باشبەت » ئىلھام, جەميەتكە نەزەر

جۇڭگونىڭ تۇنجى 3Dكىنوسىدا باش رولغا چىققان غاپپارجان تۇرسۇن

29 سېنتەبىر 2010 2,214 قېتىم كۆرۈلدى ئىنكاس يوق

«دامىڭ ئوردىسىدىكى رىۋايەت» ناملىق جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم 3Dتېخنىكىسى قوللىنىپ ئىشلەنگەن فىلىمىدا ئۇيغۇر يىگىتى غاپپارجان ئەر باش پىرسوناژنىڭ رولىغا چىقتى

9-ئاينىڭ 27-كۈنى  جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم IMAX3D تېخنىكىسى قوللىنىپ ئىشلەپ چىققان كىنو فېلىمى «دامىڭ ئوردىسىدىكى رىۋايەت »نىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى شىئەندىكى دامىڭ ئوردىسى خارابىلىك باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى.


«دامىڭ ئوردىسىدىكى رىۋايەت»فىلىمىدە  ۋۇزىتىيەن دەۋرىدىكى بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ:

تاڭ دەۋرىدىكى مىڭ يۆ مەلىكە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پارس مەملىكىتىدىن كەلگەن بىر شاھزادە بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ،( ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن شاھزادە رولىنى غاپپارجان تۇرسۇن ئالغان) شاھزادە ئۇنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولىدۇ ھەمدە ۋۇزىتىيەندىن مەلىكە بىلەن توي قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈنىدۇ. ۋۇزىتىيەن شاھزادىنىڭ گۇمپا مۇسابىقىسىدە يېڭىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

بىزنى ئەڭ خوشال قىلىدىغىنى ھەمدە ھاياجانلاندۇرىغىنى شۇكى : دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق 3D تېخنىكىسى قوللىنىپ ئىشلەپ چىقارغان ھەمدە 80مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سالغان.



بۇ فىلىم دۆلىتىمىزدە ”ئاۋاتار“فىلمىدىن كىيىن قويۇلىدىغان تۇنجى 3D فىلىمى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ تۇنجى  3D فىلىمى  بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ خوتەن دىيارىدا توغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۈمىدلىك ياش چولپانىمىز “ غاپپارجان تۇرسۇن“نىڭ  فىلىمدە 1-ئەر باش رولنىڭ رولىغا چىققانلىقى بىلگىنىمىزدە ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز ئاپرېن ئېيتماي تۇرالمايمىز!

فىلىمنىڭ نېمە ئۈچۈن پەقەت 40 مىنۇتلا بولغانلىقى توغرىلىق، جىن تىيېمۇ مۇنداق دېدى: مەبلەغنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، بىر IMAX3D فېلىمى ئىشلەشنىڭ چىقىمى، ئادەتتىكى فېلىملەرنى ئىشلەشتىن كۆپ يۇقىرى ، «ئاۋاتار»نىڭ فېلىم ئۇزۇنلۇقى 2 سائەت 40 مىنۇت، ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ 300 مىلىيۇن دوللاردىن ئارتۇق، ھەر بىر مىنۇتى ئۈچۈن 2 مىلىيۇن دوللار خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇ فېلىمىمىزنىڭ ھەر مىنۇتىنىڭ قىممىتى 2 مىلىيۇن يۈەن خەلق پۇلىغا توغرا كېلىدۇ، دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن بۇ ھەقىقەتەن يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەرلەرنى كۆرىۋاتقاچ ئەر باش رولنىڭ ئۇيغۇر يىگىتىلىكىنى يەنە كىلىپ ئۇنىڭ جۇڭگو مەركىزىي تىياتىر ئۇنىۋېرېستېتىنىڭ ئوقۇغىچىسى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە ئىختىيارسىز ئىزدىنىپ ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى ھەمدە بىر قىسىم ئارخىپلىرىغا ئېرىشتىم.تەبرىكلەشكە، ماختاشقا تىگىشلىك ئىش دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئۈمىدلىك ياش غاپپارجان تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم ئىش – ئىزلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ئارخىپلىرىنى كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارغا بىلدۈرۈشنى لايىق كۆرۈپ بۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن. 
تىرىشىڭ غاپپارجان! سىزنىڭ كىنوچىلىقتا تېخىمۇ يارقىن روللارنى ئويناپ چىقىپ ئۆز قابىلىيتىڭىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىشىڭىزغا چىن دىلىمىزدىن تېلەكداشمىز!

ئىسم-فامىلىسى: غاپپارجان تۇرسۇن

مىللىتى: ئۇيغۇر
توغۇلغان يۇرتى: خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1984-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى: 182cm
كەسپى: ئاكتىيور
ئوقۇغان مەكتىپى: مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى
ئالاھىدىلىكى: رول ئېلىش، ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش

قىسقىچە تارىخى

رول ئالغان كىنوسى
جۇڭگودىكى تۇنجى IMAX3D تېخنىكىسى بويىچە ئىشلەنگەن فېلىم «دامىڭ ئوردىسىدىكى رىۋايەت» (2010) تە پارس شاھزادىسىنىڭ رولىنى ئالغان (ئەر باش پىرسۇناژ).
رول ئالغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى

يېڭى نۇسخىدىكى «غەربكە ساياھەت» (2009) فېلىمىدە قارا توخو دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى رولىنى ئالغان.
رول ئالغان سەھنە تىياتىرلىرى
2010-يىلى 4-ئايدا، شىۋىتسىيە ئوبرازچىلىق ئۇسلۇبىدىكى دراما «ئەۋلىيا سوناتا»دا باش پىرسۇناژ ئىشىك باقارنىڭ رولىنى ئالغان.
رېژىسسور: مافور (شىۋىتسىيە)



2009-يىلى 6-ئايدا، ئىتالىيە كومىدىيىسى «ئىككى بايغا بىر مالاي»دا باش پىرسۇناژ بولگېرانىڭ رولنى ئالغان، يەنە مۇزىكا ئەترىتىدىكى بالىنىڭ ۋە ئاشپەزنىڭ رولىنى ئالغان.

