2014-يىلى 6-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2014ئىيۇن28

مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

ئۇيغۇر تىلىدىكى تورىستان لۇغەتلىرىگە ھەم ھايۋان ناملىرىغا ئائىت ئۇيغۇرچە مەنبە ئەسەرلەرگە قارىغاندا، ھايۋان رۇق ناملىرىنى پەرىقلەندۈرمەسلىك، بىر سۆزنى، كۆپخىل ھايۋان رۇق ناملىرىنىڭ نامى ئورنىدا ئىشلىتىش، ئىسىم بەكلا ئۇزۇن بولۇش ھەم رۇق نامىمۇ، زات نامىمۇ بىلگىلى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇد. مەسىلەن: «ئۇزۇن مۇڭگۇزلۇق بۆكەن ئۇرۇقدىشى، كىچىك بۆكەن ئۇرۇقدىشى، تۆت مۇڭگۇزلۇق بۆكەن ئۇرۇقدىشى، نىلگاي بۆكىنى ئۇرۇقدىشى، ئارال بۆكىنى ئۇرۇقدىشى، بۇبالىس بۆكىنى ئۇرۇقدىشى، چوڭ بۆكەن ئۇرۇقدىشى» دىگەندەك. بۇ ئىسىملار ئەسلىدە يەتتە خىل رۇقنىڭ نامى بولۇشى كېرەك. يەنى يەتتە خىل ئىسىم بىلەن پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش كېرەك ئىدى، ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممەسى بىرلا «بۆكەن» نامى بىلەن ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى بۆكەن ئەمەس. بۇ ئىسىملاردىن، رۇق نامىنى كۆرسۈتەمدۇ ياكى زات نامىنى كۆرسىتەمدۇ؟ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۈچ بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىرلا سۆز بىلەن ئاتاشقا بولىدىغان رۇق ناملىرى، ئۈچتىن كۆپ سۆز بىلەن 10 بوغۇم ئەتراپىدا مۇنداق ئۈزۈن ئاتالسا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ «پاساھەتلىكى»دىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، مەز گۇر ئەسەردە، مۇيزاقئىلەدىكى رۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى سىناق تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.

2014ئىيۇن23

ئاغوپرۇق زاتلىرى

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2012- ۋە 2013- يىللىق سانلىرىدا ئا.ر.جىمسارىنىڭ «گىيائىلە ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى»[1]، «گىيارۇق ناملىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى»[2] نەشىر قىلىنغان، ھەمدە شۇ ناملىق ئەسەرلەرىنىڭ روھى بۇيىچە تۈزۈلگەن، «شىنجاڭغا تارقالغان گىيائىلە ناملىرى»[3] ۋە «شىنجاڭدىكى گىيارۇقلار(4)»[4] ناملىق ئەسەرلەرمۇ نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەردە «سايۋانئىلە» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر گىيائىلە بارلىقى، بۇ ئائىلىدە يەنە «ئاغوپرۇق» دىگەن نامدا ئاتالغان بىر گىيارۇق بارلىقى كۆرسۈتۈلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە ئەنە شۇ «ئاغوپرۇق» تىكى زاتلار ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتىلدى.

2014ئىيۇن22

« شىر» زاتىنىڭ شاخزاتلىرى

ئۇيغۇرچە «ئاكادېمىيە» ناملىق تورىستاننىڭ 2013-يىل، 5-باھار سانىدا، «ئارىسلانئىلە زاتلىرى» (猫科物种 Felidae) ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئارىسلانئىلەدە ئىككى شاخئىلە بولىدىغانلىقى، بۇ ئىككى شاخئىلەدە 15 رۇق بارلىقى كۆرسۈتۈلگەن. ئەنە شۇ 15 رۇقنىڭ بىرى بولغان «بارىس رۇق (豹属, Panthera)» تا، «بارىس شىر (狮子,Panthera leo)»، «بارىس ياگار (美洲豹, Panthera onca)»، «بارىس ئىلپىز (豹, Panthera pardus) » ۋە بارىس يولۋاس (虎,Panthera tigris » دىن ئىبارەت 4 زاتىنىڭ بولىدىغانلىقى كۆرسۈتىلگەن. بىز ئادەتتە «شىر» دەپلا ئاتايدىغان «بارىس شىر ياكى بارىس شىرى»، ئەنە شۇ بارىس رۇقتىكى 4 بارىس زاتىنىڭ بىرى بولۇدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھازىر شىر زاتىنىڭ 8 شاخزاتى بار ئىكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، «بارىس شىر» زاتىنىڭ 8 شاخزات ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.

