باشبەت » تەجرىبە, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

تۈركىيە تەسىراتلىرى

21 مارت 2011 1,282 قېتىم كۆرۈلدى ئىنكاس يوق

تۈركىيە تەسىراتلىرى

ئىسمائىل مۇھەممەد

مەن بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى جۇڭگو ئاخباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستانبول، ئىزمىر، ئەنقەرە شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ، « ساباھ گېزىتى»، «يېڭى ئەسىر گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش شىتابى، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھجۇڭگوغا ئالاقىدار تەشۋىقاتى، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ھەققىدە بەزى ئەھۋاللار بىلەن تونۇشتۇم.شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى دۇنياۋى مىراسلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى، مۇزېيلار، پوسفور بوغۇزى ساھىلىغا ئوخشاش مەنزىرىلىك جايلار، كوچىلار، مەھەللىلەر… نى ئارىلاپ، تۈركىيە جەمئىيىتى توغرىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنچىگىمۇ ئىگە بولدۇم. تۆۋەندە سەپەر جەريانىدا كۆرگەن، ئاڭلىغان ھېسسىي چۈشەنچىلىرىمنى «جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن» دېگەن ماۋزۇ بىلەن بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن. ئوقۇرمەنلەر ئاز-تولا مەنپەئەتلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

سېھىرلىك ئىستانبول

بىز چۈشكەن تۈركىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، 11 سائەت 25 مىنۇت توختىماي ئۇچۇپ ئىستانبول خەلقئارا ئايروپورتىغا بىخەتەر قوندى.
بىز چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتى ئۆتەش ئۈچۈن چوڭ زالغا كىردۇق. ئىستانبول ئايروپورتى بەك بېسىق بولۇپ، زال دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن يولۇچىلار، ساياھەتچىلەر بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. مەن چېگرا تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا زالدىكىلەرگە نەزەر سالدىم: تەق-تۇرقى، چىرايى، ئىرقى، كىيىنىشى قاتارلىق تاشقى ئالامەتلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ مۇتلەق تولىسى چەت ئەللىك ئىدى. ئۇلار ئارىسىدا ياۋروپالىق ئاق پىشماقلار، بۇغداي ئۆڭ ئەرەبلەر، مىستەك پارقىراپ تۇرىدىغان قارا تەنلىكلەر، ئەرلەر، ئاياللار، بالىلار، ئېگىز بويلۇقلار، غۇنچە بويلار، ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار، زىيادە سەمرىپ كەتكەنلەر، ئازادە كىيىم كىيىۋالغانلار، يارىشىملىق شىم-كاستۇم كىيىپ گالىستۇك تاقىۋالغان سالاپەتلىك ئەرلەر، ھوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرغان يالاڭ پەلتۇ كىيىۋالغانلار… بار ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن باشقا جايلاردا كەمرەك ئۇچرايدىغان ھەيران قالارلىق رەڭگارەڭ ئادەملەر دۇنياسى ئىدى.