2009-يىلى 12-ئايدا، جۇڭگوچە دراما «جاھاندىكى بىرىنچى ساراي» دا باش پىرسۇناژنىڭ رولنى ئالغان، يەنە ساقچىنىڭ رولىغا چىققان.
بىر پەردىلىك دراما «توي تەكلىپى»دىكى پېتروۋىچ؛
بىر پەردىلىك دراما «مايمۇن توپى»دىكى ساقچىنىڭ رولىنى ئالغان؛
چەتئەل سىنارىيىسى «تەقدىرنىڭ چاقچىقى»دىكى لۇكاشىننىڭ رولىنى ئالغان؛
چەتئەل سىنارىيسى «سىكاباندىكى خەتەر»دە سەرگەرداننىڭ رولىنى ئالغان؛
جوڭگو سىنارىيىسى «دالا»دىكى چىياۋداشىڭنىڭ رولىنى ئالغان؛
جۇڭگو سىنارىيىسى «گۈلدۈرماما»دا جوۋپىڭنىڭ رولىنى ئالغان؛
سۈرەتكە ئېلىنغان ئېلان فېلىملىرى
قويغان ئويۇنلىرى
2010-يىلى 4-ئايدا، بېيجىڭ ساياھەت ئىدارىسى ئۆتكۈزگەن سەنئەت پائالىيتىگە قاتنىشىپ نومۇر كۆرسەتكەن؛

2010-يىلى 2-ئايدا، بېيجىڭ شەھەرلىك بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىگە قاتناشقان؛

2010-يىلى 2-ئايدا، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن، مىللەتلەر ۋە دىن كومېتىتى ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە «تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرى» ناملىق كوللىكتىپ ئۇسسۇلغا قاتناشقان؛

2010-يىلى 1-ئايدا، مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا ۋاكالىتەن جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدە نومۇر كۆرسەتكەن؛

2009-يىلى 10-ئايدا، CCTV جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «ۋەتەن ياشىسۇن» ناملىق نومۇرنى ئورۇنلىغان؛

2009-يىلى 10-ئايدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پاراتتىن ئۆتۈش مۇراسىمىدا «56 مىللەت ياش-ئۆسمۈر بالىلار ئەترىتى سەنئەت يىغىنى»غا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان.

2009-يىلى 10-ئايدا، بېيجىڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل «شاد-خۇرام يىگىت»نى ئوينىغان؛

2009-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقامىغا ۋاكالىتەن ياۋرۇپاغا چىقىپ، قاتار، ئالجىرىيە قاتارلىق جايلاردا مىللىي مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلغان ھەمدە ئەلچىنىڭ كۈتىۋىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان؛

-يىلى 8-ئايدا، بېيجىڭ ئولمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نومۇر كۆرسەتكەن؛

-يىلى 9-ئايدا، «ۋەتەن ياشىسۇن» ناملىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە تاللانغان. 20 نەچچە كۈنلۈك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ نەق مەيداندىن تارقاتقان كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، «مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن»، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىغان. كېچىلىكتىن بۇرۇن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. كېچىلىكتىن كېيىن، لى چاڭچۈن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

2008-يىلى 8-ئايدا، بېيجىڭ ئولمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا «دۆلەت شېئىرى خور ئۆمىكى 56 مىللەت سەنئەت كېچىلىكى»دە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رىياسەتچىلىك قىلغان؛

2008-يىللىق بېيجىڭ ئولمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى

2008-يىلى 6-ئايدا، بېيجىڭ ئولمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى 56 مىللەت دۆلەت شېئىرى خور ئۆمىكىگە تاللىنىپ، ئىككى ئايدىن ئارتۇق جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 8 دە، كىشىلەر تەققەزالىق بىلەن كۈتكەن 2008-يىللىق بېيجىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى  دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان.
مەشىق جەريانىدا، دۆلەت شېئىرى خور ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك ژورنىلىدا «ئولمپىك بىزگە بىر سەھنە ھازىرلاپ بەردى، بىز دۇنياغا ھەيران قالارلىق خوشاللىق ئاتا قىلدۇق» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە «دۆلەت شېئىرى ئولمپىك يىغىنى» ناملىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، كۆپ قېتىم ئۆمەك تەشكىللىگەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە ئويۇن قويغان.

2009-يىلى 9-ئايدا، «ۋەتەن ياشىسۇن» ناملىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىگە تاللانغان. 20 نەچچە كۈنلۈك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ، مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ نەق مەيداندىن تارقاتقان كېچىلىكىدە نومۇر ئورۇنلاپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»، «مەن جۇڭخۇانى سۆيىمەن»، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىغان. كېچىلىكتىن بۇرۇن مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. كېچىلىكتىن كېيىن، لى چاڭچۈن قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

بۇ تىمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ئەلكۈيى تورىدا، ئۈمىدۋار نامىدا مۇنبەرگە يوللانغان. جېك بلوگىغا ئارخىپ ھىساۋىدا كۆچۈرۈپ كىلىندى.

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..