ھەيز دەۋرىدە ۋە ھەيز كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى قاتتىق ئاغرىپ ھەيز كېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ بىرلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش ۋە ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
سەۋەبى:
بىرلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش تۇنجى ھەيزدىن باشلىنىدۇ. بۇنى كۆپىنچە بالىياتقۇ ياخشى يېتىلمەسلىك، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى تار بولۇش، بالىياتقۇ زىيادە ئىگىلىش قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كۆپىنچە جىنسىي ئەزا ياللۇغى، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى غەيرىي ئورۇنلىشىش، ئۆسمە قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
بىرلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش: ھەيز كېلىشتىن يېرىم كۈن ياكى بىرنەچچە سائەت ئىلگىرى قورساقنىڭ تۆۋەن قىسمى، بەل تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئاغرىيدۇ. قۇرۇق ئىنجىق كېلىدۇ، تولغاپ ئاغرىش كۈچىيىدۇ. بىرقىسىم بىمارلاردا ھەيز قېنى چىققاندىن كېيىن ئاغرىق بىر ئاز پەسىيىدۇ، ئاندىن كېيىن يەنە تەدرىجىي كۈچيىدۇ. ئاغرىق بەك قاتتىق بولغاندا يەنە بىر قىسىم ھەيز قېنى چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن ئاغرىق پەسىيىدۇ. شۇنىڭدەك كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، بېشى ئاغرىش، ئىچى تىتىلداش قاتارلىقلارمۇ بىرگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بىر-ئۈچ كۈندىن كېيىن پەيدىنپەي يېنىكلەيدۇ. ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن ئاغرىقمۇ يېنىكلەيدۇ. بۇ بالىياتقۇ يېتىلىش ناچار بولۇش، ئالدىغا ياكى كەينىگە ئېگىلىش، بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى تارىيىش قاتارلىقلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش:
1. قان تولۇش خاراكتېرلىك ئاغرىش، ھەيزدىن ھەپتە ئىلگىرى باشلىنىپ بەل، قورساق، چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ. بولۇپمۇ توققۇز كۆز قىسمى قاتتىق ئاغرىپ مەقئەت قىسمىغا تارىلىپ توختىماي ئېغىرلىشىپ ھەيز كەلگۈچە ئاغرىيدۇ. ھەيز كەلگەندىن كېيىن گەرچە بىر ئاز يەڭگىللىسىمۇ، كۆپىنچە پۈتكۈل ھەيز مەزگىلىدە قوشۇلۇپ كېلىدۇ. بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك داس بوشلۇقى ياللۇغى ئېغىرلىشىپ، ھەيز مەزگىلىدە داس بوشلۇقىغا قان تولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كېسەلدە دائىم قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى يوشۇرۇن ئاغرىشتەك كېسەللىك تارىخى بولىدۇ.
2. تارتىشىپ قېلىش خاراكتېرلىك ئاغرىش، بىرلەمچى خاراكتېرلىك ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشكە ئوخشايدۇ. كۆپىنچە بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ ئورنىنىڭ كەينىگە جايلىشىشى، ئىككىلەمچى بالىياتقۇ بوينى نەيچىسىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشى ياكى تارىيىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ئورنى خاتا جايلىشىپ قېلىش كېسلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىتىپ كېلىدىغان ھەيز، كۆپىنچە يۇقىرىقى ئىككى خىل ئىپادىدە قوشۇلۇپ كېلىدۇ، لېكىن ئاغرىش ئادەتتە بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، بەلكى ئىلگىرلەش خاراكتېرلىك كۈچىيىدۇ، ھەمدە دائىم چوڭ-كىچىك تەرەت قىلغاندا ئىنجىقلىغۇسى كېلىدۇ. ھەيزدىن پاكلانغاندىن كېيىن يەنە بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپلىرى:
بالىياتقۇ ياكى ئەتراپتىكى يېقىن قوشنا ئەزالاردا كېسەللىك (ياللۇغلىنىش) بولسا، ئالدى بىلەن ئۇلارنى داۋالاش، چۈشەنچە بېرىش ئارقىلىق ئەندىشە ۋە قورقۇش ھېسسىياتلىرىنى يوقىتىش، ھەيز كەلگەن چاغدا روھىي جىددىيلىك ۋە زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىش، بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، سالامەتلىكنى ياخشىلاش، ئوزۇقلىنىشقا، تازىلىققا دىققەت قىلىشنى، مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇشنى، يېتەرلىك ئۇخلاش، تەرەتلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، جىنسىي ئالاقىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇشنى تەكىتلەش لازىم. ئاغرىغان چاغدا دوۋسۇن ساھەسىگە گرىلكىدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قېتىق، تاۋۇز، ئالما قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىكتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.