ئىككى ھەپتىلىك تۇيغۇ Am I in Love with her?
ئەسلى مەن ئۇنى تۇنۇمايىتتم، تېخى ئۈتكەن ھەپتە يەنى 7 كۈن بۇرۇن6
(-ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنى) تۇنجى كۈرگەن. ئۈتكەن ھەپتە ئاخىرى جۇمە كۈنى كەچ
سائەت سەككىزدە مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپ ھاردۇقچىلىقتا قۇساق ئېچىپ ئاران
دىگەندە توخۇم بىلەن گۇرۇچ قۇرۇپ چاۋمىفەن قىلدىم، يەپ بولۇپ ئىشىكىمنىڭ
ئالدىغا چىقىپ ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرسام يىقىن دوستۇن ۋىل كەلدى. «ھەي،
ئىشكىڭنىڭ ئالدىڭدىدىن ئۈتكەچ سېنى خالىساڭ رىكو (بىزگە يىقىن بىر جايدىكى
جىيۇبانىڭ ئىسمى، بەك ياخشى يەر، ئۈزى تىنىچ، لەرزان گىتار مۇزىكىسى
ئورۇنلاپ بىرىدۇ بەزىدە) بېرىپ كىلەيلى دەپ ئالغىلى كىلىشىم، بىر مۇنچە
بالىلار بار». زىرىكىپ ئاران ئولتۇرغاندا بۇ گەپ تازا خوشياقتى، توختا
ئەمىسە دەپ كىيىپ ئايىغىمنى كىيىپ چىقتىم، 5 مىنۇتتا ئۇ يەرگە باردۇق. 10
دەك بالا بىر چوڭ ئىستاكان پىۋىنى ئالدىغا قويۇپ قىزغىن پاراڭلىشىپ
ئولتۇرۇپتۇ. قېشىمدا ئىككى ياپۇنلۇق ئەر ئايال ئولتۇردى، ئەر ئايال بۇلغان
بىلەن ئەمدى 23- ياشقا كىرگەن بالىلار، تېخى ھەپتە بۇرۇن ئوقۇش
پۈتتۈرۇپتىكەن. ئەتىسى دۈلىتىگە قايتىدىكەن. ئەسلى شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىلىپ
قاپتىكەن بۇلار. ھە دەپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇپ ئولتۇردۇم. مەن ئولتۇرغان
جۇزىنىڭ ئودۇل تەرىپىدە مەن تۇنۇمايدىغان 3 قىز ۋە بىر ئوغۇل ئولتۇرۇپتۇ.
قول ئېلىشىپ كۈرۈشكەچ ئىسمىمىزنى دىيىشتۇق. لېكىن مەن بىرسىنىڭمۇ ئىسمىنى
ئىسىمدە تۇتۇۋالالمىدىم. بۇلار پورتۇگالىيە ۋە بىرازىليەدىنكەن. بىرەر
سائەت ئولتۇرغاندىن كىيىن قايتتۇق. قايتىشتا بالىلار ئەتە روسىلىيا دا
rodeo بۇلىدۇ، بېرىپ كۈرۈپ كىلەيلي دىيىشتى. رودىيو دىگەن نىمە ئو دىسەم
ۋىل بىلەن شاۋمى بىر مۇنچە تۇنۇشتۇردى، لېكىن ئۇقالمىدىم، ئىشقىلىپ كالا،
ئاتقا ئائىت بىر مۇسابىقە ئىكەنلىگىنى بىلدىم. روسىلىيا دىگەننىڭ
نەدىلىگىنىمۇ بىلمىدىم. قېنى ئەتە بولسا قاراپ باقمايمۇ دەپ ئويلىدىم. ۋىل
بىلەن بىللە يېنىپ كەلدىم، قالغانلارنىڭ ئۈيى باشقا تەرەپتە بۇلغاچقا
ئۇلار ماشىنىسغا چۈشۈپ باشقا تەرەپكە كەتتى. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ھامىنى
تەتىل بۇلغاندىكىن بېرىپ كۈرۈپ كىلەي دەپ ئويلىدىم.
ئەتىسى شەنبە چۇشتە سائەت 11 يېرىمدا ئوخلاپ ياتسام ۋىل تېل قىپتۇ،
«بىز ھازىر سىنىڭ ئۈيۇڭگە قاراپ ماڭدۇق، تەييار بۇل دەپ». ھە دەپ ھاپىلا
شاپىلا يۈزۈمنى يۇۋاتسام ئۈيۇمنىڭ ئالدىدا ماشىنىنىڭ سىگنالىنى توۋلىتىپ
«toosoon, toosoon, you are too late» دەپ توۋلاشقىلى تۇردى، چىقسام
ئاخشامقى بالىلار ھەممىسى باركەن. 10 ئادەم، نەخ ئىككى ماشىنا بوپتۇق. مەن
ۋىلنىڭ ماشىنىسغا چىقتىم. يەنە بىر ماشىنىنى شاۋمى ھەيدەپتۇ. شۇ
ھەيدىگەنچە 40 مىنوت يول يۈرۈپ روسىلىياغا كەلدۇق. پاھ، بۇ ئەسلى دەنشىدە
جىق كۈرگەن مۇسابىقىكەن ئەمەسمۇ. ھېلىقى بۇقىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالسا بۇقا
جان جەھلى بىلەن چىچاڭشىپ سەكرەپ ئۈستىدىكى ئادەمنى چۈشۇرۋىتىپ
يەنجىيدىغان مۇسابىقىكەن. نىمە دىگەن دەھشەت. بىر خىل ئادەم ئىپتىدائى
جەميەتكە كەپ قالغاندەك بوپ قالىدىكەن. لېكىن ئىشىكنىڭ كىرىشتە بىر
ئادەمگە 10 دوللار ئالىدىكەن، ھەممىمىز بىر-بىرمىزنىڭ چىرايىغا قاراپ
قالدۇق. 10 ئادەم 100 دوللارغا كىرگۈمىز كەلمىدى، لېكىن مەيداننىڭ سىرتىغا
سىم تور تارتىپ قويۇپتۇ، تازا ياخشى كۈرگىلى بولمىسىمۇ ھار ھالدا كۈرگىلى
بۇلىدىكەن، بىر دەم كۈرۈپتۇق يامغۇر دىگەن سەت قويۇۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن
ھەممەيلەن ماشىنىغا قاراپ يۈگۈردۇق. «بالىلار بۇ قىززىمىدى، بېرىپ سىپوكەن
گە بېرىپ ھىندىستانچە تاماق يەپ كىلەيلى دىدى». بۇ گەپ قورسىقىم كوركىراپ
ئېچىپ تۇرغاندا ماڭا بەك خوشياقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شاۋمى گىپىنى قىلغان بۇ
ئاشخانىغا قىشتا بىر بارغان. ئىچىدە تېخى نان بار، قوي گوشىدە قىلغان
تاماقلار بارغان. ئۇ يەر بۇ يەردىن يەنە 40 مىنۇتلۇق يول. شۇڭا ھە دىيىشىپ
سىپوكەنگە يول ئالدۇق.
