باشبەت » ئىلىم-پەن

NASAنىڭ سىرى ۋە ئاي شارىدىكى قەدىمى مەدەنىيەت ئىزلىرى NASA and The Dark Mission

3 دېكابىر 2008 585 قېتىم كۆرۈلدى 7 ئىنكاس

ئابدۇرازاق سىدىق

تىلىۋىزوردا  تارقىتىلىدىغان (مەخپى ساھاگە ئىز قوغلاش )ناملىق بىر مەخسۇس پىروگرامما بار .بۇنى بەزىدە شۇنداق ئۇدۇل كىلىپ قالغان ۋاقىتلاردا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تىلىۋىزوردىن كۆرۈپ قويىمەن .تۇنۈگۈنمۇ بىر تەجىرىبىنى ئاران تۈگىتىپ بىشىم ئاغرىپ كىتىپ ئۆگىنىش قىلىشقا خوشياقماي ياتاققا يىنىپ كىرىپ تىلىۋىزورنى ئىچىپ قانال ئۆرۈپ كىلىپ مۇشۇ پروگراممىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .ئىلگىرى كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممسى ئۇچار تەخسە ياكى يەرشارىدىكى قەدىمى ئىزلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بولغاچقا ھەقىچان يەنە شۇ ئۇچار تەخسە جىدىلى ئوخشايدۇ ،دەپ باشقا قانالنى ئىچىپ كىنو كۆرۈپتىمەن .بىراق 10نەچچە مىنۇت كۆرە كۆرمەيلە  بۇ يۇزى قىلىن ئىلانلار كىنونى ئوتتۇرىدىن ئۇۈپلا سەكرەپ چىقىپ بىزەڭلىك بىلەن ھىجىيىپ تۇرىدۇ ،ئەرۋايىم ئۇچۇپ ھىلىقى پىروگراممىنى كۆرەيچۇ دەپ ئاچسام نەخ ئاي شارى ھەققىدە سۆزىلىگىلى تۇرۇپتىكەن .بىردەم كۆرۈپتىمەن .بۇ ئەسلىدە ئامرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى((NASA)نىڭ سابىق ئالى دەرىجىلىك خادىمى خوگلەند(Richard Hoagland ) قاتنىشىپ ئىشلىگەن ۋە ئۇ (يازغان يوشۇرۇن ۋەزىپە )ناملىق كىتاپ ھەققىدە ئىكەنتۇق . بۇ كىتاپ ھەققىدە بۇرۇنمۇ ئاڭلىغان بىراق ئۆزەم تەپسىلىي ماتىرىيال ئاختۇرۇپ باقمىغان . بۇنى كۆرۈپ بولۇپ ھەيرانلىقمىنى زادىلا بىسىۋالالمىدىم . ئەسلىدە NASA ئاي شارى ۋە مارس ھەققىدىكى غايەت زور سىرلارنى دۇنيا جامائەتچىىلىكىدىن40يىل يوشۇرۇپ كىلىپتىكەن ئەمەسمۇ ،ئۇلار ھەتتا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارلىغان رەسىم ۋە باشقا ماتىرىياللارنىمۇ تەھرىرلەپ ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ئىلان قىلغان ئىكەن  .خوگلەندىنىڭ ئىيتىشىغا قارىغاندا  ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 60يىللىرىدىكى (ئاپوللو )پىلاننى ئىجرا قىلىش مۇۋاپپقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ئايغا قونغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايدا قەدىمى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى بايقىغان ،ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق جانلىقلار (قەدىمى ئىنسانلار) ئىشلەتكەن تاشلاندۇق قۇرۇلۇش خارابىلىرىنى كۆرگەن ،ھەتتا بىرقىسىم ئۇسكۈنىلەرنىڭ پارچىسىنى يەرشارىغا ئىلىپ قايتقان .