىدۇ ۋە كۈندە بىر نەچچە قېتىم كىيىم ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر تۇغۇت سەۋەبچى بولغان بولسا تۇغۇتتىن كېيىن پەيدا بولغانلىق تارىخى بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

كېسەلنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

يىنىك تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىش، لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى، بۇسلۇق تاماق، كونا گۆش قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.