ھەيرانلىق مېنى ھە دېگەندىلا ئەسىر قىلىۋالدى

ئىستانبولنىڭ تار كوچىلىرى، مۇزېيلار، ئىنى نۆنۈ سودا بازىرى، گالاتا مۇنارى، پوسفور بوغۇزى قاتارلىق جايلار ۋە بۇجايلاردىكى پاكىز تېز تاماقخانىلاردا ئوزۇقلىنىۋاتقانلارنىڭ تولىسى مەن ئىستانبول ئايرودۇرۇمىدا كۆرگەن يولۇچىلار، ساياھەتچىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپلۈكى ھەيرانلىقىمغا ئۈزلۈكسىزھەيرانلىق قوشۇپلا باردى.
بىزگە تەرجىمانلىق قىلغان تۈرك يىگىت گۇرخاندىن ئۇقۇشىمچە، تۈركىيەدە 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ۋاقىت سەيلە-ساياھەتنىڭ ئەڭ ئاۋات مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن. 2008-يىلى تۈركىيەگە 26 مىليون 336 مىڭ كىشى سەيلە-ساياھەتكە كەپتۇ. ساياھەتتىن قىلىنغان كىرىم 21 مىليارد 910 مىليون دوللارغا يېتىپتۇ. تۈركىيەگە كەلگەنلەرنىڭ تولىسى ئىستانبولنى كۆرمەي قايتمايدىكەن.
ئىستانبولنىڭ شۇنچىۋالا نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىشىدا زادى قانداق سىر باردۇ؟
مەن بۇ سوئالغا كۆپ سوراش، كۆپ كۆرۈش ۋە كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب تاپتىم:
– جۇغراپىيەلىك شارائىت جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىك. ئىستانبول تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ شەھەر بولۇپ، ياۋروپا قىتئەسى بىلەن ئاسىيا قىتئەسى تۇتاشقان ئورۇنغا جايلاشقان. گۈزەل پوسفور بوغۇزى بۇ دۇنياۋى شەھەرنى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ. ئىستانبولدىكى 12 مىليون 697 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە پوسفور بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى زېمىنغا زىچ جايلاشقان، دۇنيادا ئىستانبولغا ئوخشاش ئىككى قىتئەنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان شەھەر كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
پوسفور بوغۇزى قارا دېڭىزدىن مەرمەر دېڭىزىغا، مەرمەر دېڭىزىدىن داردانىل بوغۇزى ئارقىلىق ئىگەي دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزغا چىقىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بوغۇز بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم سۇ قاتنىشى يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بوغۇزدا پاراخوتلار، كېمىلەر توختاۋسىز قاتناپ تۇرىدىكەن.
پوسفور بوغۇزى ساھىلى ئىسمى جىسمىغا لايىق تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىلىك سەيلىگاھ. بوغۇزنىڭ ئىككى قاسنىقىغا بىر خىل پاسوندا نۇرغۇن ئۆي-ئىمارەت سېلىنغان. ئۆگزىسى تەڭيانلىق ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە يېپىلىپ گىل رەڭ سىرلانغان، تاملىرى ئاپپاق ئاقارتىلغان، ياپيېشىل باراقسان دەل-دەرەخلەر ئارىسىدىن غىل-پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان بۇ ئىككى-ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيلەر كىشىگە بەكلا ئىسسىق كۆرۈنىدىكەن.
ئىستانبول كوچىلىرى بۇيۇملاشتۇرۇلغان تارىخ. تار يوللار، كوچىلاردا تېز سۈرئەت بىلەن غۇيۇلداپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار ھېلى بىر سۆگەت بويى چوڭقۇرلۇقتىكى ئويمانغا شۇڭغۇسا، ھېلى بىر تېرەك بويى ئېگىزلىكتىكى دۆڭگە ئۆرلەيدىكەن. بۇ شەھەردە تەبىئىي يەر شارائىتى شوپۇرلاردىن توختاۋسىز « ئىمتىھان » ئېلىپلا تۇرىدىكەن. شوپۇرلارنىڭ سۈرتتىكى تېزلىكى ۋە چاققانلىقىدىن بۇنداق « ئىمتىھان» بۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكىچە ئىش بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئىستانبول شەھىرىنىڭ مەيلى ياۋروپا قىسمى بولسۇن ياكى ئاسىيا قىسمى بولسۇن، ئاساسەن ئېدىرلىق، تۆپىلىك بولغاچقا، ئۆي-ئىمارەتلەر يەر شەكلىنى ئاساس قىلىپ سېلىنىدىكەن. تۆپىلىكتىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنى كۆرۈپ قەشقەر شەھىرىدىكى كوزىچى يار بېشى ئىختىيارسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى. بىر ئوخشىمايدىغان يېرى، كوزىچى يار بېشىدىكى ئۆيلەر خام خىشتىن سېلىنغان بولسا، بۇ يەردىكى ئۆيلەر بېتون قۇرۇلمىلىق ئىكەن، كوزىچى يار بېشىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى ئانچە زور ئەمەس، ئەمما ئىستانبولدىكى تۆپىلىكلەرگە سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى خېلىلا زور ئىكەن.
ياۋروپا قىسمىدىكى ئۆيلەر بىلەن ئاسىيا قىسمىدىكى ئۆيلەرنىڭ سېلىنىشتىكى پەرق شۇكى، ياۋروپا قىسمىدىكى ئۆيلەر بەك زىچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە خىل مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كونا ئىمارەتلەر كۆپ ئىكەن. ئاسىيا قىسمىدىكى ئۆيلەر، يوللار سەل ئازادىرەك ئىكەن. ئىستانبولنىڭ ياۋروپا قىسمىدىكى تار-تاچۇق، ئەگرى-بۈگرى، ئېگىز-پەس يوللار، ئويمان-دۆڭدىكى كوچىلاردىن ئورۇن ئالغان خىلمۇخىل پاسوندىكى ئۆي-ئىمارەتلەردىن ھەم قەدىمىيلىك، ھەم زامانىۋىيلىق، ھەم ئەنئەنە، ھەم ئۆزگىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدىكەن. مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىستانبولنىڭ كوچىلىرى بۇيۇملاشتۇرۇلغان تارىخ دېگەن قارىشىمىزنى سۆزسىز دەلىلەپ تۇرىدىكەن.
– دۇنياۋىيلىق. ئۇزاق يىللار مابەينىدىكى تارىخى جۇغلانمىنىڭ ھاسىلاتى ھېسابلىنىدىغان قەدىمىي ئىزلار، مۇزېيلار، ئوردا-سارايلار، سېپىللار، دېڭىز بويىدىكى داچىلار، تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلار… ئىستانبولنى دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ قوشۇلۇش-يۇغۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان.
مەرمەر دېڭىزى بىلەن ئالتۇن مۈڭگۈز قولتۇقى ئارىلىقىدىكى يېرىم ئارال رىم، شەرقى رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيەلىرى ۋە ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان، غەرب تەرىپىلا قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان، يەر شارائىتى ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان بۇ شەھەر تارىختا ناھايىتى كۆپ ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن كۆچۈرگەن. كېيىنكى ئىمپېرىيە مەزگىلى (مىلادىيە 284 –476-يىللار) دە، رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى ۋىزانتىيە (كونستانتىنوپول) گە يۆتكەلگەن. مىلادىيە 395-يىلى رىم ئىمپېرىيەسى شەرقىي رىم ئىمپېرىيەسى ۋە غەربىي رىم ئىمپىرىيەسى، دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن، كونستانتىنوپول ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىيە 1453-يىلى 6-ئاپرىلدا ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ سۇلتانى مەھمۇدⅡ بۇ قەدىمىي شەھەرنى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ۋە 300 جەڭ كېمىسى قورشىۋالغان. تۈرك قوشۇنلىرى 51 كۈنلۈك جىددىي جەڭ ئارقىلىق ئاخىرى كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان. كونستانتىنوپولنىڭ ئىستىلا قىلىنىشى بىلەن 1000يىلدىن ئارتۇق سەلتەنەت سۈرگەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى تارىخ سەھنىسىدىن ئۈزۈل-كېسىل غايىب بولغان. سۇلتان مەھمۇدⅡ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي پايتەختنى كونستانتىنوپولغا يۆتكىگەن ۋە شەھەر نامىنى ئىستانبولغا ئۆزگەرتكەن. ئىستانبول 1453-يىلىدىن تاكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلگەن.
