مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3550 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ ئاياللار جىنسىي ئەزالىرى ۋە ئەتراپتىكى قوشقۇچى توقۇلمىلار، قورساق پەردىسى، داس بوشلۇقى قىسمىدا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ياللۇغلىنىش بىر جايدا ياكى بىر قانچە ئورۇندا بىر ۋاقىتتا قوزغۇلۇپمۇ قالىدۇ. 

سەۋەبى: 

1. ئۆتكۈر بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ئۆتكۈر بالىياتقۇ مۇسكۇل ياللۇغى كۆپ بويىدىن ئاجراش، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت، بالا قىردۇرۇشتىن كېيىن پەرھىزگە دىققەت قىلماسلىق، ئىممۇنىتېت تۆۋەنلەش، ھەيز كۆرگەندە تازىلىق قەغىزىنىڭ پاكىز بولماسلىقى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.


2. ئۆتكۈر تۇخۇم توشۇش نەيچە ياللۇغى، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە يىرىڭ يىغىلىش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى ۋە تۇخۇمدان يىرىڭلىق ئىششىقىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

3. ئۆتكۈر داس بوشلۇقى قوشقۇچى تۇقۇلمىلار ياللۇغى، قورساق پەردە ياللۇغىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

4. قان زەھەرلىنىش، يىرىڭ زەھىرى قانغا ئۆتۈش، چىللە مەزگىلىدىكى ئېغىر يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇملىنىشقا قوشۇلۇپ كەلگەن بۇيىدىن ئاجراشنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: 

دەسلەپتە قىزىتمىغا قورساقنىڭ ئاستى ئاغرىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئېغىر بولغاندا يۇقىرى قىزىتما، توڭلاپ تىتىرەش، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش، باش ئاغرىش بولىدۇ. قورساق پەردىسى ياللۇغلانغان بولسا قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، داس بوشلۇقى يىرىڭلىق ئىششىقى بولىدۇ. بالىياتقۇ كەينىدە بولسا ئىچى سۈرۈش، قۇرۇق ئىنجىق ۋە تۈز ئۈچەي غىدىقلىنىش ئالامەتلىرى بولىدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى: 

1. يېتىپ ئارام ئالدۇرىلىدۇ، ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش، يېتەرلىك سۇ بىلەن تەمىنلەش، بىمارنى يېرىم ياتقۇزۇش بىلەن يىرىڭنى داس بوشلۇقىغا يىغىپ ياللۇغلىنىشنى چەكلەش لازىم. ياللۇغنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللر بۆلۈمىدىكى ھاجەتسىز تەكشۈرۈشلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىش لازىم. 

2. قان تازىلىغۇچى، قىزىتما پەسەيتكۈچى ۋە ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 

كالا گۆشى، قىيمىلىق تاماق، لەڭپۇڭ، لازا-ئاچچىقسۇ قاتارلىق تاماقلاردىن پەرھىز تۇتىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.