مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1097 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن جىنسىي ئەزا ئىچىدە ھەرخىل چوڭلۇقتىكى يارا پەيدا بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بۇ خىل يارا كۆپىنچە كىچىك جىنسىي لەۋنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىپ قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ.

سەۋەبى:

بۇ ئاساسلىقى تاشقى جىنسىي ئەزا يارىسىنىڭ جاراسىملار بىلەن يۇقۇملىنىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

بۇ خىل يارا كۆپىنچە جىنسىي لەۋنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىپ، قاتتىق ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. يارىنىڭ يۈزىدە كۆپلىگەن ئاجراتمىلار بولىدۇ، بەزىدە تاشقى جىنسىي ئەزاسىدا يارا پەيدا بولغان بىمارنىڭ ئېغىزى ئىچىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ياللۇغلىنىش ھەتتا يارا بىرلا ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يارىنىڭ شەكلى يۇمىلاق ياكى سوقىچاق چەمبەرسىمان ئىشىق بولۇپ، يارىنىڭ تېگىدە ئاچ كۈلرەڭلىك سىرغىتما سۇيۇقلۇق بولىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

تاشقى جىنسىي ئەزانى پاكىزە تۇتۇپ، باشقا يۇقۇملىنىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە نورمالسىز خىلىتلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولسا، شۇ خىلىتنىڭ مۇنزىج، مۇسھىلىنى بېرىش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.