5يانۋار
«ئالەم توغرىسىدا گەپچەپ»نىڭ داۋامى
«ئالەم توغرىسىدا گەپچەپ»نىڭ داۋامى
جىمسارى
شوق: مەن، 18 مىڭ ئالەم دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان. سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ قايمۇقۇپ قالدىم؟ ئالەم زادى نەچچە؟
جىم: توغرا دەيسىز. مەنمۇ 18 مىڭ ئالەم، يەتتە ئالەم دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەم شۇ ئاڭدا چوڭ بولغان. مەن، 18 مىڭ ئالەمنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلايمەن. ئەمما مەن، ھازىرچە بۇ سۆزنى، ئالەم ناھايىتىمۇ چوڭ، كەڭ ياكى كۆپ قاتلام بولۇدۇ دىگەن مەنادىلا چۈشۈنىمەن. شۇڭا، مەن، مۇشۇ كەمگىچە بولغان چۈشەنچلىرىم ئاساسىدا، ئالەم پەقەت بىرلا، ئۇنىڭ كۆپ قاتلاملىرى بولۇدۇ دەپ قارايمەن.
شوق: سىز دەۋاتقان زىمىنلەم، قۇياشلەم دىگەندەك يەتتە ئالەمنى قانداق چۈشەنسەك بولۇدۇ؟
جىم: مەن دەۋاتقان يەتتە ئالەم، كىشىلەر ھازىرغىچە بايقاغان يۇلتۇزلار توپى بولۇپ، بۇلارنى مەن يەتتە ئالەمگە يىغىنچاقلادىم. بۇنى ھەم ئالەمنىڭ يەتتە قاتلامى ياكى قەۋەتى دەپ قارادىم. ئىخچاملاپ، يەتتە ئالەم دەپ ئاتادىم.
شوق: سىز دەۋاتقان، زىمىنلەم، قۇياشلەم دىگەندەك يەتتە ئالەم نامى ماڭا قىزىق بىلىندى. بۇ ئىسىملار قانداق پەيدا بولغان؟
جىم: مەن جۇغراپىيەگە ئائىت ئەسەرلەردىن، يۇلتۇزلار توپى، يۇلتۇزلار تۈكۈمى، يۇلتۇزلار سىستېماسى، گالاكسى دىگەندەك ئىسىم سۆزلەرنى كۆرگەن. ھەر بىر يۇلتۇزلار توپى ياكى گالاكسىنىڭ، مەلۇم مەرگەزى بولۇدىكەن دەپ چۈشەندىم. مۇشۇلارغا ئاساسەن، مەن ئالدى بىلەن، مەرگەزگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇم. ئاندىن، ئىسىم كەينىگە «ئالەم» دىگەن سۆزدىكى «لەم» قوشۇمچىسىنى قوشوپ يازدىم. مەسەلەن، سەييارە يۇلتۇز بولغان ئاي، سەييارە يۇلتۇز بولغان زىمىننى (يەر شارىنى) ئايلىنادىكەن. دىمەك، زىمىن بىلەن ئايدىن ئىبارەت بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان بۇ دائىرەنى بىر ئالەم ياكى ئالەمنىڭ بىر قەۋەتى دەپ ھېساپلادىم. زىمىننى، بۇ ئالەمنىڭ مەرگەزى بولۇدۇ دەپ قاراپ، زىمىن سۆزىنى مەرگەزنىڭ ئىسمى قىلدىم، ئۇنىڭغا لەم قوشۇمچەسىنى ئۇلاپ، زىمىنلەم دىگەن سۆزنى ياساپ چىقتىم. شۇنداق قىلىپ، زىمىنلەم دىگەن سۆزنى، بىر ئالەمنىڭ ياكى بىر ئالەم قەۋەتىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى قىلدىم. يەتتە ئالەم نامى مۇشۇنداق يەتتە مەرگەزنىڭ نامىغا لەم قوشۇلغان شەكىلدە پەيدا قىلىندى.