سپوكەنگە كەپتۇق، ئاخشامقى ياپۇنلۇقتىن تېل كەلدى،« بىز بىردەم توختاپ
سپوكەنگە ماڭىمىز ئايرۇپىلان ئەتە ئەتىگەن شۇ يەردىن ئوچىدۇ، شۇڭا بىز
بۈگۈنلا بېرىپ شۇيەردە ياتماقچى، بىزنى ساقلاڭلار دىدى.» . بۇ گەپ ۋىل
بىلەن شاۋمىغا تېخىمۇ خوش ياقتى، چۇنكى ئۇلار بۇ ئىككىسىنىڭ ساۋاقدىشى ۋە
دوستى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەلگۈچە ساقلاپ تاماقنى بىللە يەيدىغان
بولدۇق. ئەمدى ئۇلار كەلگۇچە ئايلىنىپ تۇرايلى دەپ بىر mall باركەن شۇ
يەرگە كىردۇق. ئۇلار بىر چوكىلى ساتىدىغان يەرگە كىلىپ بىر نەرسىلەرنى
دىيىشىپ تۇرۇپ كەتتى، مەن ئىچىمدە «كىچىك بالىلار» دەپ قويۇپ يەنە بىر
گىلەم ساتىدىغان دوكان كۈرۈپ شۇ يەرگە كىردىم، چۇنكى خوتەندە گىلەم جىق
چىقىدۇ ئەمەسمۇ. سېلىشتۇرۇپ باققۇم كەلدى، كىرسەم ئىراننىڭ،
ئاففانىستاننىڭ يەنە بىرمۇنچە يەرلەرنىڭ گىلىمى باركەن، جۇڭگۇنىڭ بارمۇ
دىسەم بار دىدى، بېرىپ قارىسام خوتەننىڭ گىلىمىكەن ئەمەسمۇ، كۈرۈپلا
تۇنۇدۇم، 2دە 3 مىتىر ئەتراپىدىكى گىلەمكەن. بۇ «قولدا توقۇلغانمۇ» دىسەم
«شۇندا قولدا توقۇلغان، جۇڭگۇدا بىر شۇندا يەر بار، شۇ يەردىن ئەكەپتىكەن
، تەپسىلىسىنى مەنمۇ ئوخمايمەن» دىدى ئۇ قېرى. شۇ چاغدا ۋىل دىن يەنە تېل
كەلدى
– « hey man, you are really too soon, we can’t catch you up. where are you "
–ھە، مەن بايام سىلەر چوكىلى كۈرگەن يەردە.
– ئەمىسە شۇ يەردە تۇرۇپ تۇر، دەپ ۋىل كەلدى. ئارقىدىن باشقىلارمۇ
كەلدى، قارىسام ئۇلار بىر قۇتا چوكىلى ئاپتۇ، شۇنداق ئوماق چوكىلىكەن، بىر
قىز «ماۋۇنىڭغا تازا cool قىلىپ ئىمزا قويۇڭە» دەپ بىر كىچىق قەغەزنى
ئەكەلدى. قارىسام ھەممەيلەن شۇنىڭغا فوكىس چىقىرىپ ئىمزا قويۇپتۇ، مەنمۇ
ئىمزا قويۇپ ئۇقىزغا بەردىم، لېكىن نىمىش قىلىدىغانلىغىنى چۈشەنمىدىم.
باشقا يەرنى ئايلىنارمىزمىكى دىسەم بۇلار سىرتقا چىقىپ چۈرگىلەيلى ، بىر
شارقىراتما باركەن شۇ يەرگە بېرىپ كىلەيلى دەپ مېڭىشتى. سائەت چۇشتىن
كىيىن 3 لەر بۇلغانىدى، مەن تېخى ئاخشام تاماق يىگەنچە. شۇ چاغدا ھېىلىقى
ماڭا ئىمزا قويۇڭ دىگەن قىز بالا « مىنىڭ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى،
بۇلارغا ساقلىساق بەك ساقلايدىغان ئوخشايمىز، ئازراق تىز چىقىدىغان بىر
نىمە يەۋالايلى، بولمىسا مەن چىدىمايمەن» دىگىلى تۇردى. «ۋاي مەنمۇ شۇ »
دەپ ئاران ئۈلگۇردۇم. بەزىلەر «بىردەم چىداڭلار، قوساقنى تازا ئاچۇرۇپ
بىراقلا يەيمىز دىيىشتى، » ئۇ ياققا تارتىشىپ بۇ ياققا تارتىشىپ ئاخىرى
باشقىلار ماڭغاچ تۇرىدىغان، مەن ئۇ قىز بالا بىلەن بىر نىمە يەپ كەينىدىن
بارىدىغان، تاپالمىساق تېل قىلىشدىغان بۇلدۇق. ئۇلار كەتتى، بىز يەنە mall
غا كىرىپ يەيدىغان نەرسە ئىزدىدۇق.
شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز بالا بىلەن بىللە بوپ قالدىم. يولدا ماڭغاچ يەنە
بىر قېتىم ئۈزىمىزنى تۇنۇشتۇرۇشتۇق. ئۇ قىز بالىنىڭ تەلەپپۇزى باشقىچە
چىقىدىكەن، ئىسمىنى يەنە تازا ئاڭقىرالمىدىم. لېكىن چاندۇرمىدىم. ئەمما بۇ
قىز مىنىڭ ئىسمىمنى مىنىڭ ئۈيۈمنىڭ ئالدىدا باللار توۋلىشىپ
چورقىراشقاندىلا قىززىق تۇيۇلۇپ بىلىۋاپتىكەن. چۇنكى بۇلار ھازىر مىنىڭ
ئىسمىمنى توغرا تەلەپپۇز قىلالماي ماڭا «toosoon» دەپ ئىىسم قويۇپ قويدى.
ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ ماڭىمۇ سىڭىپ قالدى. چۇنكى بۇ گەپنىڭ ئىنگىلسچە
تەلەپپۇز قىلىنىشى ئۈزەمنىڭ ئەسلى ئىسمىغا نەخ كىلىدىكەن، خەنزۇلاردەك تۇ
ئېر شۇن دەپ بۇزۇۋەتكەندىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ. ئەڭ مۇھىمى ھەر قاندا ئادەم
ئىسمىمنى بىر ئاڭلىسلا قىززىق تۇيۇلۇپ ئىسىدە تۇتۇۋالىدۇ. چاخچاققا
كەلتۇرۋالىدۇ. بۇنىڭغىمۇ بوپتۇلا دىدىم. ھېچكىمنىڭ كارى يوق ئۈلۈك ئىشەك
بۇلغاندىن چاخچاق قلىشقاچ ئۈتىدىكەنمىز. مەنمۇ شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇنىڭغا
چاخچاق قىپ كەلتۇرۇپ قويالايدىكەنمەن.
