بۇ بالىياتقۇدا سۇ يىغىلىپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھەيز توختاپ قالىدۇ، ئاندىن كېيىن داس قىسمىدا كۆپۈشۈش سېزىمى بولىدۇ. بۇ تەرەققىي قىلىپ داس بوشلۇقىدىن قورساق بوشلۇقى تەرەپكە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىمارنىڭ قورسىقى چوڭىيىپ كېتىدۇ.
سەۋەبى:
جىگەر ۋە بالىياتقۇ ئاجىزلاپ قالغانلىقتىن، بالىياتقۇنىڭ تارتىش كۈچى ئاجىزلاپ كېتىشتىن سۇ چۈشۈپ قالىدۇ.
ئالامىتى:
بۇ كېسەل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ھەيز توختاپ قالىدۇ، قورساقتا كوركىراش پەيدا بولىدۇ، جۈملىدىن مېڭىش-تۇرۇش، ھەرىكەت قىلغاندا كوركىراش، زىيادە بولىدۇ، قورساقنىڭ ئاستى قىسمىدا يۇمشاق ئىششىق پەيدا بولىدۇ، بەزىدە ئىستىسقانىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، كۆپىنچە بالىياتقۇدىن سۇيۇق ھۆللۈك ئېقىپ تۇرىدۇ، بەزىلىرى بىماردا ھامىلدارلىقنىڭ گۇمانىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ بالىياتقۇدا سۇ چۈشكەندە ھەرىكەت سېزىمى بولمايدۇ، بەزىدە كۆپ مىقداردىكى سۇيۇقلۇق جىنسىي ئەزادىن بىراقلا ئېقىپ چىقىدۇ، داس قىسمىدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
بەدەننى ۋە بالىياتقۇنى تەنقىيە قىلىش ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش، بەدەندىكى ۋە بالىياتقۇدىكى ئارتۇق ھۆللۈكنى تازىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك غىزالار بېرىلىپ، زىيادە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.