باش بەت > تىل،, جۇغراپىيە > «قۇرۇمتاش» توغرىسىدا ئومۇمى بايان
14ئىيۇل

«قۇرۇمتاش» توغرىسىدا ئومۇمى بايان

«قۇرۇمتاش» توغرىسىدا ئومۇمى بايان

 

جىمسارى

 

بايانئاۋۋال

ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تورىستانلاردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە، «قاش، قاشگەر، قاش سودىگىرى، قاش سودىسى، قاشچىلىق » دىگەندەك سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سۆزلەر نىمەنى كۆرسەتىدىغاندۇ دەپ تەپسىلى ئوقۇسام، ئەسلىدە مەن «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتاغان سۆزنىڭ  مەناسىنى كۆرسۈتىدىكەن. ئەمما، «قاش» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ سۆزلەرنى، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا قويۇش مىنىڭچە ھەر جەھەتتىن توغرا ئەمەس.  شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ ئۇقانداق پەيدا بولغان؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئەتىۋار؟ قانداق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ؟ ئۇيغۇرچە نامىنى قانداق ئاتاش توغرا بولىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ، بىلگەنلىرىمنى، پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

 

1. «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى نىمە؟

«قۇرۇمتاش» دىگەن نىمە؟ بۇنىڭغا مەنەرنامە (矿物学) نوقتىسىدىن ، تەبىئىي ھاسىل بولغان، خېمىيە تەركىۋى ئاساسلىقى   Ca2(Mg, Fe)5Si8O22(OH)2  ۋە  NaAlSi2O6 دىن تۈزۈلگەن مەنەرلەر (矿物) ياكى ھەرەڭتاشلار (贵美石类) ، «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتىلىدۇ دەپ تەبىر بەردىم. شۇڭا،  بۇ خىل ھەرەڭتاشلارنىڭ ئومۇمى نامىنى «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتادىم. بۇ يەردە، نىمە ئۈچۈن «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتالدى؟ دىگەن سۇئال قويۇلىشى مۇمكىن. بۇنداق ئاتالىشىدا مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، بىز ھازىر « قاشتېشى، شىنجاڭ قاشتېشى، خوتەن قاشتېشى، قاشتاش، قاش» دەپ ئاتاۋاتقان ھەرەڭتاشلارنىڭ كۆپ چىقىدىغان مەنبەلىرىگە ۋە ئۇلارنىڭ خىمىيەلىك ئانالىزلىرىغا قارىغاندا، بۇ ھەرەڭتاشلار، قۇرۇم-قاراقۇرۇم تاغلىرىدا مىليون يىللىق يوقۇرى ھارارەت، يوقۇرى بىسىم جەريانىدىكى فىزىكىلىق ھەم خىمىيەلىك ئۆزگۈرۈشلەردىن ھاسىل بولغان ئىكەن. دىمەك، « شىنجاڭ قاشتېشى، خوتەن قاشتېشى، قاشتېشى، قاشتاش ھەتتا قاش » دەپ ئاتاۋاتقان ھەرەڭتاشلار ئەنە شۇ قۇرۇمتاغلاردا ھاسىل بولغان مول مەنبەدىن كەلگەن. شۇڭا، بۇ خىلدىكى ھەرەڭتاشلارنىڭ ئومۇمى نامىمۇ ئەنە شۇ قۇرۇمتاغ دىگەن مەنبە نامىغا ئاساسەن «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ ئىككىنچى سەۋەبى، تەخمىنەن 19-ئەسىرنىڭ 1864-يىلى تۇغۇلغان، 50 يىل جاھان كىزىپ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان، قۇمۇل، ئالتاي ۋە مۇڭغۇلىيە قاتارلىق نۇرغۇن جايلارغا بارغان، ھەرەڭتاشلارنى كۆپ كۆرگەن ھەم ئوۋچىلىق قىلغان، 20- ئەسىرنىڭ 1964-يىلى 101 ياشىدا ۋاپات بولغان توختى موللا گايىت دادامدىن (ئاپامنىڭ ئاتىسى) «قۇرۇمتاش، قۇرۇم» دىگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلىغان. ئۇنىڭ يەنە گەپ قىلغاندا، دائىم دەيدىغان ، «ئادىمىدىڭ، ئادىمىدىڭ پەرقى بار، ھەر قۇرۇمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق نەرقى بار»، «شالۋۇرنىڭ ياخشىسى خۇرۇم، تاشنىڭ ياخشىسى قۇرۇم» دىگەندەك ماقاللىرى بار ئىدى. كىيىن مەنمۇ چوڭ بولۇپ جاھان كىزىپ، دالىدا قىدىرىپ يۈرۈپ خوتەن دىيارىنى، قايناق ھەرەڭتاش بازارلىرىنى كۆپ ئايلىنىپ، بۇ ھەرەڭتاشلارنىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچىسى «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتىلىدىكەن دەپ ئويلاپ ئاخىرى، بۇ خىلدىكى ھەرەڭتاشلارنىڭ ئومۇمى نامىنى «قۇرۇمتاش» دەپ قويدۇم. دىمەك، «قۇرۇمتاش» ۋە «قۇرۇم» دىگەن سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆزلەردىن بولادى. ئۇيغۇرچە «قۇرۇمتاش » دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا ئاۋدارساق، «玉石» بولادى. «قۇرۇم» دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا ئاۋدارساق «玉» بولادى.