شۇنداق قىلىپ، نىمىنى نىمە قىلىپ، بۇ قىز بالا بىلەن تاماق ئىزدىگەچ
ئاخىرى بېرىپ تىز تاماق ئېلىپ يىدۇق. مەن تارتىنچاق بۇلغاچ بەك جىق گەپمۇ
چىقمىدى. گەپ قىلماي يىگەچكە ھەم قورسىقىم ئېچىم كەتكەچكە بەك تىز
يەۋەتكەن ئوخشايمەن ئۇ:
– toosoon, you are really too soon, you finished the job so fast
، دىدى، بىر خىل قىزىرىپ كەتتىم. كولا ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ كولا ئىچىشىنى
سەن كىچىك بالىدەك ئىچىدىكەنسەن، دەپ زاڭلىق قىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن
ئاستا ئاستا پاراڭ قىلىشقا باشلىدۇق. ئۇ پورتۇگالىيە دىن كەپتۇ، باشقا
قالغان ئىككى قىز بىرازىلىيەدىن كەن، لېكىن ئوخشاش تىلدا سۈزلىشىدىغان
بولغاچقا تىزلا دوستلاردىن بوپ قاپتۇ. بۇ مەكتەپتە 4 يىل ئوقۇپ نەچچە كۈن
بۇرۇن پۈتتۈرۇپتۇ. يەنە ھەپتىلەردىن كىيىن يورتىغا قايتىدىكەن، بۇ قىزمۇ
بىر خىل تارتىنچاق قىزكەن، چىچىمۇ سېرىق ئەمەس قوڭۇر ئىكەن، باشقا
بىرازىلىيلىك قىزلارنىڭ چىچى قارىكەن. مەن گەپ قىلماس بولغاچقا ئۇنىڭدىن
بەك جىق نەرسىلەرنى سورىۋىتىپتىمەن. ئۇمۇ زىرىكمەي چۈشەندۇردى، مەندىن
پەقەت نىمە ئوقۇيسىز دەپ سورىدى، فىزىكا ئوقۇيمەن دىسەم تاس قالدى
ئايلىنىپ كەتكىلى، ھەم ئايلىنىپ ئۇرۇندۇقتىن يىقىلىپ كەتكەننى دوراپ
قويدى. «مەن باشقا نەرسىنى قاملاشتۇرالماي پىزىكا تاللاپ قالدىم، مىنىڭ
ئەسلى باندىراستەك ئارتىس بولغۇم، فىگو دەك توپچى بۇلغۇم بار ئىدى، ناتالى
پورتمەن دەك ئايال بىلەن رەڭلىك خەۋەرلەرنى تارقاتقۇم بار ئىدى،
قاملاشتۇارالمىدىم. كىچىگىمدە دادام مىنى مارادونا دەك توپچى بولمىساڭ
بولمايدۇ دەپ بىر تىرىنىرغا تۇتۇپ بەردى، بىرىنچى كۈنى بېرىپ تىرىنىردىن
تاياق يەپ ئىككىچى كۈنىدىن تارتىپ دادامغا تىرىنىرغا بارىمەن دەپ قويۇپ
باشقا يەرگە كەتتىم. شۇنداق قىلىپ 364 كۈن ئۈتتى،شۇ كۈنى ئاخشىمى
مارادونانىڭ توپ مۇسابىقىسنى كۈرۈپ بەك ئىلھاملىنىپ كىتىپ365-كۈنى ئەتىسى
ئەتىگەن تۇرۇپ تىرىنىرنى ئىزدەپ باردىم» . بۇ قىز بالا مىنىڭ ئالى
مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا چ چ دا قىز بالا موتورولا قىلىدىغان بۇ
گەپلىرىمدىن مىنىڭ ئۈزىنى چېلىۋاتقانلىغىمنى بىلەلمىدى ۋە جىددى سوراپ
كەتتى « قاندا بۇلدى؟ »، «قاندا بۇلاتتى، يەكشەنبىدە بېرىپ قاپتىمەن
ئەمەسمۇ، بارغىنىم يەنە بىكارغا كەتتى، ھا ھا..، »، قىز بالا دەسلەپتە
چۇشەنمەي كىيىن چۈشىنىپ قورسىقىنى تۇتۇپ «you are funny » دەپ يەنە بىر
قېتىم جوزىدىن يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. «توۋا ، قوساق تويسا گەپ
چىقامدۇ نىمە ئادەمدىن» دەپ ئويلىنىپ تىگىگە يىتەلمىدىم. شۇندا قىلىپ
بىردەمدە بىر سائەت ئۈتۈپ كەتتى، ئاڭغىچە شاۋمى دىن تېل كەلدى :
–hey man, where are you guys, have you lost your way
–no, we have just finished eating, where r u guys
– we are in the park, come over there. dont be too late, function well ,man.
–ok, we will be there soon.
– toosoon, toosoon, toosoon
قېشىدىكى باشقىلار ۋارقىراشقىلى تۇردى، بىزمۇ ھە دەپ تاماقلارنى
يىغىشتۇرۋىتىپ تىزلا باردۇق. بارغۇچىمۇ بۇ قىز بىلەن پاراڭ قىلىشمىدۇق. بۇ
يەر بەك چىرايلىق باغچىكەن، فونتانلار باركەن، بالىلار ئاستا توپلىشىپ
ئايلىنىشقا باشلىدۇق، «ھەي ئىسىت، ئاپاراتىمنى ئالغاچ كەلسەم نىمە بۇلار»
دەپ كەتتىم ئىچىمدە. ئىچىمگە سىغدۇرالماي ھېلىقى قىز بالىغا شۇندا دىسەم
«مەن ئەكەلگەن، مەن تارتىپ قوياي ، چۇشكۈڭىز كەلگەندە ھايتلا دەڭ ، مەنمۇ
خېلى soon » دەپ قويدى. ھە ئەمىسە تارتىڭە دەپ فونتاننىڭ ئوتتۇرىسىغا
بېرىپ ئۈستى بېشىمدىن سو ئاققۇزۇپ تۇرۇپ بىر پارچە رەسىمگە چۇشتۇم،
كەينىدىن يەنە قۇرۇق پاراڭ قىلىشقاچ، ئانچە مۇنچە رەسىمگە تارتىشقاچ
شارقىراتما بار يەرگە كەلدۇق، شەھەرنىڭ خىلى ئوتتۇرىسىدىكەن بۇ ئاسما
كۈۋرۇك. بۇ يەر شەھەرنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر پونكىت كەن. چوڭلۇقى
خوتەندىكى كەھمارىمدىكى ۋاڭۋىينىڭ قەۋرىسىنىڭ بېشىدىكى سو ئامبىرىنىڭ
يېرىمىچىلىك كىلىدىكەن. بۇ خەقنى تا ھازىرغىچە چۈشىنىپ بۇلالمىدىم، سۇ
ئامبىرى، زاكو دىگەننى شەھەرنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان بارمۇ. كەلكۈن
كەلمەمدىكىنا بۇ يەردە، يا بۇ كىچىك شەھەر بۇلمىسا. ۋاشىڭتون شىتاتىدىكى
ئىككىنچى چوڭ شەھەر بۇ. مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن مۇشۇندا قىلسىمۇ بىر
ھىساپتا يارىشىدىكەن. بەك گۈزەل چىقىپتۇ. ئۇ قىز بالىنى كەينىمدە
ئەگەشتۈرۈپ باشقىلارمۇ ئەگەشتۈرۈپ بەك جىق رەسىمگە چۇشتۇق. رەسىمگە چۇشكەچ
ئانچە مۇنچە قىزىق پاراڭلارنى قىلىشتۇق. بارغانسىرى بۇ قىز بالا بىلەن
چىقىشىپ قېلىۋاتىمەنيا.
