باش بەت > بىئولوگىيە, تىل، > «جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى
14مارت

«جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى

«جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى

ئارجىم

(ئارجىم-«ئادىللا ئوغلى رەھمەتۇللا جىمسارى» دىگەن سۆزنىڭ قىسقارغان نامى)

 

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىمىزدا «جان» دىگەن بىر سۆز بار. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىلى نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «جان» دىگەن سۆزنىڭ پارىسچە سۆز ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ، ئۇنىڭ 9 خىل مەناسى بارلىقى ئىزاھلانغان. ئەمما مىنىڭچە، بۇ ئىزاھلار پەقەتلا تىلىمىزدىكى ئىستىمال شەكلىنى ياكى ھادىسەسىنىلا كۆرسەتكەن، ئۇنىڭ تۈپ مەناسىنى بىلدۈرەلمىگەن دەپ قارايمەن. شۇڭا، «جان» دىگەن سۆزگە تەبىر بېرىش زۆرۆرىيەتى تۇغۇلۇپ قالدى. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن، ئۆز چۈشەنچەلىرىم بۇيىچە «جان» دىگەن سۆزگە تەبىر بەردىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.

  1. 1. «جان» دىگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى ئىزاھاتى

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە، «جان» دىگەن سۆز، تۆۋەندە ئىخچام كۆرسەتىلگەندەك 9 خىل مەنادا ئىزاھلانغان.

1-«ئىنسان ۋە ھايۋان ئۆلگەندىن كىيىن ۋۇجۇدىدىن ئايرىلىدىغان ماددى، غەيرى تەبىئى ئامىل».

2-«ئىنساننىڭ بارلىقى، بەدىنى، تىنى ».

3-«ھايات: جاننى پىدا قىلماق، جان تىكمەك».

4-«ئائىلىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى».

5-«كۆچمە، كۈچ، قۇۋۋەت، مادار، ماغدۇر».

6-«كۆچمە، ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى، جاندىن ئەزىز كۆرىدىغىنى».

7-«كۆچمە، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسى قىسمى».

8-«مۇراجەت قىلغۇچىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىمنىڭ ئالدىدا كىلىپ، ئىنتايىن يېقىنلىق، مىھرىبانلىقنى بىلدۈرىدۇ».

9-«كىشى ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ، ئەركىلىتىش، يېقىنلىقنى بىلدۈرىدۇ».

يوقۇرىدا كۆرسەتىلگەن ئىزاھلاردا، «جان» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ئىستىمال شەكلى ياكى ھادىسەسىدىكى مەناسىلا بىلدۈرۈلگەن. ئەمما، «جان» دىگەن سۆزنىڭ تۈپ مەناسى ياكى ماھىيەتلىك مەناسى بىلدۈرۈلمىگەن. دىمەك، بۇ ئىزاھلاردىن، «جان» دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا ئېنىق جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ.

  1. 2. «جان» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەبىرى

«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، «جان» دىگەن سۆزنىڭ فارىسچە سۆز ئىكەنلىكى كۆرسەتىلگەن. «جان» دىگەن سۆزنىڭ قانداق مەنبەدىن كىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا قوللانۋاتقانىمىزغا ئاز ھىساپلىغاندىمۇ 1000 يىلدىن ئاشقانلىقى ھەممەمىزگە مەلۇم. شۇنداق بولغان ئىكەن، «جان» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە بىر تەبىرى بولۇشى تەبىئى. ئەمما مىنىڭ قاراشىمدا، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردىن «جان» توغرىسىدا بىلگەنلىرىمىز، ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ئىستىمال شەكلى ياكى ھادىسەسىدىكى مەناسىدىن ئىبارەت. دىمەك، «جان» دىگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك مەناسىغا تېخى ئۇيغۇرچە تەبىر بېرىلمىگەندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا، «جان» دىگەن سۆزنىڭ تەبىرى نىمە؟ مەن بۇنىڭغا مۇنداق تەبىر بەردىم: ۋىرۇستىن باشقاسى ھۈجەيرەدىن تۈزۈلگەن؛ مۇستەقىل ھەم مۇكەممەل قۇرۇلما شەكلىگە ئىگە بولغان؛ مۇددەتلىك ئۆسەدىغان؛ چەكلىك ماسلىشىدىغان؛ شەرتلىك ئۆزلەپچىقىرىدىغان؛ ئۆزىنى چەكلىك تەڭشەيدىغان؛ ئىنكاس بىلدىرەدىغان؛ تۇغىدىغان ياكى تۇغمايدىغان؛ ئۆلىدىغان؛ نىسبى تۇرغۇن، مۇتلەق ئۆزگىرىدىغان جىسىم، «جان» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، «جان» دىگەنىمىز، ئادەملەرنى، جانۋارلارنى، گىيالارنى، چىيالارنى، مىكروبلارنى ، ۋىرۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانى بار جىسىملارنى كۆرسەتىدۇ ياكى بىلدۈرىدۇ.

