بۇ قىزلىق پەردىسى تەبىئىي قاتتىق بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەتتە قىيىنچىلىق پەيدا بولىدۇ.
سەۋەبى:
تۇغۇلما قاتتىق بولۇش، جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، تاغلىق رايوندا ياشاش ۋە باشقىلار بۇنىڭغا سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزانى سايمان بىلەن تەكشۈرگەندە قىزلىق پەردىنىڭ قاتتىقلىقى بىلىنىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
قىزلىق پەردىنى تىغ بىلەن تىلىپ تاشلاپ، ئاندىن مۇۋاپىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
ئەگەر بۇ سەل خەتەرلىك تۇيۇلسا، ئاش تۇزىنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، جىنسىي ئەزاغا قويۇپ بەرسە قىزلىق پەردىسىنىڭ قاتتىقلىقىنى يوق قىلىدۇ.
قىزلىق پەردىسىنى تىغ بىلەن تىلىۋەتكەندە جىنسىي ئەزاغا مەلھىمى داخىلىيۇن (ھەرخىل مۇرەككەپ دورىلار بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەڭشىتىۋالسا بولىدۇ.) لارنى يەرلىك ئورۇنغا چاپلىنىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن ۋە يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.