بۇ جىنسىي يول ئىچىدە يارا شەكىللىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
بىرەر قاتتىق سۈركىلىش، ياللۇغ ياكى مۇدۇر چاقىلارنىڭ پىشىپ يېرىلىشى، جىنسىي ئەزا ياكى بالىياتقۇدىن كىسلاتالىق ھۆللۈكنىڭ سىرتقا چىقىپ تۇرۇشى، سىبلىس ياكى سىل جاراسىمىنىڭ تەسىرى ۋە باشقىلار بۇ كېسەلگە سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن قارىغاندا يارىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن يىرىڭ ياكى يىرىڭلىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ، ئاغرىش بولىدۇ. ئەگەر سىل جاراسىمدىن زەخىملەنگەن بولسا، مىكروسكۇپتا كۆزەتكەندە سىل جاراسىمنى كۆرگىلى بولىدۇ، سىبلىس زەخىملىرىدە ئۇنىڭ مەخسۇس ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
سەۋەبىنى ئېنىقلاپ سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
بۇسلۇق تاماق، لازا، ئاچچىقسۇ، كالا گۆشى قاتارلىق يەللىك غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.