بۇ ئۈسكۈنە پارچىلىرىنىڭ ئىغىرلىق كۈچىگە قارشى قۇرۇلما بولۇشى مۇمكىنچىلىقى تولىمۇ زور ئىكەن .مەن پروگراممىنى كۆرۈپ بولۇپ دەرگۇماندا بولۇپ قالدىم .بۇ بىرخىل (قارڭغۇلۇق ۋەزىپىسى)كىتاۋىنى سىتىش ۋە پروگرامما كۆرۈش نىسبىتىنى  ئاشۇرۇش يولىدىكى ۋاستىمۇ ياكى ئچىلمىغان ھەقىقى سىرلارنىڭ ئاشكارلىنىشىمۇ ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇگۈن ماتىرىيال چۈشۈرۈش باھانىسىدە  تورغا چىقىقاندا ماتىرىيال ئاختۇرۇپ باقتىم .قارىسام (مەخپى ساھاگە ئىز قوغلاش )نىڭ نوپۇزىمۇ خىلى باركەن .ھەم بۇ خوگلەند دىگەن ئاداش بۇرۇن NASAنىڭ ئالدىنقى قارارلىق مەسلىھەتچىسى ھەمدەCBSئىلىم-پەن بۆلىمىنىڭ مەسلىھەتچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئىكەن .ھەمدە ئۇ بۇ پىروگراممىدا بىر قانچە رەسىمنى چقىرىپ ئۇنىڭدىكى تىخنىكىلىق جايلارنى كۆرسىتىپ ئاي شارى ۋە مارستا ئوخشاش بىرخىل قەدىمى قۇرۇلۇشلارنىڭ بولغانلىقىنى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەينەكتىن ياسالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئۆتتى . ئۇ يەردە چىقارغان ھىلىقى نۇر ئانالىزىدىن پايدىلىنىپ يەكۈن چىقارغاندا ئىشلەتكەن رەسىمدە كۆرسەتكەن پاكىتلىرى مىنىمۇ قايىل قىلىپ قويدى . دىمىسىمۇ ئۇنىڭ ئەينەكتىن قايتقانلىقىنى ئىنكار قىلسا باشقىچە چۇشەندۈرۈش يولىمۇ يوقتەك قىلاتتى. بىراق مىنى ئىككىلەندۈرۈپ قويغىنى ئۇلار ھەتتا ئاي شارىغا قونغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئۇچراتقان .بىراق NASA بۇ پاكىتنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن ئىكەن .بۇ خوگلەند دىگەن ئاداش NASAدىن بىر زىددىيەت تۈپەيلى يىنىو چىققان ئىكەنتۇق .شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2007-يىلى 10-ئاينىڭ 30 كۈنى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ بۇ پاكىتلارنى ئىلان قىلىپتىكەن . بۇ ئىشلاردىن كىيىن NASA ئەمەلىيەتنىڭ ئۇنچىلىكنىڭ دەرىجىدە ئىغىر ئەمەسلىكىنى ئىيتقان بولسىمۇ لىكىن بۇ قاپ يۇرەك ئاداشقا بىرەر ھەرىكەت قوللانماپتۇ، دىمەك كەم بولغاندا NASA نىڭ بەزى پاكىتلارنى دۇنيا جامائەتچىلكىدىن يوشۇرغىنى راستكەن . ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى مەن نۇر ئانالىزىدىن پايدىلىنىپ يەكۈن چىقارغاندا ئىشلەتكەن رەسىمنى توردىن تاپالمىدىم . بىراق باشقا بىرنەچچە رەسىملەرنى تىپىپ يوللاپ قويدۇم . بۇ ھەقتە كۆپرەك بىلىشنى خالايدىغانلار مۇنۇ ئۇلىنىشتىن خەنزۇچە http://v.youku.com/v_show/id_XNTcwMjg5Mjg=.html ،مۇنۇ ئۇلىنىشتىن ئىنگىلىزچە http://www.youtube.com/watch?v=8c6MVNvCy5g&feature=relatedكۆرۈپ تولۇقراق خەۋەردار بولۇڭلار .بۇگەرچە تالاش تارتىش ئىچىدىكى ئىش بولسىمۇ بىراق رەسمى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا ئىلان قىلىنغان ئىشلار  بىزنىڭ كەم بولغاندا مۇشۇنداق ئاخباراتلاردىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىمىز بولىدۇ ئەلۋەتتە .بىراق بۇ خەۋەرلەرنى تارقاتقاندا دىققەت قىلساق ھەرگىزمۇ ئۇنى بىيىتىپ ،ئىغىزىمىزدا تەھرىرلەپ تارقىتىپ سالمىساق .مەسىلەن بىزبۇيەردە بۇ ئىش ئاشۇنداق ئوخشايدۇ ،شۇنداق دىيىلىپتىكەن ،تالاش-تارتىش قىلىنىپتىكەن دىسەك يەنەبىرسىمىز تۇرۇپ كىتىپ باشقا بىرسىگە بۇ ئەئۇزۇبىللاھى راستكەن ،دىسەك ئۇ قوپۇپ يەنە بىرسىگە بۇنىڭ راستلىقىنى خىلى (يوغان )ئالىملار ئىسپاتلاپ چىقىپتىكەن دىسەك ئۇ بۇنى ئاڭلاپ يەنە بىرسىگە يەنە بىرخىل ئىيتسا خىلى كۈنلەردىن كىيىن يەنە ئاي شارىدىكى تۇققانلىرىمىز (ئەقلى ئىقتىدارلىق جانلىقلار )بىزنى يوقلاپ كىلىدىكەن ،يەشارىلىقلارغا بىرمۇنچە پۇل قەرز بىرىپتۇ دىگەندەك خەۋەرلەرمۇ چىقىپ قالمىسۇن دەيمىنا (ھا ھا  ھا  چاقچاق جىك بىلوگىنى ئەسكەرتىپ نەگە چاپلىسىڭىز مەيلى ،ۋاقتىم چىقسا بۇ توغرۇلۇق يەنە تەپسىلىيرەك توختىلىپ ئۇچار تەخسە ھادسسى ھەقىقىدىمۇ مەلۇمات بىرىپ تۇرىمەن ، شۇغىنىسى ما ئىلان چىكىشنى ئۇنتۇپ قالساڭلار ئەتە -ئۆگۈن جىك بۇرادەر كەشىمنى توغرىلاپ سالمىسۇن يەنە -ھە )
ھەتتا ئۇ ئىلان قلغان <ئەينەك گۈمبەزسىمان قۇرۇلۇش )ۋە >مۇنارسىمان قۇرۇلۇش> ئىزناسى رەسىملىرىنىڭ كىلىش مەنبەسىنىڭ NASA ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلدى ،بىر قىسىم رەسىملەرنى سىتون ئىسىمىلىك خىزمەتدىشى تەمىنلىگەن بولۇپ بۇ خىزمەتدىشى 60يىللاردىلا ئامرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ خىيۇستون سۈنئى ئۇچار جىسىملار مەركىزىدە ئىشلىگەن بولۇپ >ئاپوللو 11> پىلانىغا قاتناشقان .كىيىن ئاي شارى ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە يۆتكلىپ بىرىپ سانلىق مەلۇمات -رەسىم بىرتەرەپ قلىش بۆلىمىگە مۇدىر بولغان بولۇپ ئاساسلىق خىزمىتى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەنتۇق.ئۇ بۇ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ 
يۇقرىنىڭ يوقىتىۋىتىشكە بۇيرۇق قىلغان بىرقىسىم رەسىم ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى يوشۇرۇنچە ساقلاپ قويغان ئىكەن .كىيىن 2006يىلى ئۇ خوگلەند نىڭ ئايدا زادى نىمىنى بايقىغان ناملىق ماقالىسىىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بۇ رەسىملەرنى بەرگەن .بىراق 2006 يىلى خوگلەند دەل ئۆز كىتابى ئۇچۈن ماتىرىيال توپلاۋاتقاندا NASAنىڭ بىر ئالەم مەركىزىدە ساقلىنىۋاتقان ئاپوللو 11 پىلانىنىڭ ئەسلى سىن ئالغۇ ماتىرىيالى تۇيۇقسىز يوقىلىپ كەتكەن .بۇنىڭدا دەل ئاي شارىغا قونۇشنىڭ ئالدى كەينىدىكى بارلىق ھەركەتلەر خاتىرىلەنگەن ئىكەنتۇق .(ھەي ئىسىت )ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ ئارخىپلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان  كىشىلەرمۇ يۆتكىۋىتىش ياكى پىنسىىيگە چىقىش قاتاېلىق شەكىللەر بىلەن خىزمەتتىن يىراقلاشتۇرۇلغان . خوگلەند بۇ بىر قاتار ھادىسىلەر NASAنىڭ يالغانچىلىق قىلمىشىنى تىخىمۇ ئىلگىرىگەن ھالدا ئىسپاتلايدۇ دەپ كۆرسەتكەن .
بۇ بەلكىم يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى( ئاي شارىغا چىقىش مۇسابىقىسى)نىڭ ۋە ئامرىكىنىڭ ئاي شارىغا قايتا چىقىش پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنىڭ   بىرتۈرلۈك سەۋەبى بولۇشىمۇ مۇمكىن (جوڭگو ،ياپونىيە روسىيە ،ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاي شارى پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولدى )چۈنكى ئغىرلىق كۈچىگە قارشى قۇرۇلما ھەققىدىكى سۆزلەر راست بولسا ئۇنداقتا ئاي شارىدا ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى تىخنىكا سەۋىيىسىدىن يۇقرى بولغان بىر قىسىم ئۈسكىنىلەر بولۇشى مۇمكىن.بىراق ئامرىكىنىڭ مەقسىتى بۇ ئىھتىماللىقلارنى ۋە پاكىتلارنى  يوشۇرۇپ قىلىش بولغاچقىمۇ قانداق ئايغا قايتا چىققۇسى كەپ قالدى .لىكىن بىر نۇقتا ئىنىقكى ئامرىكا ھىچقايسى دۆلەتنىڭ كەينىدە قىلىشنى خالىمايدۇ . بەلكى ئۇ بىر قىسىم ئايدىكى پاكىتلارنى يوشۇرۇشقا موھتاج .
بۇيەردە يەنە بىر قىسىم مەنبەلەرنى قالدۇراي .بىراق ئۆزەم تولۇق كۆرۈپ چىقشقا ئۈلگۈرمىدىم .بولۇپمۇ ئاۋۇ youtubeدىكى ئۇلىنىشتا 
بۇ پاكىتلارنىڭ قانداق كىلىپ چىققانلىقى تىخنىكىلىق چۈشەندۈرىلىدىغان ئوخشايدۇ .(ئۆزەم كۆرۈپ چىقىشقا ئۈلگۈرمىدىم .دەرسكە چىقىش ۋاقتىم توشۇپ قالدى) شۇنداق قىلىپ سىنىپقا قايتاي .ئالدىنقى تەبئى پەنلەرگە ئائىت بىر قىسىم ماقالىلەرنىڭ ئىلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ بىلوگنىڭ زىيارەت قىتىم سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقىنىغا دىققەت قىلىپ قالدىم .ۋە كىيىنكى تىما ھەقىدە ئويلىنىپ قالدىم شۇڭا قىسقا بولسىمۇ ماۋۇ تىمىنى يوللاپ تۇردۇم .ئوقۇغاچ تۇرۇڭلار . ھى ھى )
http://darkmission.blogspot.com/
http://news.tom.com/2007-11-02/0023/04481536.html
ئىككى خىل رەڭلىك مارس ،ھەقىقەتنىڭ يوشۇرىلىشى

مۇنارسىمان قۇرۇلۇشنىڭ ئىزناسى


7 ئىنكاس بار »

  • ئىرپان قۇرۋۋان :

    ياخشىمسىز بۇيازمىڭىز مىنى بەك قىزىقتۇردى مەن بىرسەھرالىق ئوقوغوچ بولساممۇدائىم تۇرغاچىقىپ ئۇچۇرئىگەللەپ
    تۇرىمەن مەن تۇنجىقىتىم جەك تۇرخاتىرىسىگەكىر دىم ئادىرسىم ؛غ ن ئارائۈستەڭ يىزا ئارمەھەلەكەنىت ،
    مەن ئادرىس يازىدىغان يەرگە خەت يازالمىدىم كەچۈرۈڭ مەن سىز دىن بىر سوئال سوراي دىگە بىلمىدىم جاۋاپ
    بىرەلەمسىزكىن؟ مىنىڭ چەتەلگە چىقىپ ئىنگىلىس تىلى ئۈگەنەىم بارئىدى سىزدىن مەسلەھەت سورادىگەن ئامالبا
    ياردەم قىلسىڭىز بىلامدۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىرپان قۇرۋۋان :

    ياخشىمسىز بۇيازمىڭىز مىنى بەك قىزىقتۇردى مەن بىرسەھرالىق ئوقوغوچ بولساممۇدائىم تۇرغاچىقىپ ئۇچۇرئىگەللەپ
    تۇرىمەن مەن تۇنجىقىتىم جەك تۇرخاتىرىسىگەكىر دىم ئادىرسىم ؛غ ن ئارائۈستەڭ يىزا ئارمەھەلەكەنىت ،
    مەن ئادرىس يازىدىغان يەرگە خەت يازالمىدىم كەچۈرۈڭ مەن سىز دىن بىر سوئال سوراي دىگە بىلمىدىم جاۋاپ
    بىرەلەمسىزكىن؟ مىنىڭ چەتەلگە چىقىپ ئىنگىلىس تىلى ئۈگەنەىم بارئىدى سىزدىن مەسلەھەت سورادىگەن ئامالبا
    ياردەم قىلسىڭىز بىلامدۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئىرپان قۇرۋۋان :

    ياخشىمسىز بۇيازمىڭىز مىنى بەك قىزىقتۇردى مەن بىرسەھرالىق ئوقوغوچ بولساممۇدائىم تۇرغاچىقىپ ئۇچۇرئىگەللەپ
    تۇرىمەن مەن تۇنجىقىتىم جەك تۇرخاتىرىسىگەكىر دىم ئادىرسىم ؛غ ن ئارائۈستەڭ يىزا ئارمەھەلەكەنىت ،
    مەن ئادرىس يازىدىغان يەرگە خەت يازالمىدىم كەچۈرۈڭ مەن سىز دىن بىر سوئال سوراي دىگە بىلمىدىم جاۋاپ
    بىرەلەمسىزكىن؟ مىنىڭ چەتەلگە چىقىپ ئىنگىلىس تىلى ئۈگەنەىم بارئىدى سىزدىن مەسلەھەت سورادىگەن ئامالبا
    ياردەم قىلسىڭىز بىلامدۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • پەرھات :

    ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم؟ ھايۋانات پەن-تېخنىكىسى كەسپىدىمۇ چەت ئەلدە ئوقۇغىلى بولامدۇ؟قايسى مەكتەپ ئەڭ داڭلىك؟ راس گەپنى دىسەم بۇ بىلوگدا خېلى ياخشى نەرسىلەر بار ئىكەن.我等你的信,尽量快点儿写吧。

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ماكان :

    دەل مەن قىزىقىدىغان تېمىكەن ،رەھمەت!
    بولسا بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇشۇ ئالەم توغۇرلۇق بىلىملەر سۆزلىنىدىغان تور بىكەت بولغان بولسا ئىسىل ئىش بولىتى.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بوغلان :

    يازمىلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇۋاتىمەن. ئۈمىدسىزلەنمەي يېزىڭ. ئېلاننى چېكىۋەتتۇق…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • لۇتپۇللا :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مەن يازمىلىرىڭىزنى بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۇقۇۋاتىمەن ھەم خىلى بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم بۇلسا
    جۇڭگۇنىڭ ۋە چەتئەلنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەر تۇغۇرسىدىكى قىسقا ، مىغىزلىق باھا ۋە مۇلاھىزىلىرى بۇلسا يازىسىڭىز ، زىيارەتچىلەر ئارىسىدا بۇنىڭغىمۇ قىززىقىدىغانلار خىلى بار بۇلىشى مۇمكىن .
    رەھمەت سىزنى ئاۋارە قىلدۇق

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..