2014ئىيۇن20

خەۋپكە ئۇچرىغان جانىۋار دىگەن نىمە؟

دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزمۇ جانىۋار زاتلىرىغا كېلىدىغان خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم خەۋپتە قالغان جانىۋار زاتىنى ئاسراش توغرىسىدا ، قانۇن-نىزاملارنى بەلگىلىدى، خەۋپكە ئۇچرىغان جانىۋار زاتلىرىنىڭ قىزىل رۇيخېتىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئېلان قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى بارلىق جەمىيەتنىڭ ئاسرىشىنى مۇراجەت قىلدى. خەۋپكە ئۇچرىغان جانىۋار زاتلارى توغرىسىدىكى ئوقۇم-چۈشەنچىلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، نۇرغۇن خاس ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مۇرەككەپ بولغان مەزمۇنلارنى ئاددى تىل بىلەن ئىزاھلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.

2014ئىيۇن18

«تەبىئەت» سۆزىگە ئىزاھ

ئۇيغۇر تىلىمىزدا «تەبىئەت» دەپ ئاتالغان بىر سۆز بار. ئىزاھلىق لۇغەتتىكى«تەبىئەت» سۆزىگە بېرىلگەن ئىزاھات، مىنىڭچە كىشىگە ئېنىق ئۇقۇم بېرەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىرىنچىدىن، «تەبىئەت»، زادى ئىسىم سۆزمۇ؟ ياكى سۈپەت سۆزمۇ؟ ئىككىنچىدىن، «تەبىئەت»، بىزنىڭ ھازىرقى ئىلىملەر چۈشەنچىمىز بويىچە قايسى ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟، قايسى ئىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ؟ ئۈچىنچىدىن، تىلىمىزدىكى «تەبىئەت» دىگەن سۆز بىلەن «تەبىئىي» دىگەن سۆزنىڭ قانداق مۇناسىۋەتى بار؟ دىگەندەك بىر قاتار مەسىلەلەرگە يوقۇرىدىكى ئىزاھتىن جاۋاپ تاپماق تەس. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ئۈچۈن «تەبىئەت» كە بولغان چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتۈم.

2014ئىيۇن12

كرەپ ئۆگزى

كرەپ ئۆگزى دىگەن گىيا زاتىنىڭ شەكلى ۋە ئۇنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى كۆرسۈتىلدى.

2014ئىيۇن3

شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان خاسۋار گىيالار (1)

خاسۋار گىيالار دىگەن نىمە؟ مەلۇم بىر تار ياكى كىچىك دائىرەگىلا تارقالغان خەۋپتە گىيالارنى، «خاسۋار گىيالار» دەپ ئاتادىم. خاسۋار گىيالار دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە نىمە دەپ ئاتالغانلىقىنى مەن بىلمەدىم. «ئىزدە» تور لوغەتىدىن چىقمىدى. (گىيا، ئەسلىدە فارىسچە «گىياھ» دەپ يازىلاتتى، ئۇيغۇرچىدا «ھ» ھەرىپىنى يازمىساقمۇ، ئۇقۇمنى ئېنىق بىلدۈرەلەيدۇ، شۇڭا، ئۆزەمچە «ھ»نى تاشلاپ «گىيا» دەپلا يازدىم).

خاسۋار گىيالار بىر دۆلەت، رايوننىڭ خاس بايلىقى بولىدۇ. بۇ خىل بايلىقنىڭ بولۇشى، شۇ رايون تەبىئى شارائىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى گىيالار ئىچىدە، خاسۋار گىيالار ئاز ئەمەس. مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ئۆسىدىغان خاسۋار گىيا زاتلىرىنىڭ سانى، 42 خىلغا يىتىدىكەن.

رايونىمىزدىكى خاسۋار گىياھلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىش، ئۇلارنى ئاسراش، كۆپەيتىش ۋە پايدىلىنىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شىنجاڭدىكى خاسۋار گىيالار زاتىنىڭ 11 خىلىنى تىزىپ چىقتىم ھەم ئۇلارنىڭ لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملىرىنى كۆرسەتتىم.