 

 

2. «قۇرۇمتاش» قانداق تاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالادى؟

مىنىڭچە بولغاندا، قۇرۇمتاشنىڭ كۆرسەتىدىغان ئوبىكتى، تار ۋە كەڭ دەپ ئىككى مەنانى ئۆز ئىچىگە ئالادى. تار مەنادىكى قۇرۇمتاش، نەق قۇرۇمتاشنى كۆرسەتەدى. نەق قۇرۇمتاش ئىككى خىل بولادى. بۇنىڭ بىرى، نىفقۇرۇم، ياكى نىفقۇرۇمتاش  (نىفرەش (软玉) تىپىدىكى قۇرۇمتاش) بولۇپ، بۇنىڭغا پەقەتلا ھازىر «شىنجاڭ قاشتېشى، خوتەن قاشتېشى، قاشتېشى، قاش، خەنزۇچە 新疆玉石、和田玉石»، دەپ ئاتالغان ھەرەڭتاشلار كىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا،  جۇڭگودىن، روسىيەدىن، كانادادىن، ئاۋىسترالىيەدىن، يىڭى زىللاندىيەدىن چىقىدىغان  نىفرەش (نىفرىت) تىپىدىكى ھەرەڭتاشلارمۇ كىرىدۇ. ئىككىنچىسى، جىدقۇرۇم ياكى جىدقۇرۇمتاش (硬玉 تىپىدىكى قۇرۇمتاش) بولۇپ، بۇنىڭغا ماياننار (بىرما)، رۇسىيە، گۇئاتامالا قاتارلىق دۆلەت-رايونلاردىن چىقىدىغان جىدەش تىپىدىكى ھەرەڭتاشلار كىرىدۇ.

ئەندى دۆلىتىمىز جۇڭگودىكى ئەھۋاللارغا قارىغاندا، كۆپۈنچە ھاللاردا، قۇرۇمتاش سۆزىنىڭ كەڭ مەناسىدىكى ھەرەڭتاشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. شۇڭا، جۇڭگودىكى قۇرۇمتاش قاتارىغا، نىفقۇرۇمتاش ياكى قۇرۇمتاش (和田玉石) ، جىدقۇرۇمتاشدىن باشقا، ئىلانچار (蛇皮石)، لازۇر (青金石)، مەرمەر (大理石)، ئەقىق (玛瑙)، ياقۇت (宝石)، كورال (珊瑚)، قاتارلىق ھەرەڭتاشلار كىرىدۇ.

 

