مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3191 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ تورسىمان بېشىغا يېقىن جايدا تېرىق چوڭلۇقىدا ياكى تۇخۇمدەك ئۆسمە پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك. 

سەۋەبى: 

غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرى ۋە قان بۇزۇلۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: 

ھەيز تەرتىپسىز ۋە ئاغرىتىپ كېلىدۇ. جىنسىي يول ۋە قورساقنى تەكشۈرگەندە تۇخۇمدانغا يېقىن جاينىڭ تورسىمان بېشىدا ئۆسمىنىڭ بارلىقىنى سەزگىلى بولىدۇ. داس قىسمى ۋە يېرىق ئەتراپى كۆيىشىپ ئاغرىيدۇ. 

داۋالاش پرىنسىپى:

ئالدى بىلەن كېسەللىك قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇنىڭغا قارىتا پىشۇرغۇچى ۋە سۈرگۈچى، تەڭشىگۈچى دورىلارنى بېرىش كېرەك. 

تەڭشەپ ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ياللۇغ قايتۇرغۇچى، قاننى تازىلىغۇچى، ئۆسمىگە قارشى تۇرغۇچى دورىلار ئارلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 

دورىلىق توخۇ گۆشى، غاز، ئۆردەك، كەپتەر باجكىسى گۆشلىرىنى ۋە قوي گۆشىدە ئىتىلگەن زىخ كاۋىپى، سۇدا پىشۇرۇلغان قوي گۆشى (شورپىسىنى ئىچمەي) ئاز-ئازدىن يىيىش، لازا، كالا گۆشى، گۆشگىردە قاتارلىق غىدىقلىغۇچى، يەللىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.