بۇ بالىياتقۇ مۇسكۇلىدا ئۆسمە پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە 30-50 ياشتىكى ئاياللاردا ھەمدە تۇغماسلىق تارىخى بار ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپىنچە ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن يىگىلەيدۇ.
سەۋەبى:
ئاساسلىقى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانىلىق ھورمۇننىڭ كۆپىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
ئالامىتى:
دائىم ھەيز بەك كۆپ ۋە قالايمىقان كېلىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز دەۋرى ئۇزىراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، قىسمەنلىرىدە ئۆزگەرمەيدىغان ياكى ئازىيىدىغانلىرىمۇ بار، نىكروزلىنىش، يارا، يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەتسە جىنسىي يولدىن قان كېلىدۇ، ئادەتتە ئاغرىش بولمايدۇ. شىللىق پەردە مۇسكۇل ئۆسمىسىنىڭ ساپىقى تولغىشىپ قالسا جىددىي ئاغرىش يۈز بېرىدۇ، مۇنەك بولىدۇ، مۇنەك چوڭ بولغاندا تۇتۇپ بىلگىلى بولىدۇ ھەم قوشنا ئەزالارنى باسىدۇ، بەزىدە سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش ۋە قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شىللىق پەردە ئاستى مۇسكۇل ئۆسمىسىدە ئاق خۇن كۆپىيىش كۆرۈلىدۇ، بەزىدە يىرىڭلىق، بەزىدە پاسكىنا گۆش يۇغان سۇدەك ئاق خۇن كېلىدۇ، كۆپىنچە تۇغماسلىق تارىخى بولىدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرگەندە بالىياتقۇنىڭ يوغىنىغانلىقى بىلىنىدۇ ياكى قاتتىقراق مۇنەك ئۇرۇنىدۇ.
ھەرقايسى تۈرلەردىكى ئىپادىلىرى-مۇسكۇل تېمى ئارلىق ئۆسمىسىدە، كىچىك ۋاقتىدا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، ئۆسمە يوغىنىغاندا بالىياتقۇ يوغىنايدۇ. ھەيز كۆپ، ۋاقتى ئۇزۇن بولىدۇ.
شىللىق پەردە مۇسكۇل ئۆسمىسىدە-ھەيز كۆپىيىش، بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرى ئۆسمە يوغىنىغاندا ھەيز كۆپىيىپ نىكروزلانسا ياكى يۇقۇملىنىش كۆرۈلسە ۋېنادىن قان ياكى يىرىڭلىق ئاق خۇن كېلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
يەڭگىل، تېز ھەزىم بولىدىغان تائاملار بېرىلىدۇ. يەل قوزغايدىغان لازا-ئاچچىقسۇ، ھوردا پىشۇرۇلغان نان، قىيمىلىق تراماق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.