توپكاپى مۇزېي تۈركىيە بويىچە ئەڭ چوڭ خان سارىيى مۇزېي ھېسابلىنىدىكەن. بۇ ساراي سۇلتان مەھمۇدⅡ(مىلادىيە 1421-يىلىدىن 1481-يىلىغىچە سۇلتانلىق تەختىدە ئولتۇرغان) كونستانتىنوپولنى ئىستلا قىلىپ، ئىمپېرىيە پايتەختىنى بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلگەندىن كېيىن، يەنى مىلادىيە 1474-يىلىدىن 1478-يىلىغىچە بولغان تۆت يىلدا پۈتتۈرۈلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئازغىنە كەم 500 يىلدا ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ 25 سۇلتانى مۇشۇ يەردە ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە ھالقىغان چوڭ ئىمپېرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1922-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، توپكاپى سارىيى مۇزېيى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، ئۇنىڭدىكى 16 زالدا ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ھېسابسىز ئەتىۋارلىق بۇيۇمى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ساقلىنىپ كەلمەكتە.
ئىستانبولدا 1400 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بىر قەدىمىي ئىمارەت ئايا سوفىيە ئىبادەتخانىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇ ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى مىمارچىلىق سەنئىتىنىڭ شانلىق ئۈلگىسى.
بۇ ئىبادەتخانا چاسا شەكىللىك بولۇپ، ناھايىتى ئازادە، ئېگىز، كۆركەم ۋە ھەيۋەتلىك. ئىبادەتخانىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا چىقىرىلغان گۈمبەز دىيامېتىرى 33 مېتىر كېلىدىغان بىر يۇمىلاق ۋە ئىككى يېرىم يۇمىلاق ئەگمىدىن تەركىب تاپقان. بۇ گۈمبەز تۆت ئەگمە پەشتاققا بېكىتىلگەن ئەگمە دەرۋازىلار ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئىبادەتخانا ئىچىدىن قارىغاندا، «مەجلىس زالى» غىلا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىنى تۆۋرۈكلۈك ئايلانما كارىدور ئوراپ تۇرىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا، ھەيۋەتلىك گۈمبەز ئۈستىگە چىقىرىلغان ھەشەمەتلىك بېزەكلەردىن شەرقنىڭ سەنئەت ئۆزگىچىلىكى ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
گۈمبەزنىڭ يەردىن ئېگىزلىكى 60 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئەگمىلەرنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئېچىلغان دېرىزىلەردىن چۈشكەن نۇر بىلەن يورۇپ تۇرىدۇ. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچ تاملىرى گۈللۈك سېڭىر تاشلار بىلەن بېزەلگەن ھەم ئۇ تاملارغا رەڭدار سۈنئىي ياقۇتلارنى زاماسكىلاش ئارقىلىق نەقىشلەر چىقىرىلغان…
ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنلىرى 1453-يىلى كونستانتىنوپولنى ئىستىلا قىلىغاندىن كېيىن، ئايا سوفىيە ئىبادەتخانىسىنى ئىسلام دىنىنىڭ مەسچىتى قىلىپ ئۆزگەرتكەن ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا كېيىنكى ۋاقىتلاردا سۇلتان ئەھمەد مەسچىتىگە ئوخشاش يېڭىچە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلغان.
بۇ كاتتا ئىبادەتخانا ئادەتتىن تاشقىرى پۇختا ياسالغاچقا، كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشلەردىمۇ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماي ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىبادەتخانىنى 1935-يىلى مۇزېيخانىغا ئۆزگەرتكەن.
ئىبادەتخانىنىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنچىۋالا تەرەققىي قىلمىغان ئۇل زاماندا قانداق لايىھەلەنگەنلىكى، ئادەمنىڭ قۇچىقى ئاران يېتىدىغان سىپتا تاش تۆۋرۈكلەرنىڭ قانداق تىكلەنگەنلىكى، گۈمبەزنىڭ پولات ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلمىگەن شارائىتتا قانداق يېپىلغانلىقى، ئىبادەتخانىغا ياتقۇزۇلغان مەرمەر تاش ۋە باشقا تاش ماتېرىياللىرىنىڭ ئاناتولىيە ئېگىزلىكىدىن قانداق يۆتكەپ كېلىنگەنلىكى… گە كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلى يەتمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەرنى زىيارەت قىلغانلار ئۇل زاماندىكى ئۇستىكارلارنىڭ پاراسىتىگە ئىختىيارسىز ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدىكەن.
توپكاپى خان سارىيى، ئايا سوفىيە مۇزېي، سۇلتان ئەھمەد مەسچىتى… گە ئوخشاش ئەينى زاماندىكى شان-شۆھرىتىنى يوقاتمىغان، مۈڭگۈزدەك مەزمۇت تۇرغان بۇ دۇنياۋى مىراسلار دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلىپ تۇرىدىكەن. ساياھەتچىلەر ئارىسىدا ئەرەب ئەللىرىدىن كەلگەنلەرمۇ، ياۋروپا تەرەپلەردىن كەلگەنلەرمۇ، قارا تەنلىكلەرمۇ، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنلەرمۇ بار ئىكەن.
– سودا پۇرسىتى. ئاڭلىسام، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەگە بېرىپ-كېلىۋاتقانلار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋېتىپتۇ. تۈركىيەگە كەلگەنلەر ئىستانبولغا بارماي، ئىستانبولغا كەلگەنلىكى ساياھەتچى ئېنى نۆنۈ بازىرىغا بارماي قايتمايدىكەن. 15-ئەسىردە ياسالغان بۇ ئۈستى يېپىق بازاردا 4000 دىن ئارتۇق دۇكان بار ئىكەن. دۇكانلاردا ئاساسەن ئۈنچە-مەرۋايىت، زىننەت بۇيۇملىرى، كۈمۈش، مىس، ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار، گىلەملەر، خۇرۇم كىيىم-كېچەكلەر، چاقچۇق بۇيۇملار سېتىلىدىكەن. تىجارەتچىلەرنىڭ تولىسى ياشلار ئىكەن. قارا قاشلىق، ئورا كۆز، قاڭشارلىق، يارىشىملىق بۇرۇت قويۇۋالغان بۇ تىجارەتچىلەرنىڭ تولىسى چېچىنى قىسقا ياسىتىپ، ساقىلىنى پاكىز ئېلىپ يارىشىملىق شىم-كاستۇم كىيىپ، كىيىمنىڭ رەڭگىگە ماسلاشتۇرۇپ گالىستۇك تاقاپ، ناھايىتى ئەدەپلىك سودا قىلىدىكەن. ئۇلار خېرىدار دۇكاننىڭ ئالدىغا كېلە-كەلمەيلا ماللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تونۇشتۇرۇشقا باشلايدىكەن، جۈملىدىن خېرىدارغا ئاۋۋال تۈركچە سۆزلەيدىكەن، خېرىدار گەپنى ئۇقالماي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالغۇدەك بولسا، دەرھال ئېنگلىزچە سۆزلەيدىكەن. بۇ يەردىكى تىجارەتچىلەر سودىنى يۈرۈشتۈرۈش زۆرۈرىيىتى بىلەن بىر نەچچە خىل تىلغا كامىل بولۇپ كېتىپتۇ. ئاڭلىسام، بۇ ئەلدە بىر نەچچە خىل تىل بىلىش ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىكەن. سودىدىكى پۈتۈشۈش بىزنىڭ قەشقەرگە ئوخشاپراق كېتىدىكەن، يەنى مالنىڭ ئىگىسى بىرەر مالغا 100 يۈەن باھا قويغان بولسا، خېرىدار 50 يۈەن باھا قويىدىكەن. تىجارەتچى ئازراق چۈشۈپ، خېرىدار ئازراق قوشۇپ ئاخىر ئىككى تەرەپ رازى بولۇپ كېلىشىدىكەن. ئارىمىزدىكى بىرەيلەن ساقلاش قىممىتى بار رەڭدار چوڭ تەخسىدىن بىرنى شۇنداق كېلىشىپ 55 دوللارغا ئالدى. ئۆمىكىمىزدىكى ئېنگلىزتىلىنى يامىداپراق سۆزلەيدىغان بىرەيلەن بۇ سودىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينىۋېدى، تىجارەتچى ئۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدى ۋە بۇ ئىككىيلەن بىردەمدىلا قەدىناس ئاغىينىلەردەك چىقىشىپ كەتتى. تىجارەتچى مۇئامىلىدە سىلىق، قىزغىن، ئادىل بولۇۋېدى، خېرىدار قاچمىغاننىڭ ئۈستىگە، بىر نەرسە ئېلىش ئويى يوقلارمۇ بىر مۇنچە قاچا-قۇچا، زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالدى. بىلسە، سودا دېگەن ئەسلىدە ئەنە شۇنداق ئۆز يولى بىلەن يۈرۈشۈپ كېتىدىغان كەسىپ ئىكەن.
بىز بۇ بازاردا ياۋروپالىقلاردىن باشقا، ياپونىيەلىك ۋە كورېيەلىك ساياھەتچىلەرنى، يەنە ئاللىكىملەرنىدۇر ئۇچراتتۇق. ئۇلارمۇ قۇرۇق قول ئەمەس ئىدى.
ئىستانبولنىڭ سودا شەھىرى بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكى بۇ يەردىكى سودىگەر-تىجارەتچىلەرگە كۆڭۈلدىكىدەك سودا پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ. سودىدىن سودىگەرمۇ، خېرىدارمۇ ئۆزىگە يارىشا مەنپەئەت ئالىدىكەن. مانا بۇ سودا مەدەنىيەتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ بارىدىغان ئامىللار بولسا كېرەك.