3. قۇرۇمتاشلار نىمە ئۈچۈن ئەتىۋار؟

بۇنىڭدىن 10 يىللار بۇرۇن، مەن مايانناردىكى (بېرما دۆلىتى) خەنزۇلار ئاچقان ھەرەڭتاش بازارلىرىنى، پىچاندىكى ، ئۇرۇمچىدىكى، خوتەندىكى ھەرەڭتاش بازارلىرىنى ئايلانغانىمدا، ئۇلارنىڭ، قۇرۇمتاشنىڭ خاسىيەتى توغراسىدا ئېيتقان ھەررەڭ-سەررەڭ گەپلەرىنى ئاڭلىغان. ئەگەر سىز بىرەر پارچە قۇرۇمتاشقا ياكى بىرەر تال قۇرۇم بۇيۇمغا ئىگە بولاپ قالساڭىز، مەڭگۇ سالامەت بولادىكەنسىز. مەڭگۇ باي ۋە بەخىتلىك ياشايدىكەنسىز. مەڭگۇ ئامان ئىسەن تۇرادىكەنسىز. جۇڭگونىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ نەشىرىيات ئورۇنلارى، قۇرۇمتاشقا ئائىت ئاجايىپ كۆپ كىتاپ-قوللانمىلارنى نەشىر قىلىپ بازارغا سالىپتۇ. قۇرۇمتاش بۇيۇملارىنى ياسايدىغان يۈزمىڭلىغان دۇكانلار ئاچىلىپتۇ. ھەممە ئۆلكە- ئاپتونۇم رايون ۋە شەھەرلەردە،قۇرۇمتاش سودىسى، قۇرۇم سودىسى خۇددى كەلكۈندەك يايىلىپ، بازار قىزىپ كىتىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، جۇڭگودا 4 خىل قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم ناھايىتى داڭلىق ئىكەن. ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ يوقۇرى ئىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى يەنىلا بىزنىڭ «قۇرۇمتاش خوتەنى» ياكى بىزنىڭ نىفقۇرۇمتاشلارىمىز ئىكەن. ئاڭلىسام، ھازىر «قۇرۇمتاش خوتەنى» نىڭ ھەر گىرام ئېغىرلىقىنىڭ بازار باھاسى 7000-30000 يىۋەنگىچە بولاۋىتىپتۇ. شۇڭا، خوتەنغول، قاراغول (قاراقاش دەرياسى)، ئاقغولدا (ئاققاش دەريا ياكى يۇرۇڭقاش دەريا)ۋە ئەتراپىدىكى تاغلاردا كولانماغان يەر قالماپتۇ، نەتىجەدە، بەزى تاغلار ئەسلى ئورنىدىن يۆتكەلىپتۇ، تۈزلەڭلەردە سۈنئىي تاغلار پەيدا قىلىنىپتۇ. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىغا «قۇرۇمتاش خوتەنى» دىگەن گەپ رەم بولاپ قاپتۇ. دىمەك، تارىختىكى ۋە ھازىرقى مەۋجۇد ھەقىقەتلەرگە ۋە خەنزۇچە يازىلغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇملار (قۇرۇمتاشتىن ئىشلەنگەن نەپىس بۇيۇملار)، دۆلىتىمىز جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، شەرقى ئاسىيادىكى دۆلەت رايونلاردا ناھايىتى ئەتىۋارلىنىدىكەن. ھەتتا، «قاشتاش مەدەنىيەتى» دەپ ئاتالغان بىر خىل مەدەنىيەتمۇ شەكىللەنگەن دەپ قارايدىكەن. بۇ مەدەنىيەتنىڭ روھىيەتىدە، قۇرۇمتاش، بىر خىل ئارمانى روھ شەكلىدە سۈپەتلىنىدىكەن. قىسقاسى، مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، شەرقى ئاسىيالىقلار، قۇرۇمتاشنى سالامەتلىك، بايلىق، بەخىت، ئامانلىق ياراتقۇچى ئورنىدا كۆرىدىكەن. ئۇنى ئەتىۋارلايدىكەن ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭغا چوقۇنادىكەن.

ھۆرمەتلىك بۇرادەر، قۇرۇمتاش نىمە ئۈچۈن، بۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇنداق چوڭ ئۇلۇغلاشقا، زور ئېقتىسادى قىممەتكە ۋە روھى مەدەنىيەتكە ئىگە بولاپ قالدى؟ دىگەن سۇئال مىنىڭدە تالاي قىتىم قوزغالدى.  ئەمما، مەن بۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمادىم. راسلا شۇنداقمىدۇ؟  بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىڭىز بولسا ئايىماستىن بىزنىمۇ خەۋەرلەندۇرۇپ قويارسىز.

 

بايان ئاخىر

ھۆرمەتلىك بۇرادەر، يوقۇرىدا قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم توغرىسىدا كۆڭلۈمدىكى ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم. قۇرۇمتاشقا ئائىت كۆپلىگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى تۈنجى قىتىم ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەمما، قۇرۇمتاش ھەققىدىكى چۈشەنچەلەرىم بىلەن مەزگۇر ئەسەردە قوللانغان قۇرۇمتاش، قۇرۇم، ھەرەڭتاش، مەنەر، مەنەرنامە، ئىلانچار، لازۇر، كورال، نىفرەش، جىدەش، خوتەنغول، قاراغول، ئاقغول دەپ قوللانغان ئىسىم سۆزلەر توغراسىدا ھەم سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بەزىدە ئاجىزلاشماي يازىلىش شەكلى جەھەتتە مۇھاكىمەڭىزلەرگە مۇھتاجمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 196 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4760
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز