باش بەت > تىل ۋە يېزىق > «ماكان» دىگەن سۆزگە شەرھى
1نويابىر

«ماكان» دىگەن سۆزگە شەرھى

«ماكان» دىگەن سۆزگە شەرھى

 维吾尔语 «ماكان吗坎 »的注释

ئاپتورى: ئا.ر. بوستاني

بايان ئاۋۋال

ئۇيغۇر تىلىدا، «ماكان» دىگەن سۆزىمىز بار. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە (تۆۋەندە ئىزاھلىق لۇغەت دەپ ئاتالدى)، «ماكان (ماكانى)، ئىسىم، ئەرەپچە سۆز» دىيىلگەن. ھەمدە، ئۇنىڭغا، تۆۋەندىكىدەك 4 مەنادا ئىزاھ بەرگەن.

 ① تۇرار جاي، ئورۇنلاشقان يەر، يۇرت، ۋەتەن.② ئۆي، ئۇۋا. ③پەلسەپەدىكى ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بىر خىل ئوبىيكتىپ شەكلى. كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئىگىزلىك ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. «بوشلۇق» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ④ بىرەر نەرسە توپلانغان ياكى كۆپ جاي.

ئىزاھلىق لۇغەتتىكى «ماكان» سۆزىگە بېرىلگەن بۇ ئىزاھاتلار، مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، ئىزاھلاپ چۈشەندۈرگەن « تۇرار جاي، ئورۇنلاشقان يەر، يۇرت، ۋەتەن. ئۆي، ئۇۋا، بوشلۇق، بىرەر نەرسە توپلانغان ياكى كۆپ جاي» دىگەن سۆزلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئېنىق ئۇقۇمى بار. بۇ ئىزاھاتتىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ماكان چۈشەنچىسى بىلەن تەڭ قاتاردا كەلمەيدۇ ياكى ماكان سۆزى، ئىزاھتىكى سۆزلەرگە تەڭ ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ سۆزنى، توغرا، جايىدا قوللۇنۇش ئۈچۈن، «ماكان» دىگەن سۆزگە ئۆز چۈشەنچەم بويىچە شەرھى يېزىش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلدى. مەن تىلشۇناسلىق بىلەن شوغۇللانمىغان بولساممۇ، مەزگۇر ئەسەردە، «ماكان» سۆزىنىڭ، ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىنى شەرھىلىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

1. «ماكان» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز

«ماكان»دىگەن سۆز، مەيلى قانداق مەنبەدىن كىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىۋىدىن ئورۇن ئالغان، ئۇيغۇرچە ئېنىق ئۇقۇمغا ئىگە بولغان، ئىسىم سۆز ھەم تۈپ سۆز دەپ قارايمەن. ئىزاھلىق لۇغەتتە،«ماكان» دىگەن سۆز، گەرچە ئەرەپچە سۆز دەپ ئىزاھلانغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچىدىكى ئۇقۇمى بىلەن، ئەرەپچىدىكى ئۇقۇمى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن: «تۇرار جاي»، «ئورۇنلاشقان يەر»، «يۇرت»، «ۋەتەن»،« ئۆي»، «ئۇۋا»، «بوشلۇق» دىگەندەك ئىزاھاتتىكى سۆزلەرنىڭ بىرەرسىمۇ، ئەرەپچىدە «ماكان» دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەنمەيدىكەن. شۇنىڭغا قاراپ، «ماكان» دىگەن سۆز، ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئىكەن دەپ جەزىملەشتۈردۈم.