شوق: بۇ گەپچە بولغاندا، يەتتە ئالەم چۈشەنچەسىنى سىز ئوتتۇراغا قويغان بولۇدىكەنسىز. ئۇنداقتا سوراپ باقسام، مۇشۇ يەتتە ئالەم ياكى ئالەمنىڭ يەتتە قاتلامىنى نىمەگە ئاساسەن بىلدىڭىز؟
جىم: مەن ئالەمنامە (ئاستونومىيە)بىلەن شوغۇللانمايمەن. ئەمما، ئۇنىڭغا قىزىقىمەن. شۇڭا، بۇلارغا ئائىت ئەسەرلەر ئۇچراپ قالسا، ئۇنى ئوقۇپ قويۇمەن. مەن، ئالى مەكتەپنىڭ جۇغراپىيە كىتاپلىرىدىن، ئالەمشۇناسلارنىڭ كۆپلىگەن يۇلتۇزلارتوپىنىڭ بۆلەكلىرىنى بايقاغانلىرىنى ھەم ئۇلارنى يەتتە تۈركۈمگە بۆلۈپ پەرەز قىلىنغانلىقىنى بىلگەن. بۇلارنى، ئۇيغۇرچە، يۇلتۇزلار توپى، يۇلتۇزلار تۈركۈمى، يۇلتۇزلار سىستېماسى، قۇياش سىستېماسى، سامان يولى، گالاكسى دىگەندەك ناملاردا ئاتاغان. مەن مۇشۇلارغا ئاساسەن، يەتتە ئالەم چۈشەنچەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.
شوق: يەتتە ئالەم چۈشەنچەسىدە، نىمە ئۈچۈن، پانى ئالەم، باقى ئالەملەر يوق؟
جىم: مىنىڭچە، يەتتە ئالەمنى كۆنكىرىت ئالەم چۈشەنچەسى، پانى ئالەم بىلەن باقى ئالەمنى، ئابىستراكىت ئالەم چۈشەنچەسى دەپ قارايمەن. شۇڭا، پانى ئالەم بىلەن باقى ئالەمنى، يەتتە ئالەم ياكى كونكىرىتنى ئالەم قاتارىدا ھېساپلامادىم.
شوق: بىزدە، خۇددى سىز باشتا دەپ ئۆتكەن پانى ئالەم ۋە باقى ئالەم دىگەن سۆزلەرنى قانداق چۈشەنسەك بولۇدۇ؟
جىم: ئاددى تىل بىلەن ئېيتقاندا، بىز ياشاۋاتقان، كۆرۈۋاتقان ھەم ئازاراق بولسىمۇ بايقاپ بىلگەن ئالەم، پانى ئالەم دىيىلىدۇ. پانى ئالەم دىگەن سۆز، ئابىستراكىت ئۇقۇم بولۇپ، يەتتە ئالەمنى ياكى كونكىرىت ئالەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز ياشاماغان، كۆرمەگەن، بايقاپ بىلمەگەن ئالەم، باقى ئالەم دىيىلىدۇ. باقى ئالەم دىگەن سۆز، ئابىستراكىت ئۇقۇم بولۇپ، يەتتە ئالەم ياكى كونكىرىت ئالەمنىڭ سىرتىدىكى چاماننى ياكى ئالەمنى كۆرسەتىدۇ.
شوق: سىز، باشتا، باقى ئالەمنى زامانى ھەم چامانى يوق، ياكى يوق ئالەم، پەلىسەپەدىكى ئالەم، مەۋھۇم ئالەم دەپ چۈشەنچە بەردىڭىز. سوراپ باقسام، باقى ئالەم زادى مەۋجۇدمۇ -يوق؟
جىم: مەن، باقى ئالەم مەۋجۇد دەپ قارايمەن. ئەمما، ئۇنىڭ زامانى ھەم چامانى چەكسىز ياكى يوق. يەنى، باقى ئالەمنىڭ باشلىنىشى، ئاخىرلىشىشى يوق. ئۇنى مەڭگۇ بايقاماسلىقىمىز مۇمكىن.
شوق: بىز ئاڭلاپ كېلىۋاتقان 18 مىڭ ئالەم، پانى دۇنياغا تەۋە بولامدۇ ياكى باقى دۇنياغا تەۋە بولامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
جىم: مىنىڭچە 18 مىڭ ئالەم، پانى دۇنياغا تەۋە بولۇدۇ. چۈنكى بىزگە تېخى نامەلۇم بولسامۇ، 18 مىڭ دىگەن كونكىرىت بىر سان بار.
