خەتكۈش ‘قۇرۇمتاش’
2016مارت4

«شەھەر نامى» سۆرەپ چىققان 6سۇئالغا چۈشەنچە

«شەھەر نامى» سۆرەپ چىققان 6سۇئالغا چۈشەنچە   جىمسارى   «昆玉市» دەپ ئاتالغان شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى قانداق ئاتاش مۇناسىۋەتى بىلەن يازىلغان ئەسەر-ئىنكاسلار،  قۇرۇم دىگەن نىمە؟ قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ قۇرۇمتاغ سىستېمىسى دىگەن نىمە؟ ئۇ قەيەردە؟ قاراقۇرۇمتاغ دىگەن نىمە؟ ئۇ قەيەردە؟ قاراقورامتاغ  دىگەن …

2016يانۋار9

«قۇرۇمتاش» ۋە «قۇرۇم» توغرىسىدا

«قۇرۇمتاش» ۋە «قۇرۇم» توغرىسىدا   جىمسارى   بايان ئاۋۋال   «قۇرۇمتاش»، «قۇرۇم» دىگەن ئىسىم سۆزلەرنى، مەن تۇنجى بولۇپ يازىق ئەسەرلەرىمدە قوللانغان ئىدىم. بۇنىڭغا ئائىت ئەسەرلەرىم، «ئاكادېمىيە» ناملىق بلوگىمدا بۇنىڭدىن بىر يارىم يىل بۇرۇن نەشىر قىلىنغان. بۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى بىلەن تېخىمۇ …

2014ئىيۇل14

«قۇرۇمتاش» توغرىسىدا ئومۇمى بايان

ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تورىستانلاردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە، «قاش، قاشگەر، قاش سودىگىرى، قاش سودىسى» دىگەندەك سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سۆزلەر نىمەنى كۆرسەتىدىغاندۇ دەپ تەپسىلى ئوقۇسام، ئەسلىدە مەن «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتاغان سۆزنىڭ تار مەناسىنى كۆرسۈتىدىكەن. ئەمما، «قاش» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ سۆزلەرنى، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا قويۇش مىنىڭچە ھەر جەھەتتىن توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ ئۇقانداق پەيدا بولغان؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئەتىۋار؟ قانداق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ؟ ئۇيغۇرچە نامىنى قانداق ئاتاش توغرا بولىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ، بىلگەنلىرىمنى، پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

2014ئىيۇل12

«قەشقەر» دىگەن سۆز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

«ئىزدىنىش» تورىنىڭ 2014-يىلى12-چىللە سانىدا «قاش شەھىرى-قەشقەر» ناملىق تەرجىمە ئەسەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئەسەر، ئەسلىدە خەنزۇچە يازىلغان بولۇپ، 2004-يىلى «جۇڭگونىڭ قۇرۇمتاش تورى» (مەن شۇنداق تەرجىمە قىلدىم) دا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەسەرنىڭ مەنبەسى، قەشقەرلىق داڭلىق ئالىم ۋاڭشىشىياڭ يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەر ئىكەن. دىمەك، «ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى»دىكى ئابدۇللا ئۆمەر دىگەن ئەپەندى ئەنە شۇ « قاش شەھىرى-قەشقەر » ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاۋدارغان ئىكەن. مەن بۇ ئەسەر تەرجىمەسىنى، ئەسەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى ھەم شەخسى كۆز قاراشلارنى كۆرۈپ، ئويلۇنۇپ قالدىم. دىمەك، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ قەشقەر دىگەن نام توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم.

2014فېۋرال19

قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئۆيىمىزدە ئالتۇن چۇكا (زىقچە ئالتۇن)، ئالتۇنخش (چوڭ سەرەڭگە قېپىدەك خىش ئالتۇن)، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەيزۈك، چاشتەنگە دىگەندەك نەرسىلەر بولاتتى. بۇلارنى دادام، ئانام، ئاتام ، ئاپاملار، ئالتۇن-كۈمۈش جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇم بىلەيزۇك، قۇرۇم ئۈزۈك، قۇرۇم غاڭزا، قۇرۇم تۇمار، ھېقىق تەفسىي، ياقۇت ھالقا دەپ ئاتايدىغان تاش زىننەت بۇيۇملىرى بار ئىدى. بۇلارنى، ئاشىق جابدۇشلار دەپ ئاتايتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆيىمىزدە 1965- يىلغىچە بارلىقىنى بىلىمەن، ئۇنىڭدىن كىيىن كۆرۈپ باقمىدىم. ئەلۋەتتە، 1974-يىلغىچە بۇلارنى كۆرۈپ قويۇش ھەم ئۇلارنىڭ نامىنى ئاڭلاپ قويۇشتىن باشقا، مىنىڭدە بۇلار توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچە يوق ئىدى. مۇشۇ يېقىنقى 5-6 يىل مابەينىدە، مەن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئالتۇن جابدۇشلار، ئاشىق جابدۇشلارنىڭ باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى. ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۇزۇن يىللار بولغان ئاتام-ئاپام ئىسىمگە كەلگەندە، بەزىدە مەن ئۆيدە ئوينايدىغان بۇ جابدۇشلارمۇ يادىمغا كىلىپ قالىدۇ. يىقىنقى يىللاردىن بېرى، مەن كىچىكىمدە ئاڭلايدىغان قۇرۇم بىلەيزۈك، قۇرۇم تۇمار، ئاشىق جابدۇش دىگەندەك ئىسىملار توغرىسىدا ئويلاپ قالدىم، ئىزدىنىپمۇ باقتىم. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلار توغرىسىدىكى چۈشەنچەلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.