ئارىمىزدا پەقەت يەنە بىر بىرازىلىيەلىق قىز بىلەن مۇشۇ قىزلا
ئاپىرات ئەكىلىپتۇ. مەن يەنە بىر قىزنى تۇنۇمۇغاچقا ياكى ياخىشى
پاراڭلىشىپ باقمىغاچقا مۇشۇ قىزنى رەسىمگە تارتىپ قويۇڭ دىيىشكە مەجبۇر
بۇلدۇم. تاماق يەپ قويغاننىڭ پايدىسى شۇ بۇلدى بۇلغاي. بۇ ئامباردىكى سۇ
ئېقىپ بىرىپ بىر كەڭرى جايدە ئاستىلايدىكەن، ھەم شۇ يەرنىڭ ئەتراپىغا بىر
تىكراك يەرنى بويلاپ كەلگىلى بۇلىدىكەن. مىنىڭ شۇ يەرگە بېرىپ شارقىراپ
چۈشىۋاتقان شارقىراتمىنى چىقىرىپ چېڭلوڭدەك بىر رەسىمگە چۈشكۈم كەلدى. ھەم
«مەن بىلەن بارىدىغان ئادەم بارمۇ» دىسەم ۋىل «مەن بار» دەپ چىقتى. شۇنىڭ
بىلەن ئىككىمىز پەسكە ئاۋايلاپ چۈشۇشكە باشلىدۇق. ۋىل دىگەن بۇ ئامرىكىلىق
گۇي كىچىكىدە يوۇشىجى ئويناپلا ئۈتۈپ تامغا يامىشىپ باقمىغان، تامدىن
سەكراپ باقمىغان گۇي ئوخشايدۇ. مەن يېرىم سائەتتەك ھەپىلىشىپ يۈرۈپ
مەنزىلگە كىلىپ يەنە تاشلارغا دەسسەپ يۈرۈپ سۇنىڭ ئىچىدىراق بىر يەردىكى
ئەڭ ئىگىز تاشقا چىقىپ قارىسام ۋىل تېخى يېرىم يولغىمۇ كەلمەپتۇ. باشقىلار
يىراقتا كۈۋرۈكنىڭ ئۈستىدە بىزگە قاراپ تۇرۇپتۇ. مەن ئۇلارغا قاراپ قول
پۇلاڭشىتتىم. ئۇلار مىنى كۈرۈپ «toosoon, toosoon, you are really too
soon » دەپ يەنە چورقىراشقىلى تۇردى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئاپارات ئەكەلمىگنىم
ئسىمگە كەلدى. مەن ئەسلى بۇ يەرگە رەسىمگە چۈشكىلى كەلگەن ئىدىم.
«گۈرۈچتىن خەۋەر يوق سەۋزە دەم يەپتۇ» دىگەندەك ئىش قىپتىمەن، ئۇلار خېلى
يىراقتا ئىدى. تىز كەلدىم دىگەن بىلەنمۇ ئەمىلىيەتتە بۇ يەرگە خېلى تەستە
كەلگەن ئىدىم.يولدا چاتقاللار، تىكەنلەر بىلىكىمنىڭ نەچچە يرىدىن
غىجىۋەتتى. قايتىپ بېرىپ ئاپاراتنى ئېلىپ يەنە كىلىشنىڭ ئورنى يوق.
ئارىدىن ھېلىقى قىز بالىنى ئىزدىدىم. ۋارقىرىسام بۇلاتتى،لېكىن نىمە
دەۋەتقانلىغىمنى چوقۇم ئۇقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز بالىغا ئاپارات
ئەكىلىپ بەر دىيىشنىڭ ئورنى يوق، بار دىگەندىمۇ ئۇ قىز بالا بىلەن
تۇنۇشقىلىمۇ تېخى بىر سائەت بۇلدى. ئۇنچىلىك يىقىنمۇ ئەمەس. «ھەي، مۇشۇ
ئۇنۇتقاقلىقىمنى، دائىم چالا ئىش قىپلا يۈرىمەن، شۇڭىمۇ خۇدايىم بىلىپ
دوختۇر بۇلمىغان» دەپ ئۈزەمگە ئاچچىقلاپ يەنە كۈۋرۇككە قارىدىم. قارىسام
ئۇلار كۈۋرۇكتە تەڭ ھالدا بىر ۋاقىتتا سەكرەپ كۈۋرۈكنى پولاڭلاتقىلى
تۇرۇپتۇ. ئۇ قىز بالىمۇ ئارىسدا تازا سەكرىگىلى تۇرۇپتۇ. مەن ئۇلارغا
زوقلىنىپ قاراپ كەتتىم. بىر ۋاقىتتا ئۇ قىز ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندەك
قىلدى. مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. ئەمەلىيەتتە مەن دىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك
جىنسيەن. بۇندا يىراقتىن بىرسىنىڭ چىرايىنى ئىنىق كۈرەلمەيمەن. ماڭا
قارىدىمۇ يا مەن تەرەپتىكى باشقا نەرسىلەرگە قارىدىمۇ ئىنىق بىلمىدىم
.ئىشقىلىپ مۇشۇ خەقنىڭ قائىدىسى بويىچە مەنمۇ كۈلۈمسىرەپ قويدۇم خالاس.
چۇنكى بۇلار دائىم بىر بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەيدۇ، ئەمما سىزمۇ ئۇلارغا
كۈلۈمسىرەپ قويۇپ كەتمىسڭىز بەك ساپاسىزلىق بۇلىدىكەن. ئۇ تويۇقسىز
سەكرىمەي توپتىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتتى.
كەينىمگە قارىسام ۋىل تېخىچە قىينىلىپ كەلگىلى تۇرۇپتۇ، مەن بىردەم
تولاپ ۋارى ۋارى قىلىۋىتىپ بۇ يەرنى ۋىل غا بىرەي دەپ بۇ يەردىن تاشلارغا
سەكرەپ يۈرۈپ كەينىمگە ياندىم . ۋىلدىن سورىسام ئۇمۇ ئاپارات ئەكەلمەپتۇ،
قارىسام ئاياغلىرى لاي بوپ كىتىپتۇ. ئىشتانلىرىمۇ لاي بوپ كىتىپتۇ، تېيلىپ
چۈشكەن ئوخشايدۇ. سەن نىمانداق كىچىك بالىدەك يىقىلىپلا يۈردۈڭ دەپ تازا
زاڭلىق قىلدىم. ئۇندىن كىيىن مەن قايتقاچ تۇراى ئەمىسە دەپ كەينىمگە
قارىسام ھېلىقى قىز ئۈستىدىلا بىر يەرلەرگە يامىشىپ پەسكە بىز بار بەرگە
چۈشكىلى تۇرۇپتۇ، كىيىملىرى ۋىلنىڭكىدىنمۇ لاي، ئايىغىنى قستۇرۇپ بېلىگە
تېڭىۋاپتۇ. مىنى كۈرمىدى بۇلغاي. ئۇنى كۈرۈپلا شۇندا ھەيران قالدىم. بۇ
مۇشۇ يىلدىكى ئىككىنچى قېتىم ئەڭ چوڭ ھەيران قېلىشىم بولدى. بىرىنچى قېتىم
ماكسىۋىلنىڭ تەڭلىمىسىدىن نىسپىلىك نەزەرىيسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىلى
بۇلىدىغانلىغىنى ئۇققانلىغىمدا بەك ھەيران قالغان ئىدىم. ئۇ قىز بالىنى
ۋارقىراپ توختىۋالاي دىسەم ئىسمىنى ئوخمايمەن، يا خوتەندە چاقىرغاندەك
«ۋوي قىز بالا» دەپلا چاقىرغىلى بۇلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز بالىنىڭ
ماڭا قارىشىنى ساقلاپ تۇردۇم، بىرەر مىنۇتلاردىن كىينن ئۇ مىنى كۈردى ۋە
شۇندا چىرايلىق بىرنى كۈلۈمسىرىدى. بۇ كۈلۈمسىرەشنى قايسى فورمۇلاغا سېلىپ
تەسۋىرلەپ بىرىشنى ھازىرغىچە ئوخمىدىم. بەلكىم بۇ ئۈتكەن ھەپتىدىكى مەن
ئۇچرىغان ئەڭ قىيىن فىزىكىلىق مەسىلە بۇلۇشى مۇمكىن. قارىسام ئۇ ھاسراپ
كىتپتۇ.
–how come you come there too
–i guess you need the camera. dont you want to take a picture there? it woul be awesome.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر خىل بوپ كەتتىم، بۇنى بەلكىم تەسىرلىنىش دىسەك
توغرا بۇلا، راس قارىسام ئاياغ ئاسقان يىرىگە ئاپىراتنىمۇ قوشۇپ
ئېسىۋاپتۇ. توۋا موللاتاپقاقنىڭ قىزىمۇ نىمە بۇ. لېكىن قاراپ بىر خىل
ئىچىم ئاغرىپ قالدى، كىيىملىرى ھەممىس لاي. نىيۇزەي ئىشتىنى لايغا بىر
چىلاپ ئالغاندەك بوپ كىتىپتۇ. مۇشۇندا مودا قىزنى خەق كىيىملىرى لاي پېتى
كوچىدا يالاڭئاياق كۈرسە نىمە بوپ كىتەر. يۈزىگە قارىسام بىر نەرسە
غىجىۋىتىپتۇ. راس دىگەندە 3-4 يىلنىڭ ياقى قىز بالىغا تولا ئاخماق بۇلۇپ
كۈنۈپ كىتىپتىكەنمەن. بىر قىز بالا مۇنداق ئەڭ ئادەتتىكى ئىش، ئەڭ
ئادەتتىكى گەپ ، لېكىن سەمىمىيتى بىلەن مىنى مۇندا تەسىرلەندۈرۈپ
باقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. راس گەپنى دىگەندە قىزلارنىڭ مۇندا سەمىمى
تەبىئى مۇئامىلىسىگىمۇ ئۇچراپ باقمىغان، ئۇچرىغان بۇلساممۇ ئۇلار
پەردازلانغان، ماڭا ئۇقتۇرماي قىلغان بۇلغاچقا سەزمەپتىكەنمەن. ۋە ياكى
ئۇنتۇپ كەتكەندىمەن. ئادەم نىمىنى ئۇنتۇمايدۇ. شۇنچە جىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ
كەتتىمغۇ. ئىشقىلىپ ماڭا بۇ قىزنىڭ مۇشۇ بىر جۈملە ئادىدىغىنە سۈزى بەك
تەسىر قىپ كەتتى. بەلكىم باشقىلارغا بۇ گەپ تەسىر قىلماس… يا مەن بەك
تەسىرلىنىدىغان بوپ كەتتىممۇ مۇشۇ كۈنلەردە.
–but, ..but….– but you dont have to come there. look at your clothes.
— dont worry, i will take care of them
—but…, يەنە بات دەپ تۇرۇپ قالدىم. ئاڭغىچە ئۇ قىزمۇ چۈشتى.
— look. i am a little bit soon too. بۇ قىزنىڭ چىرايىدا بىر خىل
مەمنۇنلۇق. بۇ گىپىگە جاۋاپ قايتۇرماي باش لىڭشىتىپ قويدۇم. نىمە
دىيىشنىمۇ ئوخمايتتىم. ئابايىقى چاخچاق گەپلىرىم يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن
ۋىل، ئۇ قىز، مەن ئۈچەيلەن بىر مۇنچە رەسىم تارتتۇق، بىر چاغدا ئاپاراتنىڭ
سېغىمى تۈگىدى. كىتەيلى دەپ يامىشىپ يۈرۈپ كىتىشتۇق. مەن نىمە ئۈچۈنكى
ئالدىدا ماڭماي ھەممىنىڭ كەينىدە ماڭدىم. قىز بالا تۇيۇقسىز تېيىلىپ كىتىپ
قالسا 30 مىتىر ھاڭغا سىرىلىپ كىتەتتى. سىيرىلىپ كەتسىغۇ تۇتۇۋالىمەن
دەپمۇ تۇتۇۋالالالمايمەن ھەر قاچان. شۇنداقتىمۇ ئۈزەمنى ئالداپ ھەممىنىڭ
كەينىدە، شۇلارنىڭ ئالدىمغا سېلىپ ماڭدىم.
قايتىپ چىققاندىن كىيىن باشقىلارغا تارتقان رەسىملەرنى كۈرسەتتۇق.
ئۇلار بەك ياخشى بوپتۇ، بىزمۇ سىلەرنى يىراقتىن تارتتۇق، جاپا تارتتىڭلار
دەپ ئىككى ئېغىز ماختاپ قويدى، سائەت 7 لەرگە ئاز قاپتۇ. ئۇ قىز بالىغا
ئىشتانلىرىڭىزدىكى لايلارنى تازىلىۋىتىڭ دىسەم ئۇنىمىدى. ۋىلمۇ ئۇنىمىدى
مۇشۇندا ماڭىمىز دەپ . ئاڭغۇچە ھېلىقى ياپۇنلۇقتىن تېل كىلىپ بىز
ئاشخانىغا كىلىپ بۇلدۇق، نىمىشقا كەلمەيسىلەر دەپ سۈيلىگىلى تۇردى. ھە
دەپلا شۇ پىتىمىز ماشىنىغا چىقىپ ئاشخانىغا كەلدۇق. قارىسام يەنە ئىككى
روسىيەلىك بىر جۇپلارمۇ كەپتۇ. ئۇلارمۇ بىز بىلەن بىر مەكتەپتە
ئوقۇيدىكەن، لكىن ئۈيى مۇشۇ شەھەردىكەن. ۋىلنىڭ دوستلىرىكەن. بىزنى
ئوينىغىلى كەپتۇ دەپ ئۇلارمۇ تاماق يىگىلى كەپتۇ. ئاۋۇ رۇسيەلىك قىز بەك
چىرايلىقكەن، ئىرى بىلەن بېقىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ بىز 16 گە
يىقىن ئادەم بوپ كەتتۇق. 16 ئادەم 8كىشىلىك تاماق بۇيرۇپ جۇزىغا چېچىپ
يىدۇق. لېكىن شۇندادىمۇ قورسىقىم خېلى ئوبدانلار تويدى. تاماقلىرى بەك
ئوخشاپتۇ. قىزلار جوزىنىڭ مەندىن بىراق بىر يىرىدە ئولتۇرۇپتىكەن، ئۇلار
ئۈزلىرىنىڭ گىپىنى قىلىشىپ ئولتۇردى. ئىچىمدە ھىلىقى قىز بالا ماڭا
يىقىنراق ئولتۇرسىچۇ جىقراق پاراڭلىشىۋالسام دەپ ئولتۇردۇم. چۇنكى ئۇ قىز
يەنە بىر نەچچە كۈندىن كىيىن پورتۇگالىيەگە كىتەتتى…،جىقراق پاراڭلاشقۇم
بار ئىدى. گەرچە نىمە دىيىشنى ئۇقمىساممۇ. لېكىن ئۇنداق پۈرسەت بۇلمىدى،
ئۇ قىز سومكىسىدىن باشتا mall دىن ئالغان چوكىلى بىلەن يەنە بىر كىچىك
شۇنداق چىرايلىق ئۇرالغان قەغەزقاپنى ياپۇنلۇققا بىزنىڭ سوغىتىمىز دەپ
بەردى، ياپۇنلۇق خوشال بۇلۇپ ئونىڭ ئايالى چوكىلىنىڭ ئورالمىسى بىلەن
قەغەز قاپنىڭ ئۇرالمىسىنى ئاچتى. قارىسام بىز ھەممىمىز فوكۇس چىقىرىپ
ئىمزا قويغان كىچىك كارتا تۇرىدۇ، ئەسلى ئۇنى شۇلارغا بىرىش ئۈچۈن ئىمزا
قويۇپتىكەنمىز. رھمەت ئىېتىشىپ كەتتى. كىيىن تاماقنى مەززە قىلىشىپ تازا
يىدۇق. بىر مۇنچە ئالەمنىڭ گىپىنى قىلىشتۇق. ياپۇنلۇق يەنە كىلىپ بىزنى
يوقلايدىغانلىغىنى بىزنى ئۇنتۇيالمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ كەتتى. ھە دەپ
قويدۇم. چۈنكى «سىلەرنى»دىگەن گەپنىڭ ئىچىدە مەن يوقلىغىمنى بىلەتتىم.
ئۇنىڭ بىلەن ئاران بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقا تۇرساق. ئۇ كىتەر ۋاختىدە
ھەممىمىزدىن بىردىن قوچاقلاپ خوش دىدى. بىزمۇ ئۇنىڭغا خوش دەپ باشتا
كەلگەن ماشىنىمىزغا چىقىشقا تەييارلاندۇق. يولدا ماڭغاچ ھېلىقى قىز بالىغا
«رەسىملەرنى پورتۇگالىيەگە ئەكەتمەسسىز» دىسەم «مەنمۇ شۇنى ئويلاپ
ئولتۇراتتىم، ماڭا ئىلخەت ئادىرسىڭىزنى بىرىڭ، مەن ئەۋەتىپ بىرەي» دەپ
سومكىسىدىن بىر قەغەز قەلەم چىقاردى. مەن شالاق شۇلۇقلا ئادىرسىمنى يېزىپ
بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈزى كەلگەن ماشىنىغا چىقىشتى، بىزمۇ
ئۈزىمىزنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ يولغا چىقتۇق. ۋىل ئودۇل مىنى ئۈيۇمنىڭ
ئالدىدا تاشلاپ قويدى. قارىسام سائەت 12 گە ئاز قاپتۇ، «ئەجەپ بىر كۈن
بولدا بۈگۈن» دەپ تورغا چىقىپ ئىزدىنىشقا كىرسەم تۈزۈك تىما يوق. م س ن غا
قارىسام ئوچۇق تۇرىدۇ، بىر كىملەر گەپ قىلىپ كىتىپتۇ.كۈرۈشمۇ خوشياقماي
ساپاغا يۈلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيالغا كىتىپتىمەن، ئارقىدىن خىيالىم تۈگىمەيلا
شۇ يەردىلا ھاردۇقچىلىقتا ئويقۇغا كىتىپىمەن. بۇ شەنبە كۈنى كىچە ئىدى.
شۇندا قىلىپ بۇ ئىشلار ئۈتۈپ كەتتى، ئەتىسى چۈشتە قوپۇپ يەنە كۈندە
بارمىسام بۇلمايدىغان تەجرىبىخانىغا بېرىۋەردىم، تەجرىبىلەر يا ئاخىرى
چىقمايدۇ، نىمىشقا شۇ بىر چىقمايدىغان نەرسە بىلەن ھەپىلىشىۋىرىدىغاندىمەن
دەپ زىرىكىمەن، «بۇنى قىلماي باشقىنى قىلساق بولمامدۇ» دىسەم پىروفىسسور «
چىقىدۇ، تاڭتاڭمۇ چىقارغان، ساڭساڭمۇ چىقارغان، سەنمۇ چىقارمىساڭ
بۇلمايدۇ، چىقار دىدىم چىقار » دەيدۇ، ھە ماقۇل چىقىراي دەپ خوشياقماي
ئۈيۈمگە يېنىپ كىلىپ ئىزدىنىش بىلەن دەنشىنىڭ جاجىسىنى چىقاردىم. 4 كۈن
ئۈتۈپ ھېلىقى قىزچاق رەسىملەرنى ئەۋەتىپتۇ، رەسىملەر شۇنداق پەيزى
چىقىپتۇ. لېكىن ئۇ قىز بالا رەسىمدىن باشقا بىرمۇ ئېغىز گەپ
قىلماپتۇ.مەنمۇ ئىچىمدە ھە دەپ قويدۇم. شۇنچىلىك ئىشلارغۇ بۇ. ئەمما ئۇ
قىز بالا ماڭىدىغا ۋاقىتتا بىر خوش دەپ قويغۇم بار ئىدى. ئەمما قاندا
ئىزدەپ نىمە دەيمەن.
