جىنسىي ئەزا لەۋلىرى ۋە ئۇنىڭ كاۋاكچىلىرىدا مودۇر چاقىلار شەكىللىنىپ، ھەمىشە ئاغرىش، بەزىدە ئېچىشىش ۋە قىچىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
قان بۇزۇلۇش، قۇرۇق ئىسسىق كۆپىيىش ۋە ھەيزنىڭ بۇزۇلۇشى، ياللۇغلىنىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
جىنسىي ئەزانى ئېچىپ كۆرگەندە مودۇر كۆرۈلىدۇ، چىدىغۇسىز ئېچىشىدۇ، ئېغىرلاشقاندا سۇيۇقلۇق سىرغىپ چىقىدۇ.
داۋالاش پىرىنسىپى:
كېسەللىكنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئۇنى يوقىتىش ھەمدە غالىپ كەلگەن خىلىتلارغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىش، ئەگەردە قاننىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن بولسا قاننى تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ئوغلاق گۆشى، ماش ئېشى، سۈت، مېۋىلەردىن ئاچچىق ئانار ۋە سوغۇق تەبىئەتلىك كۆكتاتلار بېرىلىدۇ. ئىسسىق دورىلار ۋە غىزالاردىن، تاتلىق نەرسىلەردىن، ياغدا پىشۇرۇلغان تائاملاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.