«جان» تەبىرىگە ئىزاھات
«جان» دىگەن سۆزگە بېرىلگەن تەبىرنىڭ ئىزاھاتى
ئارجىم
بايان ئاۋۋال
ۋېبسىت «ئاكادېمىيە» نىڭ 2015-يىل 14-نۇرۇز سانىدا، ««جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «جان» دىگەن سۆزگە تەبىر بېرىلگەن ئىدى. بۇرادەرلەرگە تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزگۇر ئەسەردە، «جان» تەبىرىگە ئىزاھات بەردىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.
- 1. «جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى
«جان» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، ۋىرۇستىن باشقاسىنىڭ ھەممەسى ھۈجەيرەدىن تۈزۈلگەن؛ مۇستەقىل ھەم مۇكەممەل قۇرۇلما شەكلىگە ئىگە بولغان؛ مۇددەتلىك ئۆسەدىغان؛ چەكلىك ماسلىشىدىغان؛ شەرتلىك ئۆزلەپچىقىرىدىغان؛ ئۆزىنى چەكلىك تەڭشەيدىغان؛ ئىنكاس بىلدىرەدىغان؛ تۇغىدىغان ياكى تۇغمايدىغان؛ ئۆلىدىغان؛ نىسبى تۇرغۇن، مۇتلەق ئۆزگىرىدىغان جىسىم، «جان» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، «جان» دىگەنىمىز، ئادەملەرنى، جانۋارلارنى، گىيالارنى، چىيالارنى، مىكروبلارنى ھەم ۋىرۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانى بار جىسىملارنى كۆرسەتىدۇ ياكى بىلدۈرىدۇ.
- 2. «جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرىگە ئىزاھات
2.1. جان، ۋىرۇستىن باشقالىرىنىڭ ھەممەسى ھۈجەيرەدىن تۈزۈلگەن. ۋىرۇسنىڭ ھۈجەيرەسى يوق. ئۇ ھۈجەيرە ئىچىدە ياشايدىغان بىر جاندۇر. ۋىرۇستىن باشقا بارلىق جانلارنىڭ تەن تۈزۈلىشى ۋە فىزولوگىيەسى، ھۈجەيرەدىن ئىبارەت ئەڭ ئاساسى يۇنىت (بىرلىكى)تىن پۈتكەن بولىدۇ.
2.2. جان، مۇستەقىل ھەم مۇكەممەل قۇرۇلما شەكلىگە ئىگە. ھەر قانداق جان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان ھەم مۇكەممەل بولغان ئىچكى ۋە تاشقى قۇرۇلما شەكلىدە يارالغان.
2.3. جان، مۇددەتلىك ئۆسۈدۇ ياكى چوڭلايدۇ. بارلىق جانلار، كىچىكتىن چوڭلايدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ئۆسۈشى ياكى چوڭلىشى مەلۇم مۇددەتتە توختايدۇ. ھەرگىز چەكسىز بولمايدۇ.
2.4. جان، تاشقى ۋە ئىچكى مۇھىتىغا چەكلىك ماسلىشىدۇ. بارلىق جانلارنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى مۇھىتى بولۇدۇ. بارلىق جانلار، ئامال بار ئۆزىنىڭ ھاياتىنى (ياشاش جەريانى) ئەنە شۇ تاشقى ۋە ئىچكى مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلىدۇ. ئەمما، بۇ ماسلاشتۇرۇش مەلۇم چەك دائىرەسىدە بولۇدۇ. چەكتىن ئېشىپ كەتكەندە، جانلارنىڭ ھاياتى توختايدۇ.