پوسفور بوغۇزىدا ئاسايىشلىق

بىز چۈشكەن ئىككى قەۋەتلىك سەيلە كېمىسى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ گۈدۈك بېرىپ قويغاندىن كېيىن، پوسفور بوغۇزىدا جەنۇب تامان يۈرۈپ كەتتى. بوغۇزدا ئۇياندىن-بۇيانغا قاتناۋاتقان كېمىلەر خېلى كۆپ ئىدى. كېمىلەر يۈرگەندە چاچرىغان ئاق بۇژغۇنلار قۇياش نۇرىدا يالت-يۇلت قىلىپ چاقناپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىۋەتتى.
سەيلە كېمىمىز كېتىۋاتىدۇ. چايكىلار كېمىمىزنى ئايلىنىپ پەرۋاز قىلماقتا. چايكىلارنىڭ بەزىسى تېخى سەيلە كېمىمىزنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالغان. ئۇلار ئادەملەرگە شۇنداق ئۆگىنىپ كەتكەنكى، ھۈركۈش دېگەننى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار شۇنداق يېقىملىق ۋە ئوماق.
سەيلە كېمىمىز كېتىۋاتىدۇ. بىر كەمدە ئۇل زاماندا سېلىنغان تاش قەلئەلەر كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇ قەلئەلەر ئەينى زاماندىكى شىددەتلىك جەڭلەرگە شاھىت ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسى ئېغىر ھالسىرىغان چاغلاردا، بىزگە بايا زاھىر بولغان تاش قەلئە بويلىرىدا قارا دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىپ ئاجايىپ قاتتىق ئۇرۇشلار بولغان. چار پادىشاھىنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قارا دېڭىزدا تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئىمپېرىيەنىڭ بىر مۇنچە زېمىنىنى تارتىۋالغان. چار روسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئادمېرالى ئوشاكوۋ قارا دېڭىز ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق كاتتا شۆھرەت قازانغان.
ئەينى يىلاردىكى شىددەتلىك دېڭىز ئۇرۇشلىرى توپچى كېمىلەردىن گۈمبۈرلەپ ئېتىلىۋاتقان زەمبىرەك ئاۋازى، قويۇق پۇرۇخ ھىدى قاپلىغان دېڭىز، چۆكۈۋاتقان، قىڭغايغان، كۆيۈۋاتقان ئۇرۇش كېمىلىرى، ئۆزىنى سۇغا ئېتىۋاتقان ماتراسلار، ئېچىنىشلىق نالە-پەرياد، قىقاس-چۇقانلار، ئېڭراشلار… كۆڭلۈم ئېچىنىشلىق، ئازابلىق ئەسلىمىلەر بىلەن قاتتىق غەش بولغانىدى. مەن خېلى بىر ھازاغىچە ئېغىر سۈكۈتكە چۆمدۈم.
سەيلە كېمىمىز بۇژغۇن چاچرىتىپ بىر خىل سالماق قەدەم بىلەن ئاستا كېتىۋاتىدۇ. مەن بىر كەمدە خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ كۆككە قارىدىم. ئاسمان شىشىدەك سۈزۈك بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى قويۇق پۇرۇخ ھىدى ئەمدى نەلەرگىدۇر تارقاپ كەتكەنىدى. زەڭگەررەڭ دېڭىز توختاۋسىز رەۋىشتە بىلىنەر-بىلىنمەس چايقىلىپ تۇراتتى. بوغۇز ساھىلىدىكى باراقسان دەل-دەرەخلەر دېڭىز بىلەن بىر تۇغقان بولۇپ كەتكەندەكلا كۆرۈنەتتى. بۇ ئۇزاق ئەسىرلىك ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، نىزادىن كېيىن قولغا كەلگەن ئاسايىشلىق، بەختىيارلىق، تىنچلىقنىڭ ماددىلاشقان ئىنكاسى ئىدى. ئەتراپ بەكمۇ گۈزەل، يېقىملىق ۋە جۇلالىق: ئاسمانمۇ، ساھىلمۇ، دېڭىزمۇ كۆك. شۇ تاپتا پوسفور بوغۇزى ئىنسانلارغا ئۈنسىز خىتاب قىلىۋاتاتتى: ھەي ئىنسانلار، ئۇرۇش، جەڭگى-جېدەلدىن يىراق تۇرۇپ، تەستە قولغا كەلگەن ياخشى كۈنلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەيسىلەر! مەن تەبىئەتنىڭ خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇرغان قۇياش تەبىئەتنىڭ ۋەزنى مىڭ سەر كېلىدىغان بۇ چوڭقۇر مەنىلىك خىتابىنى تەستىقلاۋاتقاندەك ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇراتتى.
پوسفور بوغۇزىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، يارقىن كۆرۈنۈشلەر سەيلە كېمىمىزدىكى فوتوسۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ «ئىشتىھاسى»نى بىراقلا ئېچىۋەتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە ئىما-ئىشارەت قىلىپ، سۈرەتكە تارتىپ قويۇشنى ئۆتۈنەتتى. بۇنداق چاغداساياھەتچىلەر بىراۋنىڭ ئىلتىماسىنى ئالىيجاناپ چاقىرىققا ئاۋاز قوشقانلىق، دەپ قاراپ، ئارزۇسىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇندايتتى.
مېنىڭ ئۇدۇلۇمدا ئەر-خوتۇن ۋە ئۇلارنىڭ قىزى بولۇپ، ئۈچەيلەن روبىرو ئولتۇراتتى. ئۇلارمۇ مەنزىرىلەرنى توختىماي سۈرەتكە ئالدى. ئەر-خوتۇنى بىلەن قىزىنى، بىردەمدىن كېيىن قىزى دادىسى بىلەن ئانىسىنى سۈرەتكە تارتتى. ئۇلار ناھايىتى خۇشال ئىدى، دېڭىزغا، كۆز يېتىم يىراقتىكى دېڭىز ساھىلىغا تويماي قارايتتى. بىر كەمدە ئۇلار مېنى سۈرەتكە تارتىپ قويسىڭىز دەپ ئىما-ئىشارەت قىلدى. تارتىپ قويدۇم. ئۇلار بەك خۇرسەن بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ قىزى ئۇتتۇر چىشىنىڭ چۈشۈپ كەتكىنىگە قارىماي ناھايىتى ئوماق كۆرۈنەتتى قارا قاشلىق، قاڭشارلىق، كۆزلىرى يوغان ۋە توم قارا، ئۆزى بۇغداي ئۆڭ بولۇپ، تىپىك ئەرەب قىزىغىلا ئوخشايتتى، (ئەمەلىيەتتىمۇ ئەرەب قىزى ئىكەن). ئۇنى ئانىسىغا ئەركىلەۋاتقان پەيتنى تاللاپ چاققانلىق بىلەن سۈرەتكە تارتىۋالدىم.
ئىما-ئىشارەتلىك مۇئامىلىلەردىن كېيىن ئارىمىزىدىكى ياتسىراش، قورۇنۇشلار ئۆزلۈكىدىنلا يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم بىلگەنچە سوئال سورىغىلى تۇردۇم سىز پاكىستانلىقمۇ؟ ئافغانىستانلىقمۇ؟ ئىراقلىقمۇ يا؟ ئەر سوئاللىرىمغا قولى ئارقىلىق «ياق، ياق» دېگەننى ئىپادە قىلىپ جاۋاب قايتۇراتتى. بىركەمدە ئۇ «جوردان» دېگەن گەپنى قىلدى. بۇ قايسى دۆلەت بولغىيتى؟ دۇنيا جۇغراپىيەسىدىن ئاز-تولا ساۋاتىم بار ئىدى، لېكىن «جوردان» دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. دۆلەتمىكىن دېسەم، بۇنداق دۆلەتنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، مىللەتمىكى دېسەم، ئۇنداق مىللەت بارلىقىنىمۇ ھېچ بىلەلمىدىم. بېشىمنى قاشلاپ تۇرۇپ كەتتىم. «پەلەستىن» دېدى ئۇبىركەمدە باش قېتىنچىلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىمنى بىلىپ. «ھە ئەرەب ئىكەنسىز دە» دېدىم مەن گويا چوڭ بىر ھېكمەتنى بىلىۋالغاندەك. كۆزلىرىم خۇشاللىقتىن ئويناپ كەتتى.
شۇ ئەسنادا «ئىئوردانىيە» دېگەن گەپ تۇيۇقسىزلا خىيالىمدىن كېچىپ قالدى. ھە، ئۇنىڭ «جوردان» دېگىنى «ئىئوردانىيە» ئوخشىمامدۇ؟ ئىئوردانىيە، ئىئوردانىيە دەۋەتتىم، خۇشاللىق بىلەن. «يېس، يېس» دېدى ھېلىقى ئەرەبمۇ مەمنۇنىيەت بىلەن. ئۇنىڭ چىرايىغا باشقىچە خۇشاللىق يۈگۈرگەنىدى. دېمەك، ئۇمۇ ئوتتۇرا شەرقلىق ئەرەب ئىكەن. ئاڭلىسام، ئوتتۇرا شەرقلىق ئەرەبلەر تۈركىيەگە ۋىزىسزلا كېلەلەيدىكەن.
پوسفور بوغۇزىدىكى بىر يېرىم سائەتلىك سەيلە-ساياھىتىمىز ئۇزاق ئۆتمۈشنىڭ ئىس-تۈتەكلىك ئەسلىمىلىرىنى بايقىدەك كۆڭۈللۈك ئىما-ئىشارەتلەرگە تويۇنغان خاتىرىلەر ئارقىلىق يۇيۇپ تازىلاپ، كۆڭۈل ئاسمىنىمىزنى سۈزۈكلەشتۈرگەنىدى. مەن پىرىستاندىن ئايرىلىدىغان چاغدا پوسفور بوغۇزىغا يېنىش-يېنىشلاپ قارىدىم: تارىخنىڭ نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن بۇ ئۈزۈلمەس ئېقىن ئاسايىشلىق كېمىسىنى ئۈمىد پالاقلىرى بىلەن ھەيدەپ يىراق مەنزىل تامان كېتىۋاتقاندەك كۆرۈندى.

