مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2404 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تۇنجى ھەيز كۆرگەندىن تارتىپ ھەيزنىڭ نورمال مىقدارىدىن ئاز كېلىشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.

سەۋەبى:

بالىياتقۇ تەرەققىياتى ياخشى بولماسلىق، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى زەخىملىنىش، تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى ياخشى بولماسلىق، روھىي ئامىل، زىيادە ھېرىپ-چارچاش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، تۇغۇت چەكلەش دورىلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش، قان قويۇقلۇقلىشىپ كېتىش، كەم قانلىق، سوزۇلما خوراش قاتارلىق كېسەللىكلەر ھەيز ئاز كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالامىتى:

ھەيز دەۋرىيلىكى نورمال، ئەمما كېلىدىغان قاننىڭ مىقدارى بەك ئاز بولىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

چالا پۇشۇرۇلغان قوي جىگىرىنى ئوتقا قاقلاپ يېيىشكە بېرىلىدۇ.

قېتىق، تاۋۇز قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكتىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.