2.5. جان، شەرتلىك ئۆزلەپچىقىرىدۇ (مىتابولىزىم قىلىدۇ). بارلىق جانلار، ماددا ۋە ئېنىرگىيەگە تايىنىپ ھاياتى ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. جانلار، ئۆزىگە كېرەكلىك ماددا ۋە ئېنىرگىيەنى، كانلاردىن (جانسىز ماددالارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «كان» دەپ ئىسىم قويدۇم) ھەم ئۆزگە جانلاردىن ئۆزلەشتۈرىدۇ. يەنى، قۇبۇل قىلغان ماددالارنىڭ بىرقىسمىنى ئۆز تىنىگە ئۆزلەشتۈرىدۇ. يەنە بىر قىسمىدىن مەلۇم مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىدۇ، كونانى چىقىرىپ، يېڭىنى قۇبۇل قىلىدۇ. دىمەك جاننىڭ ھاياتى، مانا مۇشۇنداق ھەم ئۆزلەشتۈرۈپ ھەم چىقىرىپ تۇرىدىغان جەريان ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما بۇ جەريانلار شەرتلىك بولۇدۇ، ھەرگىزمۇ شەرتسىز بولمايدۇ.
2.6. جان، ئۆزىنى چەكلىك تەڭشەپ تۇرىدۇ. بىر قىسىم جانلارنىڭ بەدەن تېمپىراتورسى تۇرغۇن بولۇدۇ، بەزى جانلارنىڭ تۇراقسىز بولۇدۇ. مەيلى قانداق بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئىچكى بەدەن مۇھىتىنى مەلۇم چەك دائىرەسىدە تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەگەر، تەڭشەش دائىرەسىدىن ئېشىپ كەتسە، جاننىڭ ھاياتى خەۋىپكە ئۇچرايدۇ.
2.7. جان، ئىنكاس بىلدىرىدۇ. بارلىق جانلار، تاشقى ئامىلغا ئۇچرىغاندا، ھەر خىل ئىنكاس قايتۇرىدۇ. بۇ ئىنكاسلار، تۈگۈلۈش، مىدىراش، ئاۋاز چىقىرىش، قېچىش، ھەملە قىلىش، بېقىش (ئاپتاپپەرەس كۈنگە باققاندەك) دىگەندەك ھالەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
2.8. جان، تۇغىدۇ ياكى تۇغالمايدۇ. ئالى جانلار، جىنىسى ئەزانىڭ رولى بىلەن ھامىلەگە، تۇخۇمىغا تايىنىپ تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. ئەمما، ئىشچى بوغۇن (ھەسەل ھەرىسى)، خىچىر، ئارغۇن (كالا بىلەن قوتاز شالغۇتى) غا ئوخشاش بەزى ئالى جانلار تۇغمايدۇ. مىكروپقا ئوخشاش ئاددى جانلار، ھۈجەيرەسىنى كەسلەپ (ئوخشاش بۆلۈپ ئايرىپ چىقىش)كۆپىيىدۇ.
2.9. جان ئۆلىدۇ. بارلىق جانلار، مەلۇم مۇددەتتە ھاياتتىن توختاپ ئۆلىدۇ. جىمى ئاماللار قىلىنسىمۇ، مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ياكى تۇغۇلمايدىغان جان يوق. ئۆلگەن جان قايتا پەيدا بولمايدۇ. بۇمۇ، جانلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قانۇن بولۇشى مۇمكىن.