شەھەرلىشىش ۋە مۇلازىمەت

شەھەر دېگىنىمىز ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان، سودا-سانائەت تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى دېھقانچىلىق قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان، ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھېسابلىنىدىغان جايدۇر. شەھەر دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى دەۋرىدە ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركىزى بولغان، سانائەت مەدەنىيىتى گۈللىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا، ئاساسەن، ئادەملەر تۇرىدىغان جايغا، شەھەر تۇرمۇشى ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق مەۋجۇدلۇق ھالىتىگە ئايلانغان.
ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان مۇنداق ئىككى ئالاھىدىلىكىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ: ئۇنىڭ بىرى، يۈكسەك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىق خاراكتېرى، يەنە بىرى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش. شەھەر يۇقىرىقى ئىككى ئالاھىدىلىكنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاسىتىدۇر.
ئادەتتە، جەمئىيەتتىكى سەرخىل بايلىقلار شەھەرلەرگە توپلانغان بولىدۇ. شەھەرلەر تەربىيەلىنىش، سەھىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېزىلارغا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتساق، شەھەردە يېزىغا نىسبەتەن ئەۋزەل مۇھىت ھازىرلانغان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە كۆرە، يېزىدىكىلەر تەدرىجىي ھالدا شەھەرگە يۈزلىنىدۇ. بۇنداق يۈزلىنىش، يۆتكىلىشتىن شەھەرگە يۈزلىنىۋاتقانلارمۇ، شەھەرگە يۈزلىنىپ بولغانلارمۇ مەلۇم نەپكە ئىگە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتساق، پۇلى يوقلارنىڭ قولى ئازدۇر-كۆپتۇر پۇل كۆرىدۇ. پۇلى ئازلار جىقراق پۇل تېپىشنىڭ كويىنى قىلىدۇ. مۇنداق ئىزدىنىش، مۇنداق ئازدۇر-كۆپتۇر كىرىم، ئۆز نۆۋىتىدە، ئىستېمالغا تۈرتكە بولىدۇ. مەسىلەن: 1 مىليون ئاھالىسى بار شەھەرگە ھەر كۈنى 625 مىڭ توننا سۇ، 2000 توننا ئاشلىق ۋە 9500 توننا يېقىلغۇ كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇنداق شەھەرلەردىن 500 توننا كېرەكسىز سۇ، 2000 توننا ئەخلەت ۋە 950 توننا كېرەكسىز گاز چىقىرىلىدۇ. ئىستېمالنىڭ ئېشىشى ئوبوروتنى جانلاندۇرىدۇ. ئىقتىسادنىڭ بۇنداق ياخشى سۈپەتلىك دەۋرىي قىلىشى بىلەن بىز ئادەتتە كۆپرەك تىلغا ئالىدىغان 3-كەسىپ، يەنى مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ بارىدۇ. مۇلازىمەت ھازىر ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا پىشاڭلىق رول ئوينايدىغان ئاساسلىق كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
يۇقىرىقى ئاساسلارغا كۆرە، تۈركىيەدە ئاھالىنىڭ %75ى شەھەرگە ماكانلاشقان. بۇ ئەلدە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلاردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سودا-تىجارەت، تىرانسپورت، پىششىقلاش، ئوزۇق-تۈلۈك كەسپى، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش…كە ئوخشاش باشقىلارنى پەۋقۇلئاددە ئىستېمال قىممىتى بىلەن تەمىن ئېتىپ تۇرىدىغان غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ يەردە يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە توپكاكى خان سارىيىغا يانداپ سېلىنغان تېز تاماقخانىدىكى بىر قېتىملىق چۈشلۈك تاماق ھەققىدىلا ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بېرەي:
پوسفور بوغۇزى ساھىلىدىكى ھاۋالىق ئورۇنغا جايلاشقان بۇ تېز تاماقخانا رەتلىك، پاكىز بولۇپ، خېرىدارلىق ئىكەن، تاماقلىرى ئاساسەن ياۋروپاچە بولۇپ، سوغۇق يېمەكلىك ئاساس قىلىنىدىكەن. بىز تۆت چاسا تاماق ئۈستىلىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ بولۇشىمىزغىلا، ئىستاكانلارغا تولدۇرۇپمىنېرال سۇ قۇيۇلدى. ئارقىدىن بولكا، شوخلا تەملىك شورپا، دوخۇپكىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك، ھەر بىرىمىزگە بىر قاچىدىن خام كۆكتات (پاكىز يۇيۇپ توغرالغان شوخلا، كۆكمۇچ، قاتكۆك، تەرخەمەك، پىياز، سامساق، يۇمغاقسۈت)، تۈركىيە كاۋىپى، ئارقىدىن تاۋۇز… قاتارلىقلار كەلتۈرۈلدى. يۇقىرىقى يېمەكلىكلەر بىر كىشىلىكتىن بولۇپ، مىقدارى كۆپ ئەمەس، ئەمما تەملىك، يېيىشلىك ئىدى. بۇ يەرنىڭ تېز تاماقخانىلىرى، رېستورانلىرىدىكى كۈتكۈچى، مۇلازىملار ئاز-ساز، كۆزى ئىتتىك، ئايىغى چاققان، ناھايىتى پاكىز، ئەدەپلىك ئىكەن. بۇلار تەخسە، قوشۇق، ۋىلكا دېگەنلەرنى زېرىكمەي يەڭگۈشلەپلا تۇرىدىكەن. مەن تاماق ئۈستىلىدە مىنېرال سۇ، گىلاس سۈيى دېگەندەك تەبىئىي سوغۇق ئىچىملىكلەردىن باشقا، شاراب ئىسىملىك ھەر قانداق سۇيۇقلۇقنى، تېز تاماقخانا، رېستورانلاردا ۋارقىراپ سۆزلىگەنلەر، تەرلەپ پىشىپ بىر ئاش پىشىم ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ كەتكەنلەر، توختىماي كېكىرىۋاتقانلار، پۇرقۇرۇتۇپ تاماكا چېكىۋاتقانلار، كوچا-كويلاردا لەپپەڭشىپ يۈرگەنلەرنى زادى كۆرۈپ باقمىدىم. خېرىدارلار غىزالىنىپ بولۇپ قايتىشقا تەمشەلگەندە، مۇلازىملار ئەدەپ بىلەن «يەنە كېلەرسىز، خوش كەتتىڭىز» دەپ، خېرىدارلارغا ئامان-ئېسەنلىك تىلەيدىكەن. گەپنىڭ راستىنى ئېيتسام، ئادەمنىڭ بۇنداق تېز تاماقخانىلاردا خەجلىگەن پۇلىغا پەقەت قورسىقى ئاغرىمايدىكەن.
بۇ ئەلدە ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەرنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش تەقسىملەيدىغان ئىش يوق ئىكەن. ھەركىم ئۆزى ئىش تاپىدىكەن. بەلكىم شۇ ۋەجىدىنمىكىن، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئىشچان، ئىگىلىك تىكلەشكە ماھىر، مۇستەقىل ياشاش ئېڭى كۈچلۈك، ئىرادىلىك، ئۈمىدۋار بولۇپ يېتىلىدىكەن.