شوق: سىزچە بولغاندا، بىز ھازىر يەتتە ئالەم دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ، ياكى 18 مىڭ ئالەم دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟
مىنىڭچە بولغاندا، بىز ھازىرچە يەتتە ئالەم دەپ چۈشەنىپ تۇرساق بولامدىكىن. چۈنكى، قانداقلا بولسۇن، يەتتە ئالەمنىڭ كونكىرىت ناملارى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتى پەرەزىمىزدە پەيدا بولدى دەپ قارايمەن. ئەندى، 18 مىڭ ئالەمگە كەلسەك، 18 مىڭ ئالەم دىگەن سۆزدىن باشقا، بىز ھېچنىمەگە ئىرىشمەدۇق. شۇڭا بىز، ھازىرچە يەتتە ئالەم دەپ چۈشەنىپ تۇرساق بولامدىكىنتاڭ؟!
شوق: بىز، سىز دەۋاتقان يەتتە ئالەمنى بىلىپ بولدۇقمۇ؟
جىم: ياق. مەن يەتتە ئالەمنى پەرەز قىلىمەن. ئەمما، ھېچقايسىسىنى ئېنىق بىلمەيمەن. چۈنكى، ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر كىشى، يەتتە ئالەمنى ئېنىق كۆرگەنى ھەم بىلگەنى يوق. پەقەتلا چامانكا دۇربۇن بىلەن مەلۇم يۇلتۇزنى بايقاپ شۇنىڭ نۇرى ئارقالىق، خۇددىكى بىز زىمىندا يەتتە چوڭ تاغلاشنىڭ (تاغلار سىستېماسىنى) بارلىقىنى ناھايىتى يىراقتىن ھېس قىلغاندەك پەرەز قىلىنغان. خۇددى بىز تېخى بارماغان بۇ تاغلاشنىڭ 100 پىرسەنت ئەھۋالى بىزگە تېخى ئېنىق ئەمەس بولماغاندەك، يەتتە ئالەمنىڭ ئەھۋالىمۇ بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت. باشقا ئالەمنى قويۇپ تۇرۇپ، بىز ياشاۋاتقان زىمىنلەمنى تېخى ئېنىق بىلىپ بولغانىمىز يوق. ئۇنىڭ سىرتقى قاتلامىنى، ئىچكى قاتلاملىرىنى پەرەز قىلىمىز، ئەمما، خۇددى بىز ئادەتتە مېتىر سېلىپ، تارازىدا ئۆلچەپ، تەجىرىبەخانىدا ئانالىز قىلىپ بىلگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى بىلىپ بولغانىمىز يوق.
شوق: سىز دەۋاتقان يەتتە ئالەمگە ئادەملەر بارغالى بولامدۇ؟
جىم: بولۇدۇ. ئەمما، بۇنىڭغا يەنە ئۇزاق ۋاقىت جەريان كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەملەر، مەڭگۇ تىرىشچانلىق كۆرسەتىشى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ ئايغا چىقىشى، مارىسقا بارغاندەك سىناق چامانكالارنىڭ يۇلتۇزلارغا قونۇشى، چامانكۆزلەرنىڭ ئالەم چامانىدىن تارتقان سۆرەتلىرى ۋە شۇلار ئارقالىق قىلىنغان ئانالىز پەرەز، يەكۈنلەر بۇلارنىڭ مۇقەددىمەسىدىن ئىبارەت. دىمەك، ئادەملەر تېخى، 1-ئالەمنى يەنى زىمىنلەمنى 100 پىرسەنت بىلىپ بولغانى يوق. شۇڭا، يەتتە ئالەمنى بىلىپ بولغۇچە، ئۇ ئالەملەرگە ئادەملەرنىڭ بېرىشىغىچە، يەنە 500 يىل، 1000 يىل، 10000 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
شوق: بۈگۈن بىز چارچاپ قالدۇق. كىيىنكى سۆھبەتىمىزدە، بۈگۈنكىدەك ئالەم توغرىسىدا گەپچەپ قىلساق مۇمكىن بولارمۇ؟
جىم: خۇدا خالىسا بولۇپمۇ قالار.
شوق: بۈگۈنكى گەپچەكتە نۇرغۇن نەسىلەر مىنىڭدە ئېنىق بولدى. بۇلارنى مەن كىتاپ ئوقۇپ بىلگىچە نۇرغۇن ۋاقتىم كېتىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق گەپچەپتە بىرلىكتە ئىزدەنسەك ئۆنۈمى ياخشى بولۇدىكەن. سىزگە كۆپ رەھمەت، داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرارمىز. خوش ئەمىسە، مەن كەتتىم!
جىم: سىزنىڭ پاس بېرىپ تۇرغان زېھنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. خەيىر-خوش!
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 01-ئاينىڭ 05-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 35 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6741
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!