ئۈلۈشكۈن شەنبە كۈنى بىزنىڭ فاكولتىتىككى بارلىق ئاسپىرانىتلار بىر
يەردە پارتى قىلىمىز دەپ ئەتىگەندىلا ئۇچۇر قىپتۇ. ھە دەپ چۈشكىچە ئۇخلاپ
چۈشتىن كىيىن جەۋھەر بىلەن سۇزۇك ئۈگىتىپ قويغان ئۇسۇل بۇيىچە داپەنجى
قورۇپ يەپ ئۇنىڭ جاجىسىنى چىقاردىم. كەچتە بارسام شۇندا جىق ئادەم كەپتۇ،
تونۇمايدىغان باشقا فاكولتىتتىكىلەرمۇ كەپتۇ، بىر مۇنچە قىزلارمۇ تۇرىدۇ،
بۇ يەردە ئالەمنىڭ گىپىنى سوقۇپ گەپنىڭ جاجىسىنى چىقاردۇق. بىز پىزىكا
ئوقۇيدىغانلار نىمىشقا ئۈلۈۋالغىلى ئاز قالىمىز، ھىچ بولمىسا تەتىل
بۇلغاندىكىن ئۈزىمىزنى بېسىمدىن ئاجراتمايلىمۇ، بولمىسا ساراڭ بوپ
قالىدىغان ئوخشايمىز دەپ خۇلاسە قىلىپ كۈندە كەچتە سائەت سەككىزدىن
ئاشقاندىن كىيىن ئىشلىمەيدىغان، 3-4 كۈندە بىرەر قېتىم ئىشتىن چۇشكەەندىن
كىينن بىرەر ئويۇن تېپىپ ئوينايدىغانغا خۇلاسە چىقاردۇق. چۇنكى تېخى بىر
ئاي بۇرۇن بىزنىڭ فاكولتىتنىڭ 4-يىللىق بىر ئاسپىرانتى نىرۋىسىدن ئادىشىپ
مەكتەپتىن ئايرىلدى. قېشىمدىكى بىر ئوبدان بىرسىنىڭ نىرۋىسىدىن ئادىشىپ
قالغانلىغى ماڭىمۇ بەك تەسىر قىلدى. دۇشەنبە كۈنى كەچ سائەت توققۇزدا كارا
ئوكى ئېيتىلى دىدى، مەنمۇ ھە دەپ ئۈيگە يېنىپ كەلدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ
ھەپتە ئاخىرى ئاسانلا ئۈتۈپ كەتتى، نىمىشقىكىن ۋىل مۇ تىلفۇن قىلمىدى.
ھېلىقى قىز بالا چوقۇپ كىتىپ بۇلدى دەپ ئويلىدىم.
دۇشەنبە كۈنى ئەتىگەنلا تۇردۇم. مۇسابىقىدىن بىر مەيدان كۈرۈۋېتىپ
مەكتەپكە ېېرىش پەقەت خوشياقمىدى. لېكىن تەجرىبىخانىغا بېرىپ يەنە ئاقماس
نىمىنى چىقارمىسام بولمايدۇ. تەجرىبە دىگەننىمۇ ئىشلىسە ، چىقسا ئىشلىگۇسى
كىلىدىكەن، چىقمىسا ئىشلىگۈسى كەلمەيدىكەن. لېكىن نىمە ئامال. ئاچچىغىمدا
بېرىپ تەجرىبىانىغا بىر كىرىپ كەتسەم كەچ سائەت سەككىز بۇپتۇ. قورساق
دىگەن تارتىشىپ كەتتى. بوپتۇلا قايتاي دەپ تۇرسام كىرىس تىن تېل كەپتۇ،
ئەمىسە ھازىر ئىشتىن چۇشىمەن، سائەت 9 دا كارا ئوكېي ئېيتىلى دەيدۇ.
«بۇلىدۇ، مەن ئۈيگە بېرىپ بىر نىمە يەۋالاي، 9 دا بىرسڭلار مىنى ئالغىلى
كىلىڭلار، بارىدىغان يەر يىراقكەن » دەپ قويۇپ ئۈيگە كىلىپ ئۇھ دەپ ساپادا
ئولتۇرسام ۋىل كىرىپتۇ.
–ۋوي بامۇ سەن، ھەپتە بولدى يوقاپلا كەتتىڭغۇ دەپ كەتتى. «ئالدىراش بوپ كەتتىم »دەپ ئۈزراخالىق ئېيتتىم.
–جۈرە رىكو غا بېرىپ كىلەيلى، بىر سائەتكىچە كىلىپ بۇلىمىز، ئاننا بىر دەم تۇرۇپ ماڭماقچى.
– نىمە ، قايسى ئاننا دىگەن. ھېلىقى بىرازىلىيەلىك قىزما، نىمانداق
ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ كەتكەندەك ھەممىسى ماڭغىلى تۇردى، ھېلىقى پورتۇگالىيلىك
قىزچاق قاچان ماڭدى.
– ئاننا دىگەن شۇ پورتۇگالىيەلىك قىز شۇ.
–نىمە؟ ئۇ تېخى بارما؟
بېشىم پىررىدە قېيىم كەتتى، بۇ قېتىم ئەمدى مەن ساپادىن يىقىلىپ
چۈشكىلى تاس قالدىم. مەن ئۇنى ئۈزىنىڭ دىگىنى بويىچە ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇن
كىتىپ بۇلدى دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەسلى ئىككى ئۈچ كۈن بۇرۇن ۋىل دىن سوراپ
مىنىڭ بىر ئۇلارنى يىغىپ ئۇزىتىپ قويغۇممۇ بار ئىدى. لېكىن ھەر نىمە دىگەن
بىلەن مەن ياتتە. بىر كۈنى كۈرۈشۈپ بىللە بوپ قالغانغا مۇنداق قىلغىلى
تۇرسام قاملاشماس دەپ ئويلىغانىدىم. ئەسلى ئۇ كەتمەپتۇ، باركەن.
–قاچان ماڭىدۇ،
–يەنە ئىككى سائەتتىن كىيىن ماڭىدۇ، بالىلار سىنى سورىغانتى تېل قىلسام ئالمىدىڭ، مەن قاراپ باقاي دەپ كىلىشم.
راس، تېلفۇننى ئااخشام توك قاچىلايدىغانغا تىقىپ قويغان، تېخى
ئالمىغانىدىم. بېرىپ تېلنى ئېلىپ كىرىسقا «مەن بارالمايمەن، كەلمىسەڭلارمۇ
بۇلىدۇ» دەپ قويۇپ رىكوغا ماڭدۇق. ئاچقان قورسىقىممۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.
بارساق 10 دەك بالىلار جوزىنى چۈرىدەپ ئولتۇرۇپتۇ. بارسام يەنە ئۇلار
« you are too late, you shoud be too soon » دەۋالدى. كەچۈرۇڭلار مەن
تېخى ھازىر ئۇقتىم ھەم ھازىر مەكتەپتىن قايتىشىم دەپ قويدۇم. ئاننا يەنە
ئىچىدە ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۈزىنىڭ پارىڭىنى سوققىلى تۇرۇپتۇ. ماڭا قاراپ
بىرنى كۈلۈمسىرەپ قويدى. كىيىن مەنمۇ شۇلارنىڭ گىپىگە قۇشۇق سېلىپ
ئولتۇردۇم. ئانناغا گەپ قىلىدىغان پۈرسەتمۇ چىقمىدى. بىردەم ئۈتۈپ
ئوتتۇرىدىكى ئىككەيلەن ئۇبۇرنىغا كەتتى، شۇ ۋاقتتا ئۇ ماڭا قاراپ :
–so, you received the pics
–yeah, thank you very much.
– do you like them
sure, ..but.. is that all
—almost.
— i didnt see any pics of yours.
