بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇدا ئىششىق پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
بالىياتقۇغا زەربە يېتىش، ھەيز مەزگىلىدە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ھەيز بىراقلا توختاش، بالىياتقۇ ئىچىدىن ئۆتكۈر دورىلارنى ئىشلىتىپ سېلىش، كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، جىنسىي ئەزا ياللۇغلىنىش، سىزلام، سىبلىس، لىمفا بەز ياللۇغى، بالا چۈشۈپ كېتىش، قىيىن تۇغۇت، تۇخۇمدان ھۆللۈكىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە بۇزۇلۇشى ياكى ئۇنىڭدا سۇ يىغىلىش، ئۇندىن باشقا قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدا ماددىلىرىنىڭ تەبىئىتى بولمىغان قىسمى بالياتقۇغا كېلىپ ئىششىق پەيدا قىلىش ياكى سوغۇقلۇق سەۋەبىدىن ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىپ تارقاپ كېتەلمەسلىكى، بالىياتقۇنىڭ قاتتىقلىشىپ قېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
قاندىن ۋە ئىسسىقتىن بولغان بولسا بالىياتقۇ ئىششىقىدا تىترەك بىلەن قىزىتما بولىدۇ، ئەۋرەت قىسمىدا ئېغىرلىق ۋە ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ، بەلدىكى سانجىلىپ ئاغرىش باشنىڭ چوققىسىغىچە يېتىپ بارىدۇ، يوتا قىسمىدىمۇ سانجىلىپ ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ. جىنسىي ئەزا ئوتتا كۆيگەندەك سېزىم بولىدۇ، تەرەتكە كۆپ بارىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇسسۇزلۇقى كۆپ، ئېغىزى قۇرۇق، تومۇرى تېز چوڭ سالىدۇ. نەپەس تېزلىشىدۇ ۋە ھارغىنلىق سېزىمى بولىدۇ. بالىىياتقۇدىن شىللىق، ئازراق قان ئارىلاش ھۆللۈك كېلىدۇ، بۇ ھۆللۈكنىڭ پۇرىقى يىرىڭ پۇرىقىدەك بولىدۇ. جىنسىي يولغا بارماقنى كىرگۈزگەندە، ئاغرىش سېزىمى بولىدۇ. ئەگەر ئىششىق ئۇفۇنەتلەنگەن بولسا قىزىتما ئۆرلەيدۇ. قورساق كۆپۈپ قالىدۇ. كۆڭۈل ئېلىشىدۇ، قەي قىلىدۇ، بەزىلىرى ھوشسىزلىنىپ كېتىدۇ ۋە قاتتىق جۆيلۈشكە باشلايدۇ.
ئەگەر ئىششىق سەپرادىن (قۇرۇق ئىسسىق) بولسا قىزىتما، تىترەش ۋە جۇغ جۇغ بولىدۇ، ئاغرىش ۋە ئوتتا كۆيگەندەك ئېچىشىش ئۆتكۈر بولىدۇ. كېسەل ئۇيقۇسىز، ئۇسسۇزلۇقى ككپ، ئېغىزنىڭ تەمى ئاچچىق، سۈيدۈكى سېرىق ئېچىشىپ كېلىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە تېز سالىدۇ، بىمارنىڭ رەڭگى سېرىق، تىل يۈزىدە سېرىق گەز بولىدۇ. جىنسىي ئەزاسى ئېچىشىدۇ. بالىياتقۇدىن كەلگەن ھۆللۈك سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنى قىزارتىپ سالىدۇ.
ئەگەر بالىياتقۇ ئىششىقى بەلغەمدىن بولغان بولسا، قىزىش ۋە ئاغرىش يەڭگىل بولىدۇ، قورساق كۆپۈپ قالىدۇ. بالىياتقۇ ساھەسىدە ئېغىرلىق، قول ۋە پۇتتا سوغۇقلۇق پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوغۇقلۇقنىڭ يەڭگىل ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
ئەگەر بالىياتقۇ ئىششىقى سەۋدادىن بولسا، ئاغرىش يەڭگىل بولىدۇ، ئەۋرەت قىسمىدا ئېغىرلىق سېزىم بولىدۇ، سۈيدۈك ۋە ئارقا تەرەت تەستە كېلىدۇ، بەدىنى ئورۇق ۋە ئاجىز بولىدۇ، ماڭغاندا پاقالچەكتە ئىختىيارسىز تىتىرەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، مېڭىش-تۇرۇشنى ياقتۇرمايدىغان، ئاچچىقى يامان خىيالپەرەس بولۇپ قالىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە ئاستا سالىدۇ، ئىستىسقاغا ئوخشاش قول پۇتىدا ئىششىق پەيدا بولىدۇ.
ئەگەر ئىششىق بالىياتقۇ بوينىدا بولسا، بالىياتقۇ شىللىق پەردىسىدە كۆپۈشۈش پەيدا بولىدۇ، چىقىدىغان ھۆللۈكنىڭ مىقدارى كۆپىيىدۇ، بالىياتقۇ ئېغىزى قېلىنلاپ ئۇنىڭ ئىچكى پەردىسى چۈشۈپ كېتىدۇ، نەتىجىدە ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاغرىق بولىدۇ، كېسەل كۆپىنچە تۇغماس بولۇپ قالىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
تازىلىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، بىمارنى پاكىزە بېقىش، مۇۋاپىق دەم ئالغۇزۇش، ئوچۇق ھاۋالىق جايدا قويۇش، مېڭىش-تۇرۇشتىن چەكلەش، قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غىزاسىنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىپ، تېز ھەزىم بولىدىغان غىزالارنى بېرىش بىلەن بىرگە پاقلان شورپىسىغا نوقۇت قوشۇپ بېرىش، سۈتتىن پەرھىز قىلدۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.