بۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ جىنسىي يول ئېغىزىنىڭ سىرتىغا چىقىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە قېرى ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
سەۋەبى:
كۆپ بويىدىن ئاجراش، ئېگىز يەردىن سەكرەش، ئېغىر يۈك كۆتۈرۈش، ئەمگەكنىڭ بەدەن قابىلىيىتىدىن ئارتۇق بولۇشى، تۇغۇتتىن كېيىن بالىياتقۇ ئەسلىگە كەلمەستىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كېسەللىكنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ روشەن ئالامەتلەر بىلىنىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇ چىقىۋېلىش يىنىك ھالەتتە بولسا بەلدە ۋە تاشقى جىنسىي ئەزادا چىڭقىلىپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تەكشۈرۈپ كۆرگىنىمىزدە بالىياتقۇ ئېسىلگەن ھالەتتە بولۇپ ئەسلىدىكى ئورنىدىن سەل پەسلىگەن، شۇنداقلا سەل چوڭايغانلىقى روشەن بىلىنىدۇ. ئەگەر كېسەللىك ئېغىرلاشقان ھالەتتە بولسا بالىياتقۇ رەسمىي سىرتقى جىنسىي ئەزاغا چىقىدۇ، بۇنداق ھالەتتىكى بالىياتقۇ چۇقۇقىنى سايمان ئىشلەتمەيمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بۇنى قولىمىز بىلەن يىنىك بېسىپ كىرگۈزۈۋەتسەك كىرىپ كېتىدۇ، ئەمما ئايال ئورنىدىن تۇرسا يەنە قوزغىلىپ چىقىۋالىدۇ، بۇ ھالەتە ئۆزگىرىپ ئېغىرلىشىپ كەتسە، بالىياتقۇ دائىم سىرتىغا چىقىۋالىدۇ ھەم ئېسىلىپ ئامۇت چوڭلۇقىدا كۆرۈنۈپ سۈيدۈك يولى ئېغىزىنى توسۇۋالىدۇ، ھەتتا چوڭ تەرەت يولىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ھالەتتىكى چوقۇق كېسىلى بالياتقۇنىڭ تەتۈرسىگە ئۆرۈلۈپ قېلىش دېيىلىدۇ. بۇ خىل چىقىپ قېلىشتا ئاغرىش كۈچلۈك بولىدۇ، چوڭ تەرەت يوللىرىمۇ چىڭقىلىپ ئارىيدۇ. ھەرىكەت قىلىش دەخلىگە ئۇچراپ يول مېڭىشقىمۇ بولمايدۇ، ئىچكى كىيىملىرىگە سۈركىلىپ، يارا ھاسىل قىلىش بىلەن ئاق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقلار ئاقىدۇ، داۋاملىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىپلا تۇرىدۇ. بۇ خىل ئېغىر كېسەل كۆپىنچە 45 ياشتىن يۇقىرى ئاياللاردا ئۇچرايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
دورا ئىشلىتىپ داۋالاش بىلەن بىرگە بالىياتقۇ تىرىكى ئىشلىتىش لازىم. بۇ بىرىنچى، ئىككىنچى دەرىجىلىكلەرگە مۇۋاپىق، ياشىنىپ قالغانلارغىمۇ تىرەك ئىشلىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك تېنى ئاجىز، ئوپېراتسىيەنى قوبۇل قىلمايدىغانلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئوپېراتسىيەسىز داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەندە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ. دورا ئىشلىتىشتە كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەي-تارىمۇشلارنى چىڭىتىش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، يۆتەل ۋە قەۋزىيەتنى داۋالاش ئارقىلىق بالىياتقۇغا چۈشىدىغان بېسىمنى يەڭگىللىتىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
يىلان گۆشى شورپىسىنى ئۈچ كۈن ئىچكەندىن كېيىن، بىر دانە كىرپىنىڭ گۆشىنى بىر يېرىم چېنە سۇغا سېلىپ، كىچىك چىلاننىڭ يېرىمىدەك مومىيا بىلەن ئىككى دانە توخۇ تۇخۇمىنى چېقىپ سېلىپ، يەڭگىل ئوتتا يېرىم چېنە سۈيى قالغۇچى قاينىتىپ بىر قېتىمدىلا كىرپە گۆشىنى يەپ، شورپىسىنى ئىچىپ يەنە ھەركۈنى بىر دانە يېڭىدىن سويۇلغان كىرپىنىڭ تېرىسىگە ئولتۇرسا، تاكى بالىياتقۇ قىزىپ كېتىپ، ئورنىغا كەلگۈچە يۇقىرىقى ئۇسۇلدا ئۈچ كۈن يىلان شورپىسى، بىر كۈن كىرپە گۆشى شورپىسى ئىچىشنى داۋاملاشتۇرسا، بالىياتقۇقى چىقۇقىغا مەنپەت قىلىدۇ.
سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەك-ئىچمەكلەر ۋە كالا گۆشى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.