ئۇ بېشىنى چايقاپ « i mostly took your guy’s photo » دىدى. دىمىسىمۇ
ئۇنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن رەسىملىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇ قىزنىڭ بىر مۇ رەسىمى يوق
ئىدى بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بوپ كەتتىم. توۋا بىز
ھەممەيلەن شۇنىڭ ئاپاراتىنى ئىشلىتىپ، بولۇپمۇ مەن ھەممىدىن جىق ئىشلىتىپ
ئۈزىنى بىر پارچە رەسىمگە تارتىپ قويۇش خىيالىمغىمۇ كەلمەپتا. بۇ
قىزنىڭمۇبىر «مۆ» دىمىگىنىنى….، ئەجەپ قاملاشمىغان ئىش قىپتىمەن.
شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن تالاغا چىقتۇق. ئۇ ھەممەيلەن بىلەن خوش چاخچاق
خوش دىيىشىپ چىقتى. مەن بىر ياقتا قاراپ تۇردۇم. شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىم
راستلا بىر خىل غەلىتە ھسىيات ئىدى.
ئاخرىدا ماڭا كەلدى.
— so. i have to say goodbye to you
—you are really leaving, it is too soon
بۇ قېتىم مەن بۇ too soon دىگەننى چاخچاق قىپ دىمىدىم، راستلا، بەك
تىز. مەن باشقا نىمە دىيىشنىمۇ بىلمىدىم، ئۇمۇ بىر نىمە دىيەلمىدى بولغاي
بىر بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتۇق. بىردەم تۇرۇپ مەن يەنە جىمجىتلىقنى
بۇزدۇم.
— so, you are never coming back to the states again
– i am not sure. i want to settle down in portugal, my parents want me to go home
— it is too bad , so we dont have chance to take photoes next time.
— i think so, i was expecting your call last week
—oh, i..i..i can’t see you any more
—i dont hope that. but i am not sure, i can only say that lets keep in touch
— yeah, i will miss you
ئۇ بۇ سۇزلىلەرنى ناھايتى تەسلىكتە ھېجىلاپ يۈرۈپ دىدى. بولۇپمۇ
ئاخرقى جۈملىنى دەۋەتقاندا بىر خىل ئاۋازى تىترەپ كەتتى. مەنمۇ ئاخرىقى
جۈملە سۈزۈم قاندا بوپ ئېغىزىمدىم چىقىپ كەتتى، ئۈزەممۇ ئوخمايمەن، ئۇ
مىنىڭ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە بىر تىكىلىپ قارىدى، كۈزەينىكىم بۇلغاچقا بەلكىم ئۇ
مىنىڭ كۈزۈمنى كۈرەلمىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ كۈزىنى ئىنىق كۈردۈم. ئۇنىڭ
كۈزىنىڭ چاناقلىرىغا لىق ياش تولۇپ كىتىپتۇ. بەلكىم ئۇ قىز بارلىق
پاراڭلاشقان جۈملىلىرىمنى يىغىپ كەلسە ئىككى بەت توشماس، كۈزىگىمۇ بۇرۇن
تىكىلىپ قاراپ باقماپتىكەنمەن، كۈزى بەك چىرايلىق ئىكەن. بىر تامچە ياش
سىرغىپ چۇشۇشكە ئاز قالغاندا ئۇ شاپلا قىلىپ سۈرتۈۋەتتى. ۋە ئاستا
چاندۇرماي يەرگە قارىۋالدى، مەنمۇ ئۇنى كۈرمىگەنگە سالدىم. توۋا، دۇنيادا
مۇشۇندامۇ ئىشلار بۇلىدىكەن، ئۇ يىغلاۋاتىدۇ، مەنمۇ ئەمىلىيەتتە ئىچىمدە
ئېچىشىپ كىتىپ بارىمەن. ئىچىمنى ئىنتايىن بىر ئاچچىق بۇغۈۋالدى. يەنە
ئۇنىڭغا قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا قارىدى، تۇرۇپلا يىقىن كىلىپ كۈزەينىكىمنى
قولىغا ئېلىپ يەنە بىر قولى بىلەن مىنىڭ كۈزۈمنىڭ چاناقلىرىنى سۈرتىۋىدى
قارىسام قولى ھۈل تۇرىدۇ. توۋا،..، مەندىنمۇ يۇشۇرۇن ياش چىقىپ كەتتىمۇ
نىمە!!!
ئۇ يەنە بىر قېتىم شۇندا ئۇماق كۈلۈمسىرىدى، بۇ كۈلۈمسىرەش ھېىلقى شارقىراتمىدىكى كۈلۈمسىرەشكە ئوخشاش ئىدى.
مىنىڭ ئېغىزىمغا ھىچ گەپ كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ تۇرۇپلا
سومكىسىدىن بىر قەغەزنى چىقىرىپ كۈزەينىكىمنى ئاۋايلاپ پاكىز سۈرتتى،
ئاندىن يىقىن كىلىپ كۈزەينەكنى يەنە مىنىڭ كۈزۈمگە تاقاپ قويدى، ۋە
ناھايتى تۈۋەن ئاۋازدا :
— dont forget to wipe your glass regularly , دىدى. مەنمۇ تۈۋەن ئاۋازدا
— i will keep in mind. دىدىم. ئۇ ئاڭلىدىمۇ ئاڭلىمىدى ئوخمىدىم.
ئاڭغۇچە باشقۇلار يەنە «lets go, toosoon you are always too late »
دىگىلى تۇردى. بىر بىرىمىزنىڭ كۈزىگە قاراپ تۇرۇپ قالدۇق، قەدەملەر ئاستا
ئاستا ئايرىلدى، تۇيۇقسىز كەينىگە بىر ئۈرۈلۈپ قاراپ ، قېىشىمغا كىلىپ « i
will miss you too » دىدى. كۈزى يەنە ياش يوقى. ئارقىدىن ئاستا كەينىگە
بۇرۇلۇپ ھەممەيلەن ۋىلنىڭ ۋە شاۋمىنىڭ ماشىنىسىغا كىرىپ مېڭىشتى…..
شۇنداق قىلىپ ئاننا كەتتى. ھەممە نەرسە كىتىدىكەن، مەن يەنە قالدىم. لېكىن بۇ ساددا تويغۇ مەندە قېپ قالدى.
(جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزغا ۋە بۇ تىمىنى
ئوقۇغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. تور خاتىرىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوللاش
يۈزىسىدىن خاتىرىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۈرۈنۇپ تۇرغان ئىلاندىكى ئولىنىشنى
چىكىپ قويۇڭ. لېكىن كۈندە بىر قېتىمدىن ئارتۇق بولمىسۇن. تۇنجى قېتىم
ئىلان قويۇلغاچقا بۇ ئەسكەرتىش بىرىلدى. تورداشلارغا ئۇختۇرۇپ بۇلغاندىن
كىيىن بۇ ئەسكەرتىش ئۈچۈرۋېتىلىدۇ)
خۇددى ئىنتايىن تەسىرلىك بىر كىنو سىنارىيەسىنى ئوقۇغاندەك بولدۇم
ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك ئىكەن…..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
.ئوغۇللارنىمڭمۇ ئىچكى دۇنياسى مۇشۇنداق مول بولىدىكەن دىسە………..
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەجەپ تەسىرلىك سەزگۈرەشتىكەن -بۇ؟ كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel