مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2180 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بۇ جىنسىي لەۋنىڭ ئىككى كىچىك جىنسىي لېۋى  غەيرىي ئۇزىراپ چوڭىيىپ ساڭگىلاپ قېلىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى:

جىنسىي ئەزانىڭ سوزۇلما سىبلىسلىق جاراھەتلىرى، يەرلىك ئورۇندىكى شورىغۇچى تومۇرلارنىڭ توسۇلۇشى ۋە باشقىلارنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

ئىككى كىچىك جىنسىي لەۋ يوغىناپ، ئۇزىراپ، سىرتقا چىقىپ قالىدۇ. بۇ كېسەل كۆپىنچە شەھۋەتپەرەس ئاياللاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەللىككە دۇچار بولغان بىماردا سىبلىس كېسىلىنىڭ ئالامىتىمۇ كۆرۈلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى:

ئەگەر سىبلىس كېسەللىكى بۇنىڭغا سەۋەب بولغان بولسا، سىبلىسنى داۋالاش، ئەگەر زەخىم شەكىللەنگەن بولسا ئۇنى پاكىزە تۇتۇش، شۇنداقلا ئۇزىراپ قالغان لەۋلەرنى ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىش لازىم.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

قۇۋۋەتلىك تاماقلار بېرىلىدۇ.

بىر مەزگىل جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرھىز قىلىش ھەمدە نۇقۇت، پىدىگەن، كونىراپ قالغان گۆش ۋە لازا قاتارلىقلارنى يېيىشتىن ساقلىنىش لازىم.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.