گېزىتچىلەر نېمە دەيدۇ؟

دۇنيادا ئەڭ دەسلەپ گېزىت، ئاندىن رادىيو بارلىققا كەلدى، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ئېتىبارەن تېلېۋىزور ئومۇملىشىشقا باشلىدى. تور ئەڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، گېزىت-رادىيوغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە قاتتىق خىرىس پەيدا قىلدى. تور گېزىتكە زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ پايدىسىز ئەھۋالدىن قانداق قىلغاندا قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟
بۇ تۈركىيەدىكى زىيارىتىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولدى. بىز ئىستانبولدىكى چېغىمىزدا «ساباھ» گېزىتخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەمدى بىز گېزىتچىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ساداسىغا قۇلاق سېلىپ باقىمىز. بۇ گېزىتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مەتىن يۈكسەلنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە، تۈركىيەدە چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ تولىسىنى خۇسۇسىيلار باشقۇرىدىكەن. تۈركىيەدە تەسىر جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان «ساباھ» گېزىتىمۇ ئاشۇنداق گېزىتلەر جۈملىسىگە كىرىدىكەن. بۇ گېزىت ھەركۈنى ئازغىنە كەم 450 مىڭ تىراژدا تارقىلىدىكەن، ئايلىق ئېلان كىرىمى 15 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. تور بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق چوڭ گېزىتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋېتىپتۇ، يەنى تىراژ چۈشۈۋېتىپتۇ.
تىراژنىڭ چۈشۈشى گېزىتلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن پايدىسىز ئەھۋال. لېكىن ئۇنى تىراژ چۈشۈۋاتىدۇ، دەپلا توختىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا بۇنداق پايدىسىز ۋەزىيەتتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟
گېزىتنىڭ تارقىلىشى تېز، خەۋەرلەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە يۇقىرى، گېزىتكە تايىنىشچانلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. «ساباھ» گېزىتى تىراژ تۆۋەنلەپ كېتىشتەك پايدىسىز ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خەۋەرنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇشتەرىلەرنى جەلپ قىلىپتۇ، يەنى مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىكى باسما نۇقتىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۈنلۈك گېزىتنى شۇ يەرگە، شۇ دائىرىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپتۇ. بۇ خۇددى بىزنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» قەشقەر باسما مەركىزىدە بېسىلىپ، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ بىلەن خوتەننىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىگىمۇ شۇ كۈنىلا تارقالغاندەك ئىش ئىكەن. بۇ گېزىتنىڭ ئىتالىيە، گىرېتسىيە، ئالبانىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى خەۋەرنى توردىن يوللايدىكەن، گېزىت مۇخبىر ئەۋەتەلمىگەن جايلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى توردىن ئالىدىكەن، زور ئىشلار، مۇھىم ۋەقەلەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپتۇ.
يېڭىلىق يارىتىش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىنىڭ مەڭگۈلۈك مىزانى. «ساباھ» گېزىتى ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، بەتلەر، سەھىپىلەر، ئىستونلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، گېزىتنى ئىمكانقەدەر مۇشتەرىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ، يەنى قىزىقىش، پىسخىكا، مەنپەئەت، ئۇچۇر، مۇلازىمەت… جەھەتتىن يېقىنلاشتۇرۇپ، ئوقۇشچانلىقنى ئاشۇرۇش، تەسىر كۈچىنى زورايتىشقا جىق كۈچەپتۇ. گېزىتنىڭ ئىقتىساد، ئەدەبىيات، سەنئەت، تەنتەربىيە، ئاياللار، ئەرلەر، مۇزىكا، ساياھەت، كىيىم-كېچەك، مەززىلىك تائاملار، سالامەتلىك، كومپيۇتېر، ئاپتوموبىلغا ئوخشاش مەخسۇس بەت ۋە سەھىپىلىرى بار ئىكەن. ياشلار، مائارىپ ساھەسىدىكىلەر، شەھەردىكىلەر، ئاياللار بۇ گېزىتنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىكەن. ئاياللارنى مىسالغا ئالساق، بۇ ئەلدە ئاياللار ئازادلىقى خېلى بۇرۇنلا تەكىتلەنگەچكە، ھەرقايسى ساھەدە ئىشلەۋاتقان ئاياللار كۆپرەك ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى ئىكەن، دۆلەتنىڭ ئىشلىرى، خەلقئارا ۋەزىيەت، ئاياللار ئىشلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن. «ساباھ» گېزىتى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاياللارنىڭ ئوقۇش-تەربىيەلىنىش، نىكاھ، پەرزەنت تەربىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستونلارنى ئېچىپ، بۇ ھەقتىكى ماقالىلەرنى كۆپلەپ بېرىپ تۇرىدىكەن.
دىققەت-نەزەرنى ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى، گېزىتلەر گۇرۇھلىشىپ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، رادىيو ئىستانسىسى قۇرۇپتۇ، ژۇرنال چىقىرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈك جايلىرىنى تولۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىپتۇ. مەسىلەن: رادىيودا كۆپرەك مۇزىكا ئاڭلىتىلىدىكەن، تېلېۋىزوردا دۇنياغا، تۈركىيەگە دائىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر، ئېلانلار كۆپرەك كۆرسىتىلىدىكەن. ژۇرناللاردا، ئاساسلىقى، ئائىلە تۇرمۇشى، مودا كىيىملەر، ئاپتوموبىل، جۇغراپىيەگە دائىر بىلىملەر تونۇشتۇرۇلىدىكەن. تور گېزىتلەرگە تەسىر كۆرسەتكىنى بىلەن تېلېۋىزىيەگە ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەپتۇ.
گېزىتخانىلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا ئىشلەيدىغانلار ئاۋۋال شۇ ئورۇندا ئۈچ-تۆت ئاي پىراكتىكا قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا مىجەز-خۇلق، كەسپىي ئىقتىدار، ئادىمىيلىك قاتارلىق جەھەتلەردىن قاتتىق سىنىلىدىكەن. قوبۇل قىلىنغانلار ئىچىدە كارغا كەلمەسلەر ئىنتايىن ئاز بولىدىكەن.
گېزىتلەرنىڭ تولىسى پايچېكلار باشقۇرۇشىدىكى خۇسۇسىي گۇرۇھلار بولسىمۇ، تەشۋىقاتتا دۆلەت مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان مەسىلىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە قاتتىق دىققەت قىلىدىكەن.
مەتىن يۈكسەل بىرەر يۈز يىلدىن بۇيان تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، باردى-كەلدى كۆپىيىۋاتىدۇ، گېزىتلەرمۇ شۇنداق بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. تۈركىيەدىكى خېلى كۆپ گېزىت (باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ بار)نىڭ قارىشى مەتىن يۈكسەلنىڭ قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.

