مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1300 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ دىلچىقنىڭ ئۇچىدا قان يىغىلىۋېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، شۇ سەۋەپتىن دىلچىق قىزىل ھالەتتە تۇرىدۇ.

سەۋەبى:

بۇ كېسەلنىڭ ئەمەلىي سەۋەبى دىلچىق ساھەسىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، دىلچىق ساھەسىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ تېزلىشىپ كېتىشى ئاساسەن جىنسىي ئەزا ياكى بالىياتقۇنىڭ قىچىشىشىنى، دىلچىقنىڭ تۇغۇلما ئۇزۇن بولۇشى ۋە مېڭىش-تۇرۇشتا كىيىمنىڭ سۈركىلىشى، داۋاملىق سىلاش ۋە ئاياللاردىكى قول بىلەن لەززەتلىنىش ئادىتى ۋە باشقىلار بۇ كېسەلگە سەۋەبچى بولىدۇ.

ئالامىتى:

دىلچىقتا قىزىرىش ۋە شەلۋەرەش، ئېچىشىش بولىدۇ. يەڭگىل قىچىشىش بولغاچقا ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئامراق بولۇپ قالىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

ئەسلى كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىنى يوقىتىش كېرەك.


ئەگەر جىنسىي ئەزانىڭ قىچىشىشى ئۇنىڭغا سەۋەب بولغان بولسا جىنسىي ئەزانى پاكىزە تۇتۇش بىلەن بىرگە قان تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش لازىم.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

يېمەك-ئىچمىكى ئۈچۈن ئارپا ئېشى، سۈت، گۈرۈچ، پالەك، قاپاق، سېمىزئوت قاتارلىقلار قوشۇپ بېرىلىدۇ.

لازا – ئاچچىقسۇ، ئىسسىق تەبىئەتلىك چايلىق دورىلار، تۇزلىغان گۆش، تۇخۇم قاتارلىق ئۆتكۈر غىزالاردىن پەرھىز قىلىش، تېز قوزغىلىش ۋە ھەرىكەتتىن ساقلىنىش، دەم ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.