مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2477 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ بالىياتقۇ ئىچكى قىسمىدا بولۇپمۇ بالىياتقۇ ئېغىزىدا كىچىك مۇدۇرلار پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى:

ئاساسلىقى قانغا غەيرىي تەبىئىي سەپرا ماددىسىنىڭ ئارىلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا جىنسىي ئەزا تازىلىقىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىنمۇ بۇ كسەل پەيدا بولىدۇ.

ئالامىتى:

دەسلىپىدە بالىياتقۇ قىچىشىش پەيدا بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىمار جىنسىي مۇناسىۋەتكە قىزىقىپ كېتىدۇ. ئەگەر كېسەللىك بالىياتقۇ ئېغىزىدا بولسا، جىنسىي ئەزانى تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن كۆرگەندە مۇدۇرچاقىلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئەسۋابى بولمىغاندا بالىياتقۇ ئېغىزىغا بارماقنى سېلىپ باسقاندا ئاغرىش، ئېچىشىش سېزىمى بولىدۇ. ئەگەردە سەپرا ماددىسى كۈچلۈك بولسا ئېچىشىش، ئاغرىش بىلەن بىللە قىزىتما بولىدۇ. مۇدۇرلار زېدىلەنگەن بولسا ئاز مىقداردا ئاقۇچ سۇيۇقلۇق كېلىدۇ، كەلگەن سۇيۇقلۇق ناھايىتى كۆيگەندەك ئېچىشتۇرىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

بەدەننى، كىيىم-كېچەكلەرنى پاكىز تۇتۇش، تازىلىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

تامىقىغا سەپرانى پەسەيتكۈچى سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەنى، ئارپا ئېشى، سۈت، كۆكتات ۋە گۈرۈچ، ماش قاتارلىقلارنى بېرىش لازىم. ياڭاق، ئۈزۈم، قوي گۆشى، چاي، ھاراق، تۇز قاتارلىق ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.