مۇبارەك زات مۇستاپا كامال

ئىستانبول، ئىزمىر، ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مۇستاپا كامالنىڭ ئاتقا مىنىپ تۇرغان ھالەتتىكى مىس ھەيكىلى، يېرىم مىس ھەيكىلى، بۇ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا قارا پاپاخ كىيىپ يىراققا نەزەر سېلىۋاتقان رەسىمى، ئىدارە-ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشخانىلىرىدا ئەينەك جازىغا ئېلىنغان سۈرىتى دىققىتىمنى تارتتى. مەن پاراڭلاشقان كىشىلەر مۇستاپا كامالنىڭ مۇبارەك نامىنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئالدى. ئۇلارنىڭ ھاياجىنىغا يۈكسەك ھۆرمەت ھېسسىياتى سىڭگەنىدى.
مۇستاپا كامال ھارغىنلىق سەۋەبىدىن 1938-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبولدىكى باغچە دولما سارىيىدا 57 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقىنىغا 72 يىل بولدى. لېكىن ئۇ تۈركىيەلىكلەرنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋېتىپتۇ. بۇ مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەنى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتقۇزۇپ قېلىش، ئۈزۈل-كېسىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ جۇمھۇرىيەت قىياپىتىنى يېڭىلاش يولىدا ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىشتەك تارىخىي تۆھپىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.
1914-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا، ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى ئەنۋەر پاشانىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسى گېرمانىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئانتانتا دۆلەتلەرگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئۇزاقتىن بۇيان داردانىل بوغۇزىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تالىشىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە، فىرانسىيەگە باھانە بولدى. ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە 1915-يىلى 2-ئايدا داردانىل بوغۇزىغا ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇن ياردەملەشكۈچى پاراخوتلاردىن تۈزۈلگەن 570 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى.
داردانىل بوغۇزى ئوتتۇرا دېڭىزدىن مەرمەر دېڭىزىغا، مەرمەر دېڭىزىدىن پوسفور بوغۇزى ئارقىلىق قارا دېڭىزغا چىقىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 61 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 6.4 كىلومېتىر، ئەڭ تار يېرى 1.2 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېقىندا ھەرگىز مۇز توڭلىمايدۇ، ئەمما كۆپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شامال يۆنىلىشى ۋە بوران-چاپقۇن دېڭىزدا يۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ.
داردانىل بوغۇزىمۇ تارىختا پوسفور بوغۇزىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرگەن. يەنى، قەدىمكى زاماندىن تارتىپلا لەشكىرىي قىسىملار تالىشىدىغان جاي بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 334-يىلى ئىمپېراتورئالىكساندىر ماكىدونىسكى شەرققە يۈرۈش قىلغان. ئۇ 30 مىڭ لەشكەر ۋە 5000 چەۋەندازغا قوماندانلىق قىلىپ 160 نەچچە ئۇرۇش كېمىسى بىلەن داردانىل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ئاسىيا تۇپرىقىغا تۇنجى قېتىم ئاياغ باسقان. ئۇ ئاۋۋال كىچىك ئاسىيانى، ئاندىن مىسىر، پېرسىيەلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقا قىتئەسىگە ھالقىغان تەڭداشسىز ئىمپېرىيە قۇرغان.
زور كۆلەملىك غازات بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان. مىلادىيە 1189-يىلى گېرمانىيە كارولى فېلىپ Ⅰ نۇرغۇن قوشۇننى باشلاپ 3-قېتىملىق ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى قىلغان، داردانىل بوغۇزىنىڭ شىددەتلىك ئېقىنى ئەھلى سەلپ رىتسارلىرىنىڭ شەرققە يۈرۈش قىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمىغان. 14-ئەسىردە ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ قوشۇنلىرى داردانىل بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا يۈرۈش قىلغان…
مانا ئەمدى تۈركىيەنى ئۇرۇش ۋەھىمىسى قاپلىۋالغانىدى. ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، تۈركىيە مۇستەقىللىقىدىن مەھرۇم بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلەتتى. شۇ چاغدا ئەمدىلەتىن دىۋىزىيە كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن مۇستاپا كامال تۈركىيەنىڭ ياۋروپا قىسمىغا جايلاشقان گاللىپولى ئارىلىدىكى قاقاس تاغلىق رايوندا قوشۇنغا ماھىرلىق بىلەن باشچىلىق قىلىپ، ئەنگلىيە-فىرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيەسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچراتتى. 1915-يىلى 25-ئاپرېلدىكى چاناق قەلئە ئۇرۇشى، ئاۋغۇستتىكى ئانا فارتا ئۇرۇشى، سەددۇل باھىر، مورتو پورتلىرىنىڭ قوغدىلىشىدا، چىمەنتۆپىگە ھۇجۇم قىلغان دۈشمەننىڭ كەينىگە چېكىنىپ قېچىشى… دا مۇستاپا كامال قوماندانلىقىدىكى 19-دىۋىزىيە ئۇرۇش تارىخىغا ئۆرنەك بولالىغۇدەك غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1915-يىلى فېۋرالدا باشلىنىپ، 1916-يىلى 27-يانۋاردا ئاخىرلاشقان داردانىل بوغۇزىنى قوغداش ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە ئارمىيەسىدىن 214 مىڭ كىشى، فىرانسىيە قىسىملىرىدىن 47 مىڭ كىشى قازا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ بىر مۇنچە زامانىۋى ئۇرۇش پاراخوتلىرىمۇ چۆكتۈرۈۋېتىلدى. داردانىل بوغۇزى ئوبدان قوغدالغانلىقتىن، بىرلەشمە ئارمىيە مەقسىتىگە يېتەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن پايتەخت ئىستانبولغا كېلىدىغان زور تەھدىت تۈگىدى. ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەنى ئىستېلا قىلىش خىيالى بەربات بولدى.
تۈركىيەنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈن بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. 1920-يىلى ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا ئانتانتا دۆلەتلەر سان رېمودا يىغىن ئېچىپ، تۈركىيەنى بۆلۈشۈۋېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزدى. ئىيۇن ۋە ئىيۇل ئايلىرىدا ئەنگلىيەنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن ۋە قورال-ياراغلىرىغا ئېرىشكەن گىرېتسىيە ئارمىيەسى تۈركىيەنىڭ 3-چوڭ شەھىرى ئىزمىردىن يولغا چىقىپ بالى كەسىر، بورسا ۋە باشقا شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئاناتولىيەنىڭ كىندىك رايونىغا بېسىپ كىردى، ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەي يەنە سېرىسقا كىرىپ ئەدىرنەنى ئىشغال قىلدى. تۈركىيەنىڭ ۋەزىيىتى قىل ئۈستىدە تۇراتتى.
1921-يىلى 10-يانۋاردا مۇستاپا كامال ئەمدىلا تەشكىللىگەن تۈركىيە ئارمىيەسى ئېنۆنۈ دېگەن يەردە گىرېتسىيە قوشۇنىنى يېڭىپ، ئۇلارنىڭ ئاناتولىيەگە قىلغان تۇنجى ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇۋالدى. گىرېتسىيە بۇ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي ئاۋغۇستتا ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىدى. 1921-يىلى 23-ئاۋغۇست باشلىنىپ، 10-سېنتەبىر ئاياغلاشقان ساكارىيا سوقۇشىدا ۋە 1922-يىلى ئاۋغۇستتىكى ئەفيۇن، كىر شەھەرلىرىنى ئازاد قىلىش جېڭىدە، ئاناتولىيە دۆلەت مىللىي ئارمىيەسى دانا، قابىلىيەتلىك ۋە باتۇر ئالىي قوماندانى مۇستاپا كامالنىڭ رەھبەرلىكىدە جاسارەت بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. مۇشۇنداق بىر قاتار غەلىبىلىك ئۇرۇشلاردىن كېيىن ئانتانتا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ئىستانبول، دېڭىز بوغۇزى، شۇنداقلا شەرقىي سېرىسقا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى. شۇنداق قىلىپ دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى قوغداپ قېلىندى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇستاپا كامال تۈركىيە ھايات تۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم غەرب ھازىرقى زامان دۇنياسىنىڭ بىر قىسمىغائايلىنىشى كېرەك، دېگەن قاراشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلدى ۋە دىن ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىسلاھاتى، يېزىق ئىسلاھاتى، كىيىم-كېچەك ئىسلاھاتى، ئائىلىۋى تۇرمۇش ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئاياللار ئازادلىقى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش… قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، جۇمھۇرىيەت قىياپىتىنى يېڭىلىدى، ئۇ كونا ئىمپېرىيە بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئادا-جۇدا بولۇش ئۈچۈن، ھەتتا پايتەختنىمۇ ئىستانبولدىن يۆتكەپ كەتتى، گېرمانىيە، ئاۋسترىيەنىڭ بىناكارلىق ئۇستىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، يېڭى پايتەخت ئەنقەرەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ يېڭى مېمارچىلىق ئۇسلۇبى بويىچە ياساتتى…
1953-يىلى 10-نويابىردا، مۇستاپا كامالنىڭ جەسىتى بۇرۇنقى ئېتنوگرافىيە مۇزېيىغا تەۋە ۋاقىتلىق قەبرىدىن پايتەخت ئەنقەرە بويىچە ئەڭ ئېگىز جاي رەشاد تەپەدىكى يېڭى خاتىرە قەبرىسىگە يۆتكەپ يەرلەشتۈرۈلگەن. بۇ قەبرىگاھ ناھايىتى ھەيۋەتلىك. تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر، ئوقۇغۇچىلار قەبرىگاھقا كېلىپ مۇستاپا كامالنى ياد ئېتىپ تۇرىدىكەن ۋە تۈركىيەنىڭ بۇيۇملاشتۇرۇلغان تارىخى بىلەن تونۇشىدىكەن.

