2014ماي29
ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغان تورلاشقان، خاسلاشقان مۇستەقىل چامان، «ماكان» دەپ ئاتىلىدۇ. تەبىئىي شەكىللەنگەن ماكانلار، تەبىئىي ماكان، ئادەملەر پەيدا قىلغان ماكانلار سۈنئىي ماكان دەپ ئاتىلىدۇ. ماكانلارنىڭ قۇرۇلماسىدىكى، شەكىلدىكى ۋە مەزمۇندىكى ھەر خىللىقى، «ماكانۋاران» دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىزدىكى يەر زىمىنى ئەڭ چوڭ رايون بولۇپلا قالماستىن بەلكى ماكانۋارانلارنىڭ موللىقى جەھەتتىنمۇ چوڭ رايون ھىساپلىنىدۇ. مەن شىنجاڭدا كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ماكانۋارانلارنى 17 چوڭ بۆلەككە ئايرىپ چىقتىم.
2014ماي25
«چارپاي ياكى چارپايلار» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى تۆت پۇتلۇق ياكى پۇتلىرى چىكىنىپ ئۆزگەرگەن، ئۆمۇلەپ، ئالچاڭلاپ ياكى سۆرۈلۈپ، سىلجىپ ماڭىدىغان، بەدىنى قاسراقلىق ياكى يىرىك، بەزىدە شىلىملىق بولغان، قۇرۇقيەردە ھەم سۇلۇق يەردە ياشايدىغان، ئاپتاپ ياكى ئىسسىق ئۆتسە جانلىنىدىغان، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپۈيىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئۇمۇرتقالىق ھايۋاناتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. چارپاي دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلساق، 爬行类动物 دەپ ئاتىلىدۇ. چارپاي سۆزىنى، ئا.ر.جىمسارى، ھايۋاناتنامەگە ئائىت ئەسەرلەردە تۈنجى بولۇپ قوللانغان. چارپاي ياكى چارپايلار دىگەن سۆزنى بىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان » دەپ قوللۇنىۋاتىمىز. مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان، بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان چارپاي ۋە بېلىق تىزىملىكى كۆرسۈتىلدى.
2014ماي24
«پەرەندە ياكى پەرەندەلەر» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى ئىككى پۇتلۇق، ئىككى قاناتلىق، مۇڭگۇز تۇمشۇقلۇق، تۇرغۇن تېمپراتورلۇق، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپۈيىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئۇمۇرتقالىق ھايۋاناتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزنى، ئا.ر.جىمسارى، ھايۋاناتنامەگە ئائىت ئەسەرلەردە تۈنجى بولۇپ قوللانغان. پەرەندە ياكى پەرەندەلەر دىگەن سۆزنى بىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «قۇش، قۇشلار» دەپ قوللۇنىۋاتىمىز. قۇش ياكى قۇشلار دىگەن سۆز، مىنىڭچە پەرەندەلەر ئىچىدىكى يىرتقۇچلىرىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ سۆزنى، پەرەندەلەرنى بىلدۈرىدىغان ئومۇمى نام قىلىپ قوللۇنۇش توغرا ئەمەس.
«1-ئاسرال پەرەندىلەر»(Ⅰ级保护鸟类种) دىگەن سۆز، «بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان پەرەندىلەر» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «1-ئاسرال پەرەندىلەر»، ئادەتتە، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋىسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە پەرەندە زاتلارىنى كۆرسىتىدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان، بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان پەرەندىلەر تىزىملىكى كۆرسۈتىلدى.
2014ماي24
«1-ئاسرال ھايۋانلار»(级保护种Ⅰ) دىگەن سۆز، «بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان ھايۋانلار» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋىسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە زاتلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان، بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ھايۋانلار تىزىملىكى كۆرسۈتىلدى. ھايۋانلار نامى، ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرگە ئاساسەن قويۇلدى.
2014ماي10
يىقىنقى 2-3 يىل مابەينىدە، ئۇيغۇر تىلىمىزدا «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ، بارلىق جارچالاردا (رادىئو، تېلىۋىزور، ئاخبارات، نەشىرىيات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمى ئاتىلىشى) قوللىنىۋاتىمىز. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە كۆرۈلگەن «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» گە ئائىت ئەسەرلەر، پەقەتلا خەنزۇچە مەنبەلەرنى تەرجىمە قىلىپ، شاتۇتلارچە چۈشەنچە بېرىش ياكى ئىزاھات بېرىش بىلەنلا چەكلەندى. شۇڭا، مەن ئوقۇغان ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى بۇ خىل ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق، مەيلى ئىجادى يازغانى بولسۇن ياكى تەرجىمەسى بولسۇن، بۇلارنىڭ ئاپتورلىرى نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان، باشقىلارمۇ چۈشەنمەيدىغان سۆز ئىبارەلەردىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن، «ئېكولوگىيە» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە خاس ئاتىلىشىدىن بىخەۋەر، « مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنىڭ ماھىيەتتىكى مەنەسىدىن بىخەۋەر ئاپتورلار، ھەممىباپلىقى، ئۆنىۋىرساللىقى چىكىدىن ئاشقان «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن سۆزنى كەشىپ قىلدى ھەم نۇرغۇن ئۇقۇملارنى پەقەتلا «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ كەلدى. ئەمما، بۇ سۆزنى بارلىق جارچالاردا «جار سېلىش» جەريانىدا، رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر «ئەھلى ئالىملىرى» («نوپوزلۇق» دەپ قوللاندۇق) دىن ھېچكىم، بۇ سۆز توغرىسىدا ھېچقانداق مۇھاكىمە قىلمادى ۋە بۇنىڭغا باھا بەرمەدى. قارىغاندا، «ئېكولوگىيە مەدەنىلىكى» دىگەن يىڭى كەشپىياتىمىزدا ھېچقانداق مەسىلە يوق، مۇكەممەللىكىدە گەپ يوق ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە شۇنداقمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ قاتتىق گۇمانىم بار. مىنىڭچە ھەممىلا يەردە مۇشۇ بىرلا سۆزنى قوللۇنۇش، ئاڭ چۈشەنچىمىزدە مەسىلىنىڭ مۈجىمەل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، ماكانى مەرىپەت ۋە ماكانى مەدەنىيەت توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.