ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەكنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان غول قان تومۇرىنىڭ تارىيىشى، توسۇلۇشى بىلەن يۈرەك مۇسكۇلىغا قىسقا ۋاقىت ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، كىلىنىكىدا تۆش سۆڭەك ئارقا تەرىپى تۇتقاقلىق ئاغرىش بىلەن ئىپادىلەنگەن شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك يۈرەك سانجىقى دېيىلىدۇ. بۇ كېسەل 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەردە، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شوغۇللانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
سەۋەبى:
1. موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.
2. كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.
3. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.
4. روھىي-نېرۋا ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.
5. ئېرسىيەت ئامىلى تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.
6. باشقا ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ. مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن كۆپ شوغۇللىنىش، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، قان ئازلىق قاتارلىقلار.
ئالامىتى: كېسەللىك تۇيۇقسىز باشلىنىدۇ. بىمارنىڭ كۆكرەك ساھەسىدە تۇتقاقلىق سانجىپ ئاغرىش بولىدۇ. ئاغرىق سول تاغاق ساھەسى ۋە مەيدە ئۇدۇلىغا تارقايدۇ. بىمار كۆكرىكى قىسىلغاندەك نەپەس سىقىلغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئاغرىق سول تەرەپ مۈرە، غول، جەينەك ۋە نامسىز، چىمچىلاق قول بارماق ئۇچلىرىغا تارقايدۇ. قاتتىق ئاغرىشتىن بىمار سوغۇق تەرلەيدۇ، دېمى سىقىلىدۇ، قورقۇنچ باسىدۇ، چىرايى تاتىرىدۇ. ئاغرىشنىڭ خاراكتېرى تۇتقاقلىق بېسىلىپ ئاغرىش، قىسىلىپ ئاغرىش ياكى تۇنجۇقۇش سېزىمى بولىدۇ. تۇتۇشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىر نەچچە سېكۇنت، بىر نەچچە مىنۇت بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئارام ئالغاندا ياكى كېسەللىكنى قوزغاتقۇچى ئامىللارنى يوقاتقاندن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئاسان چارچايدۇ. يۈرەك سالىدۇ، باش قايىدۇ، ھەتتا ئەس-ھوشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ۋاقىتلىق قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، كېسەل چارچىغاندا، روھىي جەھەتتىن جىددىيلەشكەندە، ھاراق، تاماكا ئىستېمال قىلغاندا، زىيادە تويۇنغاندا، ئرغىر جىسمانىي ھەرىكەت قىلغاندا ئاغرىش كۈچىيىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.