مەدەنىيەتتىكى ئەبجەش تىندۇرما ۋە يوشۇرۇن ئۈستۈنلۈك

تۈركىيە زادى ئاسىيا دۆلىتىمۇ ياكى ياۋروپا دۆلىتىمۇ؟ كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيان بۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەپ كەلدى. مەملىكەت زېمىنىنىڭ %97ىنى ئىگىلەيدىغان ئاسىيا قىسمى كىچىك ئاسىيا يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيەلىك جايلىشىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تۈركىيە ئاسىيا دۆلىتىگە مەنسۇپ؛ لېكىن تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى سىياسىي مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە ياۋروپا دۆلىتىگە مەنسۇپ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان چوڭ دۆلەت، ئاھالىسىنىڭ %99ى ئىسلام دىنىغا ئېتىقادقىلىدۇ.
بۇنداق كۆپ قاتلاملىق خاسلىقنى ئۇزاق تارىخىي مۇساپە جەريانىدىكى خىلمۇخىل مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇپ يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى شەكىللەندۈرگەن. جۈملىدىن، رىم مەدەنىيىتى، ۋىزانتىيە مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسى زېمىنىدا ئۆزئارا ئالمىشىپ، قوشۇلۇپ، يۇغۇرۇلۇپ ئاخىرىدا بىر خىل ئەبجەش تىندۇرما ھاسىل قىلغان. تۈركىيەنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆپ قىياپەتلىك ئالاھىدىلىكى تارىخنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئوخشىمىغان رايون، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن پەرق تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات يولىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ياۋروپا مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى ۋە بۇ تەدرىجىي ھالدا ئىمپېرىيە تەۋەسىدە دىن بىلەن دىندىن خالىيلىق، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىشىش ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىشىشقا ئايلىنىپ كەتتى. تۈركىيە ئاخىر ياۋروپالىشىش يولىغا ماڭدى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەينى چاغدىكى سۇلتانى سەلىم Ⅲ فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئارمىيەنى ياۋروپا ئەندىزىسى بويىچە ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ ۋارىسى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا «تۈركىيەنىڭ پېتېر ئىمپېراتورى» دەپ نام ئالغان مۇھەممەد Ⅲ نىڭ ئىسلاھاتى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك بولدى. ئۇ 1826-يىلى تۈركىيەنىڭ كونىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گۋاردىيە پولكلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، پىروسىيە ئوفىتسېرىنى قوشۇنىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەدە مائارىپ، ئەدلىيەئىسلاھاتىمۇ يولغا قويۇلدى. نەتىجىدە سانائەت مەدەنىيىتى ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىگە بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. 1919-يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى «ياش تۈركلەر» ھەرىكىتى ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، تۈركىيەدە ئومۇميۈزلۈك ياۋروپالىشىش يولغا قويۇلدى. مۇستاپا كامال دەۋرىگە كەلگەندە، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى، ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىش بەلگە قىلىنغان سىياسىي مەدەنىيلىك مەيدانغا كەلدى. بۇ تۈركىيەنىڭ ئەنئەنىدىن زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىشتەك تارىخىي مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈردى.
يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيىتىدىكى كۆپ خىللىقىنى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئۈستۈنلۈكى دېمەي بولمايدۇ. خىلمۇخىل مەدەنىيەتنىڭ قوشۇلۇشى، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش سىنىقى تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەتكە لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى مەلۇم دەرىجىدە كۈچەيتتى. شۇ سەۋەبلىك تۈركىيە ئىسلام دۇنياسىدىكى باشقا ئەللەرگە نىسبەتەن زامانىۋىلىشىش يولىغا بالدۇرراق قەدەم تاشلىدى. مۇنداقچەئېيتساق، ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر مۇنچە ئەل ئەنئەنىۋى ئەقىدىلەرگە مەھكەم يېپىشىۋېلىپ، تاشقى دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش ھەققىدىكى «ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى» دىن خالىيراق ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۈپ قالغان چاغلاردا، تۈركىيە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن غەرب مۇناسىۋىتىدە بىر قەدەر كۈچلۈك ماس تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش يولىنى تۇتۇپ، يەنى ئۆزىنىڭ ياخشى ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى خەقنىڭ ياخشى ئۆرنەكلىرىنى دادىل قوبۇل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭىلىققا، دۇنياغا يۈزلىنىپ، تەرەققىيات «تۇلپىرى»نىڭ تىزگىنىنى قويۇۋەتتى ۋە بىر مەزگىللىك سىناق، چېنىقىش بورانلىرىدىن كېيىن، دۇنيادا تەسىرى خېلى زور ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2008-يىلى تۈركىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە تۇنجى قېتىم 10 مىڭ دوللارلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ بويىچە دۇنيادا 20-ئورۇننى ئىگىلىشى يۇقىرىقى قارىشىمىزنىڭ روشەن دەلىلىدۇر.

ئاخىرقى سۆز

مەن ئەزىز نەسىن، ساباھىدىن ئەلى، ياشار كامال، ئۆمەر سەيفەتتىن قاتارلىق تۈركىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە بەزى ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، تۈركىيە جەمئىيىتى توغرىسىدا ئازدۇر-كۆپتۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلغانىدىم. بۇ قېتىم بىۋاسىتە كۆرۈش، بىۋاسىتە ئاڭلاش، بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى غۇۋا چۈشەنچىلىرىم سەل-پەل روشەنلەشكەندەك بولدى: ئوسمانلى تۈرك ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللار ۋە باشقا ئىسلام ئەللىرىگە سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيە ھەقىقەتەن تەرەققىي قىپتۇ ۋە تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئىكەن، گەپنىڭ قىسقىسى، دۇنيا تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە قايسى ئەل، قايسى رايون بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەرەققىي قىلماي، يۈكسەلمەي بولمايدىكەن. مەلۇم بىر ئەل مەلۇم بىر رايوننىڭ ھەر جەھەتتىن يۈكسىلىشى شۇئەل، شۇ رايوننىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ، ئۆزگىلەر ئۈچۈنمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا پايدىلىق ۋە زۆرۈر ئىكەن. چۈنكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتتىكى قاششاقلىق، قاتماللىق، قالاقلىق،

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
تامام. «شىنجاڭ گېزىتى»(2010-06-26)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە : ئۇيغۇر قامۇسى

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..