نصيوتۇننصڭ مۇشۇكلصرص
بۇ ھصكايصمۇ ناھايتص قصززصق ئصكةن، كۈچۈرۈپ چاپلاپ قويدۇم.
نىيۇتۇن ئىككى مۈشۈك باققان ئىكەن . مۈشۈكلەرنىڭ بىرى يەنە بىرىدىن چوڭراق ئىكەن . بىر كۈنى نىيۇتۇن : « مۈشۈكلىرىم سىرتقا چىقىپ ـ كىرەلەيدىغان بولسۇن » ، دەپ تامنىڭ بىر يېرىدىن ئىككى تۈشۈك تىشىپ قويۇپتۇ . بۇ تۈشۈكلەرمۇ چوڭ ـ كىچىك ئىكەن . بىر كۈنى بىر ئاغىنىسى زىيارەتكە كېلىپ ، تەساددىپى بۇ تۈشۈكلەرنى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ھەيران بولۇپ ، نىمىشكە چوڭ ـ كىچىك ئىككى تۈشۈك تىشىپ قويغانلىغىنى سورىغان ئىكەن ، نىيۇتۇن : « چوڭراق تۈشۈكنى چوڭ مۈشۈكۈم كىرىپ ـ چىقسۇن دەپ ، كىچىك تۈشۈكنى بولسا كىچىك مۈشۈكۈم كىرىپ چىقسۇن ، دەپ تىشىپ قويدۇم ، دەپتۇ . ئاغىنىسى ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاتتىق كۈلۈپ كىتىپتۇ ۋە :
قارا سىنى ، سەن ئەقلىڭنى يۇقاتتىڭمۇ ؟ ، دەپتۇ .
ـ نىمە بولدى ؟
ـ چوڭ مۈشۈك چىققان يەردىن كىچىك مۈشۈكمۇ چىقالايتتى ئەمەسمۇ ؟
نىيۇتۇن خاتا قىلغانلىغىنى دەرھاللا ھېس قىلىپ « ئاپلا » دەپتۇ ۋە پىشانىسىنى ئىسلاپ قاپتۇ …..
مةنبة: http://bbs.diyarim.com/showpost.asp?id=15834&forumid=75

Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!