مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3976 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېسەل قوزغاتقۇچى جاراسىملار جىنسىي يولغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئاخىرىدا تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى ياللۇغلاندۇرۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت. 

سەۋەبى: 

ھامىلىنى قىرىش ئوپېراتسىيە ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى بۇغۇش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئاسارەت قېلىش، سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن مۇددەت يىيىش ۋە سوغۇق مۇھىتتا ئۇزۇن مۇددەت ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 

ئالامىتى: 

ئاساسلىقى قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى ئاغرىيدۇ. ئېغىر بولغاندا قىزىش، باش ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىق قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئەگەر ياللۇغ سۈيدۈك ئاجرىتىش يولىغا تارالسا، سىيىش قىيىنلىشىش ياكى كۆپ سىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر تۈز ئۈچەيگە تارالسا تەرەت قىلىش قىيىنلىشىش ياكى تەرىتى قىستىغاندەك سېزىم پەيدا بولۇش، ئەمما تەرەت كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. سوزۇلما قوشۇمچە ئەزا ياللۇغىغا ئايلانغاندا قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى قايتا-قايتا بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىيدۇ. بەزىدە سول ياكى ئوڭ تەرەپ ئاغرىش، ئېسىلىپ ئاغرىش، بەزىدە يىرىڭ يىغىلغاندا يىغىلغان يىرىڭ سۈمۈرۈلۈپ شىرىلىك سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىققاندىن كېيىن تەدرىجىي ئىششىپ سۇ يىغىلىدۇ. ئىششىق تۇخۇمدان چوڭلۇقىدا بولىدۇ. دىۋارى نېپىز بولۇپ بېلىق ساقىقىغا بىر ئاز ئوخشايدۇ. بۇ چاغدا ئاغرىق تۇتسا كېسەل ئاغرىققا چىدىيالمايدۇ. بەل، توققۇز كۆز قىسمى ئاغرىيدۇ. داس بوشلۇقىدا قان قايغانلىقتىن ھەيز مىقدارى زىيادە كۆپ بولىدۇ. ياكى ھەيز قالايمىقانلىشىپ، ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. ئەگەر ياللۇغ سەۋەبىدىن تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى توسۇلۇپ قالسا، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قىسىم كېسەللەردە ياللۇغ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقانلىقتىن روھىي كەيپىياتى تۇراقسىزلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، پۈتۈن بەدەن ئارامسىزلىنىش قاتارلىق نېرۋىسى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ. دائىم چارچىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ياكى ھەيزدىن كېيىن ئېغىرلىشىدۇ، ئاق خۇن كۆپىيىدۇ. 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: 

يەللىك، غىدىقلىغۇچى تاماقلاردىن يەنى كالا گۆشى، لازا-ئاچچىقسۇ، لەڭپۇڭ قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.