2014-يىلى 8-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2014ئاۋغۇست31

قىياقئىلە

تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 18-تۇمۇز سانىدا، «قىياقمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا «قىياقئىلە،禾本科Poaceae» دەپ ئاتالغان بىر ئائىلەنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. ئەندى بۇ قىتىم يازىلغان مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، قىياقئىلە دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ قانداق شاخئىلەسى بار؟ قانچە رۇقى بار؟ ئۇلارنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەسەلەلەرنى چۆرىدىگەن مەزمۇنلار بايان قىلىندى.

2014ئاۋغۇست29

بۆكەنرۇق ۋە ئۇنىڭ زاتلارى

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىللىق 28-سەپەر سانىدا، ئا. ر. جىمسارىنىڭ «مۇيزاقىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدا، «بۆكەنرۇق» دەپ ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن ئىدى. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ بۆكەنرۇقدىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى بايان قىلىندى.

2014ئاۋغۇست27

جەرەنرۇق زاتلارى

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىللىق 28-سەپەر سانىدا، «مۇيزاقىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭدا، «جەرەنرۇق» دەپ ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالدنىشى ئۈچۈن، ئەنە شۇ جەرەنرۇقدىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى بايان قىلىندى.

2014ئاۋغۇست24

ئالىگىيالار

گىيانامەگە ئائىت ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزلەر، سۈپەت سۆزلەر ياكى ئېنىقلىغۇچى سۆزلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئىسىم سۆزلەر بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئاتالىشى ئوخشاش بولماسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى ئوخشاش. يەنى بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئادەتتىكى گىيالارنى كۆرسەتەدى. بۇ گىيالارغا مەن «ئالىگىيا، ئالىگىيالار» دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. دىمەك، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى «ئېمبىرى ئۆسۈملۈكلەر»، «يوقورى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر»، «قۇرۇقلۇقتا ئۆسكۈچى ئۆسۈملۈكلەر» دىگەن نامدا ئاتالغان گىيالارنى مەن «ئالىگىيالار» دەپ بىرلا ئىسىم سۆز بىلەن ئاتادىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئالىگىيالار دىگەن نىمە؟ ئالىگىيالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى قانداق؟ ئالىگىيالار قانداق قەبىلەگە تۈرلەنىدى ؟ ئۇلارنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا چۈشەنچەلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

2014ئاۋغۇست23

چەرەندەلەرنىڭ جەمەتكە تۈرلەنىشى

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىل 14-تۇمۇز سانىدا، «چەرەندەلەر» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، چەرەندە دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ بەدەن تۈزۈلىشى قانداق؟ (بەشرەسى قانداق)، چەرەندە بەشرەسىنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەن مەسىلىلەر سۆزلەنگەن ئىدى. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، چەرەندەلەرنىڭ جەمەتلەرگە تۈرلەنىشى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى بايان قىلىندى.

2014ئاۋغۇست21

پەيەق زاتلارى

پەيگىيا قەبىلەنىڭ پەيەق تەبىقەسىدە، پەيەقمەت دەپ ئاتالغان بىرلا جەمەت، بۇ جەمەتتە، پەيەقئىلە دەپ ئاتالغان بىرلا ئائىلە، بۇ ئائىلەدە، پەيەقرۇق دەپ ئاتالغان بىرلا رۇق بار. مەنبەلەرگە قاراغاندا، پەيەقرۇقنىڭ تەخمىنەن 15-29 زاتى بار دىيىلگەن.

2014ئاۋغۇست16

قىياقمەت ۋە ئۇنىڭدىكى ئائىلەلەر

گىيانامە ئالىملارى، بۇغداي، قۇناق، جۈژگۈن، چىغ، قۇمۇش، شىكەر قۇناق، بامبۇك قاتارلىق گىيالارنى يىغىنچاقلاپ، ئۇنى بىر «گىيالار جەمەتى» گە ئايرىغان. مەن بۇ خىل گىيالار جەمەتىگە «قىياقمەت» (قىياقلار جەمەتى) دىگەن ئىسىمنى قويدۇم. قىياقمەت دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «باشاقلىقلار ئەترىتى ياكى باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئەترىتى» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە قىياق دىگەن نىمە؟ قىياقمەت دىگەن نىمە؟ قىياقمەتتە قانچە ئائىلە بار؟ ئۇلارنىڭ ناملارى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەنىلدى.

2014ئاۋغۇست16

ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەر

تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 13- تۇمۇز سانىدا، «ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئاراياقمەت (تۇياقلارى ئارا-چاپچا شەكىلدە ئايرالىپ تۇرادىغان ھايۋانلار دىگەننى بىلدىرەدى) دەپ ئاتالغان بىر ھايۋان جەمەتىنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، ئاراياق دىگەن نىمە؟ ئاراياقمەت دىگەن نىمە؟ ئاراياقمەتتە قانچە ئائىلە بار؟ ئاراياقمەتتىكى ئائىلەلەرنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ دىگەندەك سوئاللارنى چۆرەدەپ بىلگەنلەرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

2014ئاۋغۇست15

كىتمەت (كىت جەمەتى)

تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 13- تۇمۇز سانىدا، «ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا كىتمەت (كىت جەمەتى) دەپ ئاتالغان بىر ھايۋان جەمەتىنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. كىت دىگەن نىمە؟ كىتمەت دىگەن نىمە؟ كىتمەتتە قانچە ئائىلە بار؟ كىتمەتتىكى ئائىلەلەرنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ مەزگۇر ئەسەر، ئەنە شۇ سوئاللارغا ئارنالغان.

2014ئاۋغۇست14

چەرەندەلەر

مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى «چەرەندە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، قۇرۇت-قۇڭۇز، چىۋىن-پاشا، پىت-سالجا، بوغۇن-كۆكۈيۈن، چايان-سايان، كىپىنەك-پەرۋان قاتارلىق جانۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى بولادى. ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە ۋە ئەسەر مەنبەلەرىدە، چەرەندە دىگەن ئۇقۇمنى بىلدىرىشتە، پارىسچە ياكى ئەرەپچە «ھاشارەت» دەپ ئاتالغان سۆزنى قوللانىپ كەلدۇق. مەن يەنىلا ئۇيغۇرچە «چەرەندە» دەپ ئاتاشنى تەرغىپ قىلامەن. چەرەندەشۇناسلار، چەرەندەلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلماسىنىڭ بەشىرەسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلىشىنى 32 قىسىمغا (بۆلەككە) ئايرىغان. بۇ 32 قىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى يازىلغان ئەسەر مەنبەلەرىنى مەن كۆرۈپ باقمادىم. شۇنداق بولسامۇ، 20 يىل ئالدىدا بۇلارغا مەن ئۆزەمچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇپ باققان. تۆۋەندە، چەرەندەلەرنىڭ تەن قۇرۇلماسىدىكى 32 بۆلەكنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.