مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1259 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئادەتتە نورمال ھامىلدارلىق 280 كۈن داۋام قىلىدۇ . ئەگەر تۇغىدىغان ۋاقتى ئالدىنئالا تەخمىنەن ھېساب قىلىنىپ قويۇلغاندا ، تەييارلىق ئىشلىرىنى ئالدىدىن ئورۇنلاش بىلەن تۇغۇت ۋاقتىدا ئالدىراپ قېلىشتىن ساقلىنىش مۇمكىن . 

    بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە پايدىلىنىدىغان ھېسابلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە : ئاخىرقى ھەيزنىڭ 1- كۈنىگە توققۇز ئاي يەتتە كۈننى قۇشۇش ياكى ھەيز كۆرگەن ۋاقىتتىن ئۈچ ئاينى ئېلىپ تاشلاپ يەتتە كۈننى قوشۇشتۇر . شۇنداق ھېسابلىغاندا بەلكى تۇنجى ھامىلدارلار پەرەز قىلىنغان ۋاقىتتىن بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال ، تەكرار ھامىلدار بولغانلار بىر نەچچە كۈن كېيىن تۇغۇشى مۇمكىن . لېكىن ، بۇ ئۇسۇلدا ھېسابلىغاندا پەرەز قىلىنغان ۋاقىت بىلەن تۇغۇپ بولغان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقىدا ئانچە كۆپ پەرق بولمايدۇ .


   مەسىلەن :  ئاخىرقى ھەيز 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەلگەن بولسا ، بۇ ئايال كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تۇغۇشى مۇمكىن .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.