مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 4100 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ تۇخۇمداننىڭ ئىچكى قىسمىدا ياللۇغلىنىش پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئومۇمەن بۇ كېسەل بىرلا تۇخۇمداندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

سەۋەبى: 

ئايالنىڭ ئەۋرەت قىسمىغا قاتتىق تاياق تېگىش، قانغا ئۆتكەن سۆزنەك ياكى سىبلىس ماددىسىنىڭ تۇخۇمدانغا تەسىر قىلىشى، ھەيىزنىڭ مەلۇم سەۋەبىدىن بىراقلا توختاپ قېلىشى ياكى ئاياللار قولى بىلەن لەززەتلىنىش ئادىتى ياكى نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە باشقىلار بۇ كېسەلگە سەۋەبچى بولىدۇ. 

ئالامىتى:

ئۆتكۈر خاراكتېرلىك تۇخۇمدان ياللۇغىدا كېسەلدە ئۆتكۈر قىزىتما ۋە باش ئاغرىق بولىدۇ، بەزىدە پاقالچەك ئاغرىشقا باشلايدۇ، ئۈرە تۇرغاندا پۇتلىرى ئاغرىيدۇ ۋە تىترەيدۇ. سۈيدۈك مىقدارى ئاز بولۇپ ئارقا-ئارقىدىن سۈيدۈك قىستايدۇ. كۆپۈنچە قەۋزىيەت ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ياكى تولغاق بىلەن بىللە ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ. 

سوزۇلما خاراكتېرلىكىدە ھەيز تەسلىكتە ۋە ئاغرىق بىلەن كېلىدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاغرىش بولىدۇ، تۇخۇمدان ئورنىدا يەڭگىل ئاغرىش بولىدۇ. شۇ ئورۇننى باسقاندا كۈچىيىپ كېتىدۇ، بەزىدە ئاغرىق بولمايدۇ. بەزىدە بالىياتقۇدىن ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرىدۇ، كېسەل كۆپ ھاللاردا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. تەرەت سۇندۇرغاندا داس ساھەسىدە ئاغرىش ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ. جىنسىي ئەزا ئارقىلىق بارماق بىلەن تۇخۇمداننى باسقاندا ئۇنىڭ ئىششىقنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ، ئىششىق بېسىلىشقا ئۇچرىغان ھامان قاتتىق ئاغرىيدۇ. كېسەلنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى چېچىلاڭغۇ بولۇپ، بۇزۇق خىياللارنى ناھايىتى كۆپ قىلىدۇ. بەزىدە يەڭگىل دەرىجىدە ئەقلىي ئېلىشىش بولۇپ قالايمىقان سۆزلەشكە باشلايدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 

ئارپا ئېشىغا چۈچە گۆشى قوشۇپ بېرىش، ئەمما لازا-ئاچچىقسۇ ۋە قىيمىلىق تاماق، بۇسلۇق تاماق، كالا گۆشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.