بۇ گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ياللۇغلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغى دائىم تاشقى جىنسىي ئەزا ياللۇغى بىلەن بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. چۈنكى گۆدەك قىزلاردا تۇخۇمداننىڭ خىزمىتى تەرەققىي قىلمىغانلىقتىن ۋە جىنسىي يول تېمى نېپىز ۋە ئاجىز بولغانلىقتىن جاراسىملار ئاسانلا ھۇجۇم قىلىپ يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىدۇ. ئېغى يوق ئىشتان كىيىدىغان گۆدەك قىزلارنىڭ تاشقى جىنسىي ئەزا قىسمى جاراسىم بىلەن ئەڭ ئوڭاي بۇلغىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەرخىل غەيرىي نەرسىلەرنى جىنسىي يولغا تىقىپ ئويناش، پاسكىنا قوللىرىدا جىنسىي ئەزاسىنى تۇتۇش نەتىجىسىدە گۆدەك قىزلاردا جىنسىي يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى:
كۆپىنچە گۆدەك قىزلارنىڭ جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى كۆپىيىدۇ. ئالدى دالانچە قىسمى قىزىرىپ، جىنسىي يول ئېغىزى ئىششىيدۇ. تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ قىچىشىپ ئاغرىشى ئۆزىگە سېزىلىدۇ. ئەگەر غەيرى نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن گۇمان قىلىنسا چىمچىلاق بارماقنى سۇڭىغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرگەندە غەيرىيي نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئالدىنى ئېلىشتا:
گۆدەك قىزلارغا بولغان تازىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ياىشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىلار باغچىسى، يەسلى قاتارلىق كوللېكتىپ ئورۇنلار ۋە ئاتا-ئانىلار بىرلىكتە گۆدەك قىزلارغا تازىلىق جەھەتتە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. گۆدەك قىزلارنى ھەركۈنى تاشقى جىنسىي ئەزاسىنى يۇيۇش، ئىچكى كىيىمنى دائىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئېغى ئوچۇق ئىشتاننى كەيگۈزمەسلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇش. بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇيۇنۇش داسلىرى ۋە بەدەن لۆڭگىلىرى بولۇش، ئاممىۋى مۇنچىلاردا يۇيۇنماسلىق لازىم.
تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، جىنسىي يوللارغا توپا، قۇملارنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش، ئۇپا قاتارلىق نەرسىلەرنى سېپىپ قويۇش كېرەك.
ئەگەر قۇرت ياكى زەمبۇرۇغنىڭ تەسىرىدىن ياللۇغلىنىش بولغان بولسا شۇنىڭغا قارىتا چارە قىلىنىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
قېتىق، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىق يېمىشلەردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.