تۇخۇمدان غىلاۋىدا سۇيۇق ئاق رەڭلىك ياكى ئازراق قىزىلغا مايىل چاپلاشقان سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، تۇخۇمدان قېپى سۇ بىلەن تولغان خالتىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئاستا-ئاستا چوڭىيىپ داس بوشلۇققا چىقىپ قورساق بوشلۇقىغىچە كېڭىيىدۇ. بۇ كېسەل 30-40 ياشلارغىچە بولغان ئاياللاردا، بولۇپمۇ بالىياتقۇ كېسىلى بىلەن ئاغرىغان ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى:
تۇخۇمدان ئاجىزلىق ياكى قان بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن بولغان تۇخۇمدان سىرتقى پەردىسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىششىق پەيدا بولۇپ، ئىششىق يۇچىقىدىن سۇيۇق ھۆللۈكنىڭ سىرغىپ چىقىشى بۇ كېسەلگە سەۋەبچى بولىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپتە قورساق ۋە دوۋسۇن قىسمى ئارىلىقىدا يۇمىلاق دائىرلىك كۆپۈشۈش پەيدا بولىدۇ. تەدرىجى بۇ كۆپۈشكەن ئورۇن قورساق قىسمىنى قاپلايدۇ. ئەگەر كېسەلنىڭ قورساق ساھەسىگە ئىككى قولىنى قويۇپبىر تەرەپكە ھەرىكەتلەندۈرسە ئىككىنچى قولىغا سۇ دولقۇنلىغاندەك سېزىم بولىدۇ. چۈنكى كۆپ ھالدا بىرلا تۇخۇمدان غىلاۋىغا سۇ يىغىلغان بولغاچقا شۇنداق سېزىم بولىدۇ. كېسەلدە ھەيزنىڭ ئەھۋالى ئادەتتىكىدەك بولىدۇ. كېسەل ئېغىرلاشقاندا ھەيز ئازلاپ كېتىدۇ ياكى توختايدۇ. ئەگەر كېسەل ئاجىز بولسا تۇخۇمدان غىلاۋىنىڭ تارتىشىش سەۋەبىدىن ھەيز كۆپىيىپ كېتىشى مۇمكىن. سۇنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى سەۋەبىدىن قورساق ۋە دىئافراگمىغا بېسىم چۈشۈش بىلەن نەپەس قىيىنلىشىشقا باشلايدۇ. كۆپىنچە قەۋزىيەت كېلىدۇ. ئىختىيارسىز مېڭىپ كېتىدۇ. بەزىدە سۈيدۈك ئاز-ئاز، ئارقا-ئارقىدىن كېلىدۇ. ئىختىيارسىز مېڭىپ كېتىدۇ. بەزىدە سۈيدۈك يولى بېسىلىشقا ئۇچرىسا سۈيدۈك توختاپ قالىدۇ. نەتىجىدە سۈيدۈك زەھىرى قانغا ئۆتۈپ تۈرلۈك كېسەللەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
كېسەلنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ ئۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم. ئالدى بىلەن جىگەرنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلارنى بېرىپ ھۆللۈكنى ئازايتىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
كەپتەر گۆشى ۋە قۇشقاچ گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ بېرىلىدۇ.
لېكىن سوغۇق تەبىئەتلىك ۋە ھۆللۈكى يۇقىرى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر جۈملىدىن سوغۇق سۇ ئىچىش پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.