مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1681 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ جىنسىي ئەزانىڭ مۇسكۇل يىپچىلىرى تارتىشىپ، جىنسىي يولنى تارايتىپ قويۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش تەسكە توختايدۇ.

سەۋەبى:

تۇغۇلما جىنسىي يول مۇسكۇللىرىنىڭ قاتتىق ۋە كۈچلۈك بولۇشى، قۇرۇتقۇچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش، ئۇزۇن مۇددەت قۇرغاق جايدا تۇرۇش، جىنسىي ئەزانىڭ قۇرغاقلىشىپ ۋە ئۇنىڭدىكى ھۆللۈك تارقاپ كېتىش، قىزلىق پەردىسىنىڭ قاتتىقلىقى، جىنسىي ئەزا ئىچىدە زەخمە شەكىللىنىپ زەخمە ئېغىزى پۈتكەندىن كېيىن مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ ساقىيىشى ياكى بىرەر ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى جىنسىي شىرلىك سويۇقلۇق پەردىنىڭ تارتىشىۋېلىشى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ ياكى ناھايىتى تەسكە توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئايال ناھايىتى قاتتىق ئازابلىنىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقىدىن ھوشسىزلىنىپ كېتىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

ئەگەر بۇ كېسەل ياشنىڭ كىچىكلىكىدىن بولغان بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتنى قاتتىق چەكلەش، كېسەلنى ئارام ئالدۇرۇشقا بويرۇپ، ياخشى غىزالاندۇرۇش، خۇشال-خورام ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلىش بىلەن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بۇ كېسەل يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر مۇسكۇللارنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە ياشنىڭ كىچىكلىكىدىن پەيدا بولسا كۆپ ھاللاردا ئىسسىق سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلدۇرۇش ۋە جىنسىي ئەزانى بابۇنە يېغى بىلەن ياغلاش كېرەك.

ئەگەر قۇرۇتقۇچى دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغانلىقتىن بولسا ھۆللۈك يەتكۈزگۈچى مۇسكۇللارنى بوشاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

قېتىق، ئالما قاتارلىق سۇيۇق-سەلەڭ تائاملار بېرىلىدۇ. كالا گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.