Ilbimat-barbyile
بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەزگۇر ئەسەردە، باربىيئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقى، زاتىدىن ئىلبىمات يازىلدى.
بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەزگۇر ئەسەردە، باربىيئىلە ۋە ئۇنىڭ رۇقى، زاتىدىن ئىلبىمات يازىلدى.
مەزگۇر ئەسەردە، رۇخسامەت ۋە ئۇنىڭ 9 ئائىلەسى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، لاتىنچە، خەنزۇچە ناملىرى كۆرسەتىلدى.
Bu yil bahar aylirining axiri, hotenge barip, penni omumlashturush paaliyetige qatnashmaqci boldum. Hotenge mangidighangha 2 kvn qalghanda, nevrem, xatirekomputerni oynap buzup qoyuptu. Teyyarlighan materiallarni eslige keltvrelmidim. Nailaj, xenzu xizmetdishimning xatirekomputerini ariyetke aldim. Hotenge barghandin kiyin, kicice olturup matirialni teyyarlimaqci boldum. emma, Komputerda uyghurqe sestima qacilanmighan iken. Amal yoq, axiri uylat yaziqta yazmaqci boldum. Wz xiyallirim bilen, uylat heriplirini heliqaragha yeqinlashturup tizip ciqtim. Xundaq qilip, uylatning twvendikidek yene bir layihesi wujudqa keldi.
مەن، بۇنىڭدىن 65 يىل بۇرۇن، جىمسار ناھىيەسىنىڭ «بۇلاقبازار» يېزىسىدا بىر ھۆنەرۋەن ئائىلىدە تۇغۇلغان ئىكەنمەن. بۇلاقبازار دىگەن ئىسىمنى، يەرلىك كىشىلەر ئادەتتە خەنزۇچە ئىسمى بۇيىچە «چۈۋەنزىگەي» دەپ ئاتىشىدۇ. ئاتام، ئادىللا ئەمەت ئوغلى يىراق-يېقىندا داڭقى بار ئۇستا تۆمۈرچى ئىكەن. ئاپاممۇ، يېزىمىزدا داڭقى بار ئۇستا پېچىمچى (كىيىم تىككۈچى) ئىكەن. مىنىڭ 20 يىللىق بالىلىق ھەم يىگىتلىك ھاياتىم مۇشۇ بۇلاقبازاردا ئۆتتى. مۇشۇ 3 كۈن ئالدىدا بۇلاقبازارغا يەنە بىر قېتىم باردىم. بۇ قېتىم، بۇلاق بازار مەنزىرسىنى رەسىمگە تارتىپ كەلدىم. بىر قىسىم رەسىملەرنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم. داۋامىنى ۋاقتىم چىققاندا، ئاللا بۇيرىغان كۈنى داۋاملىق يېزىش ئويۇم بار.
مەزگۇر ئەسەردە، ئەكرىيا ناملىق گىيا ۋە ئۇنىڭ ئىگىر ناملىق دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە يىلتىزغولى ھەققىدە قىسقىچە شەرھى بېرىلدى.
ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «تەپەككۇر» دىگەن بىر سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ ھەم ئۇنى تىلىمىزدا كۆپ قوللۇنىمىز. ئەمما، بۇ سۆز توغرىسىدا كىشىلىرىمىزنىڭ چۈشەنچىسى ھەرخىل ئىكەن. مەسىلەن: بەزىلەر، بۇ سۆزنىڭ مەناسىنى «ئىنكاس»، «چۈشەنچە»، «تەسەۋۋۇر» دەپ بىلىدىكەن. يەنە بەزىلەر، «پىكىر يۈرگۈزۈش»، «ئويلاش»، «مۇھاكىمە»، «خىيال» دىگەندەك مەنىلەردە بىلىدىكەن. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» مۇ، «تەپەككۇر» دىگەن سۆزنى ئەنە شۇ مەزمۇنلاردا ئىزاھلىغان. ئۇيغۇرچە ۋېبسىتلاردا «دىداكتىك تەپەككۇر، ئەقلى تەپەككۇر» دىگەندەك سۆزلەرمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. دىمەك، نۆۋەتتە، تەپەككۇر دىگەن سۆز توغرىسىدا بىر ئىزدىنىپ بېقىش زۆرۆرىيەتى باردەك ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ شەكىللىرى دىگەن ئەسەرنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم. ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ باقارسىزلەر. ئەسەر مەزمۇنىدا خاتالىق كۆرۈلسە، دەرھال تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋېبسىتلاردا، «ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، پەيلاسوپمۇ؟ ئەمەسمۇ؟» دىگەن مەسىلىنى چۆرىدىگەن، «پەلىسەپە»، « پەيلاسوپ »قا ئائىت كۆز قاراشلار كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھال بىزنى بەكمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. چۈنكى، پەلىسەپە ھەققىدىكى ئىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ، مەرىپەت سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈش، زامانىمىزنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان ئىدى. مەن گەرچە بۇ ساھەدە ھەپىلەشكەن كىشى بولمىساممۇ، رايونىمىزدىكى بىر زىيالى بولۇش سۈپەتىم بىلەن بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىپ، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆز چۈشەنچەلىرىم بۇيىچە يازىلغان «پەلىسەپە دىگەن سۆزگە شەرھى» ناملىق ئەسەرىمنى ھوزورىڭىزلارغا سۇندۇم. ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆرۈپ باققايسىزلەر.نۇقسانلىرى بايقالسا، پىكىر بەرگەيسىزلەر.