2.10. جان، نىسبى تۇرغۇن، مۇتلەق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بارلىق جانلارنىڭ شەكلى ھەر قانچە تۇرغۇن بولسۇن، ئۆمىرى ھەر قانچە ئۇزۇن بولسۇن، ئۇ ھامان نىسبى بولۇدۇ. جانلار، يوقتىن بار بولۇدۇ، ئاددىلىقتىن ئالىلىشىدۇ، توختىماستىن ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىدۇ. ھازىر بىز، زىمىننىڭ پەيدا بولغانىغا تەخمىنەن 4 مىليارت 600 مىليون يىل بولدى دەپ قاراۋاتىمىز. بۇ ئۇزۇن تارىختا، زىمىندا ئاجايىپ غارايىپ جانلار پەيدا بولۇپ ياشاغان ئىكەن. ئەينى زامانلاردا ياشاغان ھەيدەرھالار (دىنىزاۋۇرلار) ھازىر يوق، ئىككى مېتىر كىلىدىغان چايانلار ھازىر يوق، غولىنىڭ دىئامېتىرى 4-5 مېتىر كىلىدىغان، ئىگىزلىكى 100 مېتىرچە كىلىدىغان قارچالار (بىر خىل دەرەخ) ھازىر يوق. بۇلار زامانىدا، ئادەملەر پەيدا بولماغان ئىكەن. ھازىر، زىمىنلەمنىڭ غۇجىسى، قۇياشلەم، سامالەمنىڭ ئەركىسى بولغان ئادەمنىڭ پەيدا بولغانىغا تېخى مىليون يىل بولماغاندەك قىلىدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، «جان»نىڭ تەبىرىگە قىسقىچە ئىزاھات بەردىم. بۇلار ھازىرقى بىلىشلىرىمىز ئاساسىدا بېرىلگەن ئىزاھاتتىن ئىبارەت. دىمەك، جاننامە (بىئولوگىيە) ئىلبىملىرىنىڭ (پەن-تېخنىكا) تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، «جان» غا بولغان بىلىشلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ، تېخىمۇ ھەقىقەسى ئايدىڭلىشىدۇ. شۇڭا، مىنىڭ «جان»غا بەرگەن تەبىرىمدە، ئىزاھاتىمدا يەنە ئۆزگىرىش ياكى يىڭىلاش بولۇشى مۇقەررەر. ئەمما، بۇ كىيىنكى ئىشلاردىن ئىبارەت. بىز ھازىر، «جان»نى مۇشۇنداق چۈشۈنۈپ تۇرساق خاتا ئەمەس دەپ قارايمەن. ئەندى مىنىڭدە، بۇرادەرلەرگە ئوخشاش، جان قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن بىر سۇئال پەيدا بولغالى ئۈزۈن بولدى. بۇ ھەقتىمۇ بىر ئىزدىنىپ بېقىش ئويۇم بار. خۇدايىم بۇيرىسا، بۇ ھەقتىمۇ بىرەر پارچە ئەسەر تەييارلاپ باقارمەن.
مەنبەسەرلەر ( مەنبەسەر – مەنبە ئەسەر دىگەنلىك بولۇپ، كۆرۈپ باقىدىغان ئەسەر مەنبەلىرى دىگەن مەنانى بېرىدۇ)
[1] ئارجىم، «جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى»، ۋېبسىت ئاكادېمىيە، 2015-يىل، 14- نۇرۇز نەشىرى.
[2] «生命»، ۋېبسىت «ۋىكىپېدىيا»، 2015-يىل، 24- ھۇد نەشىرى.
[3] «什么是生命?»، ۋېبسىت «بەيدۇ»، 2013-يىل، 20-مىزان نەشىرى.
[4] 水运沈浪، «生命»، ۋېبسىت، «بەيدۇ»، 2015-يىل، 1-نۇرۇز نەشىرى.
يازما ئاپتورى: جىمسارى
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 31 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5789
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
بۇ مەن قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىكەن.جان -ھاياتلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە خېلى ئەتراپلىق ئىزدىنىپسىز.مەن كۆرگەن بەزى ماتىرياللاردىمۇ بۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ئىزچىل ئىزدىنىش باسقۇچىدا دېيىلگەن ئىكەن.بۇ تېمىدىكى ئىزدىنىشىڭىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۆرسىڭىز تېخىمۇ يۇقۇرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۆرىشىڭىزگە ئىشىنىمەن.مىنىڭ بىلىشىمچە ھازىر جان ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتىرياللار ئىچىدە مۇشۇنچىلىك ئەتراپلىق ماتىريال يوق.
مىنى بەكمۇ قىززىقتۇرىدىغان نۇقتا ھاياتلىق بىلەن غەيرى ھاياتلىق دۇنياسىنىڭ چىگرىسى پەقەت ھۆجەيرىلىمۇ ياكى ھاياتلىق-جان ئالەمەتلىرىگە ئىگە تېخىمۇ مىكرو قاتلام بارمۇ؟دىگەن مۇشۇ نۇقتا.ھارمىغايسىز.