مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1354 رەت   / مەنبە: ‹‹شىنجاڭ پەن–تېخنىكا›› گېزىتىدىن ئېلىندى

كۆپ قىسىم كىشلەر يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ . ئەمەلىيەتتە ، يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا روشەن بىشارىتى بولىدۇ . 

   كۆكرەك ئاغرىش يۈرەك كېسلى قوزغىلىشنىڭ روشەن ئىپادىسى : كۆكرەك بېسىلغاندەك ، قىسىلغاندەك بولۇپ بىئارام بولىدۇ ياكى ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ 2 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ . يۈرەك كېسىلى بارلاردا بۇ ئەھۋال 15 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا ، چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك . 

   مەيدە ئاغرىش يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن مەيدە ئاغرىش ئادەتتىكى مەيدە ئاغرىشقا ئوخشىمايدۇ . ئىچى سىقىلىش ، ئاشقازان كۆپۈش ئالامىتى بولىدۇ . بەزىدە قىسقا ۋاقىت ئاغرىش ، كۆيۇشۇش ، قاتتىق ئاغرىش ۋە كۆڭلى ئاينىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ ، يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ . 

   نەپسى جىددىيلىشىش بەزى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىدا نەپسى جىددىيلىشىش ياكى نەپسى قىسىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ . بىر نەچچە مىنۇت ئارام ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلگەندەك بولىدۇ . لېكىن ، قايتا ھەرىكەت قىلغاندا ھاسراش يەنە كۆرۈلىدۇ . 

   بەك ھارغىنلىق ھېس قىلىش نورمال ھەرىكەت قىلسىمۇ پۈتۈن بەدىنى ھارغىنلىق ھېس قىلسا ، ھەتتا يول ماڭغۇدەكمۇ مادارى قالمىسا ، بۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان زەئىپلىشىشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن . 

   ئەگەر يۇقارقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە ، ئاۋۋال نىتروگىلىتسېرىن (شياۋسۈەنگەنيوۋ 硝酸甘油) نى ئىچىش ، بەش مىنۇتتىن كېيىنمۇ ياخشىلانمىسا ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.