ئۆزبەكىستان رىسپوبلىكاسىنىڭ ئەلباشى (زۇڭتۇڭ) ئىسلام ئابدىغەنىۋىچ كەرىموف ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.
ئۆزبەكىستان رىسپوبلىكاسىنىڭ ئەلباشى (زۇڭتۇڭ)
ئىسلام ئابدىغەنىۋىچ كەرىموف ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.
جىمسارى
باغداش تورىنىڭ خەۋەرىدە دىيىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 9- ئاينىڭ 2- كۈنى ئۆزبېكىستان پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەت بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن زۇڭتۇڭ كەرىموفنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.
دىمەك، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ ئەلباشى، ئىسلام ئابدىغەنىۋىچ كەرىموف، 78 ياشىدا مىڭەسىگە قان چۈشۈپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بوپتۇ. مەن بۇنىڭغا ناھايىتى قايغۇردۇم.
مەن 1999-يىلى ئۆزبەكىستان ئاكادېمىيەسىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدا زىيارەتتە، ئۆگەنشلەردە بولغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، 2011-يىلىغىچە 6-7 قىتىم ئۆزبەكىستانغا باردىم. مەن بۇ يەردە، قىسقا بولغاندا، ئىككى ھەپتە، ئۇزۇن بولغاندا 3 ئايدەك تۇردۇم. بۇ جەرياندا، ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى بوتانىكا ئىنىستىتۇتى، بوتانىكا باغچاسى، گىنىتىكا ئىنستىتۇتى، زوئولوگىيە ئىنستىتۇتى، سەمەرقەند ئىنىستىتۇتى، بۇخارا ئىنىستىتۇتى ،تاشكەنىت مىللى ئۈنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۆگەنىش، زىيارەتلەردە بولدۇم.چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنى، يېز-قىشلاقلارنى كۆردۈم. زاۋۇد-كانلارنى كۆردۇم. كىۋەزچىلىك مەيدانلىرىنى كۆردۈم، قىزىلقۇم دالا پونكىتىنى، زەڭگى ئاتا پونكىتلىرىنى كۆردۈم. ئۆزبەكىستان جەمىيەتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى كۆردۈم. ھەر خىل كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مۇنداق خۇلاسەگە كەلگەن ئىدىم.: ئۆزبەكىستان گەرچە مۇستەقىل بولغانىغا قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ، جەمىيەت تېنچ، بىخەتەر، باي، خەلىقلىرى مەرىپەتۋەر، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ھەم ئىشچان ئىكەن، بولۇپمۇ خۇتۇن-قىزلارى شۇنداق ئىكەن. ئەلباشى ئىسلام كەرىموف، ئۆزبەكىستاننى ياخشى باشقۇرۇۋىتىپتۇ.
رەھمەتلىك ئەلباشى ئىسلام كەرىموف، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ تۇنجى ئەلباشى ھەم ئاخىرقى ئۆمىرىگىچە ئەلباشى بولدى. ئۇنىڭ دۆۋلەتى ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چىگرىداش بولۇپ، ئاڭ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ھەر خىل ئىدىئولوگىيەلەر تەسىرىگە ئاسان ھەم كۈچلۈك ئۇچرىغان. مۇشۇنداق ئەھۋاللاردا، ياش مۇستەقىل بولغان دۆلەت ناھايىتى سەزگۈر ھەم قاتتىق بولماسا ئاسانلا رەڭلىك ئىنقىلاپقا دۇچار بولۇدۇ. رەھمەتلىك ئىسلام كەرىموف ئەلباشى، بۇلارغا ئۆنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئۆزبەكىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، بىرلىكىنى، ھۆرلىكىنى ، تىلىنى، دىنىنى، خەلقىنى قوغدىدى. ئاڭلىشىمچە، ئۆزبەكىستان مۇستەقىل بولغان 1992-يىلىدىكى نوپوسى، 19 مىليون ئىكەن. 2015-يىلدىكى مەلۇماتلارغا قاراغاندا، نوپوسى 30 مىليوندىن ئاشقان.
رەھمەتلىك ئەلباشى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆزىمۇ كۆپ ئوقۇغان، خەلقىغە بولغان مۇھىم ئورگانلاردا رەھبەر، ئىنجىنىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاخىرقى 25 يىلدا دۆلەت ئەلباشى بولغان. مەن ئۆبەكىستاندا بولغاندا، دۆلەتنىڭ پارلامىنت سايلىمى ئۆتكەزىلدى. سايلامدا، ئىسلام كەرىموفنىڭ سۆزلىگەن سۆزلەرىنى ئىككى قىتىم تىلىۋىزوردىن يارىم سائەتتىن ئاڭلىدىم. ئۇنىڭ ئانىق ئايتىلغان سۆزلەرىدىن، بىلىملىك، سىياسىلىقى كۈچلۈك، كىچىك پېئىل، كەسكىن، خەلقپەرۋەر ئىكەنلىكىنى، ياڭى مۇستەقىل بولغان ئۆزبەكىستاندا ساغلام ئىدىئولوگىيەنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
مەنىڭ بىلگەنلىرىمگە قاراغاندا، مەرھۇم ئەلباشى ئىسلام كەرىموف، ھاياتىدا خىزمەتلەرنى بىجانىدىل ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن كاتتا شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ، ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئىككى قتىم ئۆزبەكىستان قەھرىمانى بولغان، ئۆزبەكىستاننىڭ «مۇستەقىللىك» مىدالى (ئەمىر تىمۇر مىدالى) بىلەن تارتۇقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، دۇنيادىكى بىر مۇنچەلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ مىدال، ئوردىنلىرىغا، كاتتا ئاتاق-شەرەپلەرىگە مۇيەسسەر بولغان. مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئۆزبەكىستان دۆلەتى ۋە خەلقى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپەلەرنى ياراتتى.
مەن گەرچە ئۆزبەكىستان پۇقراسى بولماساممۇ، مەرھۇمنىڭ خىزمەتلىرىدىن بىۋاستە بەھىرلەنگۈچى، بىلگۈچى بولماساممۇ، ئۆزبەكىستاندا كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن مەرھۇمغا زور ھۈرمەت تۇغۇلغان ئىدى. مەرھۇم بىز بىلەن قېرىنداش مىللەت، بىر دىندىكى مىللەت، مەرىپەت، مەدەنىيەتىمىز ئوخشاش بىر مىللەت كىشىسى. ئەلۋەتتە، ئۆزبەكىستان خەلقى مەرھۇمغا ئەڭ ئادىل باھانى بېرىدۇ.
ئاڭلىسام، مەرھۇمنىڭ مىيىتى، بۈگۈن (3-سىنتەبىر) تۇغۇلغان يۇرتى سەمەرقەندە دۆلەت دەرىجەسىدە يەرلىككە قويۇلىدىكەن. مەن مۇشۇ ئاددى ئەسەرىم ئارقالىق مەرھۇم ئىسلام كەرىموف ئەلباشىنىڭ ۋاپاتىغا ئېچىنغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، شەخسى نامىدىن تەزىيە بىلدۈردۈم. ئۇنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولغاي، تېنچ ياتقاي. ئامىن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 09-ئاينىڭ 03-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 58 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=7297
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!