3. ئۇيغۇرچە «جان» سۆزىنىڭ ئۆزگە تىللارغا بولغان تەرجىمەسى

مىنىڭ بەيدۇ، گوگىل ۋە ۋىكىپېدىيا ۋېبسىتلىرىدىن كۆرگەنلىرىمگە قاراغاندا، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «جان» دىگەن سۆزنى ئۆزگە تىللارغا تەرجىمە قىلساق ئۇلارنىڭ تۈپ ئاتىلشى مۇنداق بولۇدىكەن:

جان- خەنزۇچەدە: 生命,生物、有生命机制的物体.

جان- لاتىنچە، ئېنگلىزچەدە: Life.

جان-ئەرەبچەدە: ھايات.

جان-فارىسچەدە: زىندگى.

جان-ئۆزبەكچەدە: ھايات.

جان-قازاقچەدە: ئۆمىر.

جان-تاتارچەدە: تىرىكلىك.

جان-تۈركچەدە: ياشام.

دىمەك، بۇ تەرجىمەلەرگە قاراغاندا، «جان» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇدۇ. بىز «جان» دىگەن سۆزنى بىلدىرىشتە، «ھاياتلىق»، «جانلىق»، «ئورگانىزىم» دىگەندەك سۆزلەرنى قوللاندۇق. بۇنىڭدىكى «ئورگانىزىم» دىگەن سۆز ئېنگلىزچە، رۇسچە دىگەندەك ياۋرۇپا ئەللىرىدە قوللۇنىلغان. تۈركى تىللىق مىللەتلەرمۇ مۇشۇ سۆزنى قوللۇنۇپ كەلدۇق. ئەلۋەتتە «ئورگانىزىم» دەپ قوللانساقمۇ خاتا ئەمەس. ئەندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئەسەرلەردە، «جان» دىگەن سۆزنى، «ھاياتلىق، ھاياتلىقلار»، «جانلىق، جانلىقلار» دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ كىلىۋاتىمىز. «ھايات» دىگەن سۆزنى مەن ئىسىم سۆز ئەمەس، ھالەت سۆز، شۇڭا، «جان» دىگەن ئىسىم سۆزنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. مىنىڭچە، ئاقسىلنىڭ ھەرىكەتى «جان» بولۇدۇ. جاننىڭ ھەرىكەتى «ھايات ياكى تىرىك» بولۇدۇ. «ئۇ، ھايات» دىگەن سۆزىمىز، مەلۇم جاننىڭ ھەرىكەتتە ياكى ھايات جەريانىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. «ئۇ. ئۆلدى» دىگەن سۆزدىن، مەلۇم جاننىڭ ھەرىكەتتىن توختىغانلىقىنى ياكى ھايات جەريانى تۈگىگەنلىكىنى بىلىمىز. ئەندى، «جانلىق، جانلىقلار» دىگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ ئىسىم سۆز ئەمەس بەلكى بىر سۈپەت سۆز ياكى ھالەت سۆز بولۇدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئالدى-كەينىدە بىر ئىسىم سۆز كەلمەسە، ئېنىق مەنا بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلىمىزدا جان دىگەن بىر ئىسىم سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنە ئارتۇقچە سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق كۆرمەدىم. 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، تىلىمىزدىكى «جان» دىگەن سۆزنىڭ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دىكى ئىزاھاتى كۆرسەتىلدى ھەمدە ئۆزەمنىڭ چۈشەنچەسى بۇيىچە، «جان» دىگەن سۆزگە بەرگەن تەبىرىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇرادەرلەرگە نىسبەتەن «جان» غا بەرگەن تەبىرىمنىڭ چۈشەنچەسىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭغا بىر ئىزاھات بېرىش تولىمۇ زۆرۆر ئىدى. ئەمما، مەزگۇر ئەسەرنىڭ تىماسىدىن چەتنىمەي ئىخچام ئىپادىلەشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسەردە، تەبىرنىڭ ئىزاھاتىنى قىسقارتتىم. شۇڭا، «جان» تەبىرىنىڭ ئىزاھاتى ئايرىم بىر ئەسەر شەكلىدە يازىلماقچى، ۋاقىپ بولغايسىزلەر.

يازما ئاپتورى: جىمسارى
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 03-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 24 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5786
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز