مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1105 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ كېسەلدە ئومۇمەن جىنسىي ئەزانىڭ ئالدى ۋە ئارقا دىۋارىدا پەيدا بولىدىغان يارا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، يەرلىك ئورۇندىكى مۇسكۇللار بۇزۇلۇپ يارىنىڭ ئېغىزى كىچىكلەپ ئاقمىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭدىن يىرىڭ ۋە باشقا سىرغىما سۇيۇقلۇقلار ئېقىپ تۇرىدۇ.

سەۋەبى:

ئاساسلىقى جىنسىي يولدا شەكىللەنگەن يارىنى داۋالاشتا ئېھتىيات قىلماستىن ياكى داۋالاشقا سەل قارىغانلىقتىن يەرلىك ئورۇنغا بۇزۇق ماددىلار كۆپ يىغىلىۋېلىپ ئاقمىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئالامىتى:

جىنسىي ئەزانى كۆزىتىش ئەسۋابى بىلەن كۆزەتكەندە، جىنسىي ئەزانىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاقمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يارىنىڭ ئېغىزى تار بولۇپ يىرىڭ ۋە باشقا سىرغىما سۇيۇقلۇقلار ئېقىپ تۇرىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

بىمارنىڭ تىزىنى يىغىپ ئىككى تەرەپكە قايرىپ تۇرۇپ جىنسىي ئەزانى كۆزىتىش ئەسۋابىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئاقما بار ئورۇننى كۆزىتىپ، ئاندىن كېيىن ئاقمىنىڭ ئېغىزىغا نەيچە كىرگۈزۈپ ئاندىن كېسەلنى دۈم ياتقۇزۇپ ئاقمىنى سۇپۇن ۋە ئىسسىق سۇ بىلەن كىلزما قىلىپ مەخسۇس ئاقمىنىڭ دورىلىرىنى ئاقما بار ئورۇنغىچە يەتكۈزۈش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

يېمەك-ئىچمىكىگە توخۇ گۆشى، گۈرۈچ، پالەك قاتارلىقلارنى بېرىش، كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى، پىياز ۋە سۈتتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.