2. «ماكان» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ۋە تەبىرى نىمە؟

«ماكان» دىگەن سۆز، گەرچە ئۇيغۇرچە سۆز بولسىمۇ، لۇغەتتە دىيىلگەن، «تۇرار جاي»، «ئورۇنلاشقان يەر»، «يۇرت»، «ۋەتەن»،« ئۆي»، «ئۇۋا»، «بوشلۇق» دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە ئەمەس. مەسىلەن: «تۇرار جاي»، «ئورۇنلاشقان يەر»، بۇ ئىككى سۆز «جۇغراپىيەلىك ئورۇن» دىگەن بىرلا مەنە بېرىدۇ. «ئورۇن»، فىزىكىلىق، خېمىيەلىك، جۇغراپىيەلىك ۋە ئىجتىمائى ئورۇن دەپ ئايرىلىشى مۇمكىن. «يۇرت»، «ۋەتەن»، بۇ ئىككى سۆز، ئوخشاشلا ئادەم تۇغۇلغان، ياشىغان، دەرىجىسى ئوخشىمايدىغان جۇغراپىيەلىك ھەم ئىجتىمائى ئورۇن دىگەن بىرلا مەنىنى بېرىدۇ. « ئۆي»، «ئۇۋا»، بۇ ئىككى سۆز، پەقەت ئادەم ۋە قۇشلار تۇرىدىغان ياكى يېتىپ قوپىدىغان، ئەۋلاتلىق بولۇشتا پايدىلىنىدىغان فىزىكلىق ئورۇن بولىدۇ. «بىرەر نەرسە توپلانغان ياكى كۆپ جاي» دىگەن مەنىنى ئىپادىلەشتە، ئۇيغۇرچىدا «كانى» دىيىلىدۇ. دىمەك، ئىزاھلىق لۇغەتتە ئىزاھلانغان بۇ سۆزلەر، پەقەتلا، ئوخشۇتۇلغان، سۈپەتلەنگەن كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەر بولۇپ، «ماكان» سۆزىنىڭ تۈپ مەنىسىنى بىلدۈرەلمەيدۇ دەپ قارايمەن. ئۇنداق بولسا، «ماكان» دىگەن سۆزنىڭ تۈپ مەنىسى ۋە تەبىرى نىمە؟

ماكان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغان تورلاشقان، خاسلاشقان ھەم مۇستەقىللاشقان چامان دىگەننى بىلدۈرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتساق، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ھەم باشقىلارغا كېرەك بولىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى، قۇۋۋەتنى پەيدا قىلىشتا تايىنىدىغان خاس ھەم مۇستەقىل چامان (دائىرە، بوشلۇق) دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە، جەزىرە، باياۋان، ئورمان، دېڭىز، دەريا، كۆل، بوستان، شەھەر، بۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ماكان بولىدۇ. بىر ئائىلە، بىر ئېتىز، بىر باغ، بىر تۈپ گىياھ، بىر ئادەم، بىر تامچە سۇ، بۇلارمۇ ئۆز ئالدىغا بىر ماكان بولىدۇ. بۇلارنىڭ مەيلى قۇرۇلمىسى، تەركىۋى، مەنزىرسى، رولى، ئەھمىيىتى قاتارلىقلاردا زور پەرقلەر بولسىمۇ، لېكىن بىرلا تۈپ ماھىيەتلىك تەرىپى ئوخشاش. ئۇ بولسىمۇ، بۇ يەردە ھايات كەچۈرىۋاتقان بارلىق جانىۋارلارنىڭ ماددا ھەم قۇۋۋەتكە ئېرىشىدىغان ھەم ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خاس ھەم مۇستەقىل چامانى بولىدۇ.

ماكان دىگەن سۆزنىڭ ئىلمىي تەبىرى نىمە؟ بۇنىڭغا مەن مۇنداق تەبىر بەردىم: مۇئەييەن چاماندىكى جانىۋارلار بىلەن مۇھىتتىن شەكىللەنگەن زىددىيەتلىك بىرلىككە كەلگەن گەۋدە، «ماكان» دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ تەبىرنىڭ ئاددى شەرھىسى شۇكى، ماكاندىكى بارلىق شەيئىلەر ئارا، ماددا، قۇۋۋەت (ئېنىرگىيە)، ئۇچۇر ئالمىشىش بولىدۇ. يەنى، جانىۋارلار بىلەن مۇھىت ئارا، جانىۋارلار ئارا ماددا ھەم قۇۋۋەت (ئېنىرگىيە)، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش جەريانى بولىدۇ. بۇ جەرياندا، جانىۋارلار ئارا ھەم مۇھىت ئوتتۇرسىدا ئېلىش-بېرىش، ھادىسەسى بولىدۇ، بۇ ھادىسە مەلۇم پرىنسىپ-قانۇنىيەت ئاساسىدا بولىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ جەريان زىددىيەتلىك بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق زىددىيەتلىك جەرياندىن شەكىللەنگەن گەۋدە «ماكان» دەپ ئاتىلىدۇ.

3. ماكاننىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى نىمە؟

3.1. «ماكان» زىددىيەتلىك بىرىككەن گەۋدە

يوقۇرىدا بېرىلگەن ماكاننىڭ تەبىرىدە، «…….بىرلىك گەۋدە….ماكان دەپ ئاتىلىدۇ» دىدۇق. ئۇنداقتا، «گەۋدە» ياكى «بىرلىك گەۋدە» دىگەن نىمە؟

نۇرغۇن تەركىپلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ھالدا بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن ئوبىكتىپ مەۋجۇتنى ئىخچاملاپ، ئۇيغۇرچە « گەۋدە » دەپ ئاتىدىم. بىر تۈپ گىياھ، بىر ئادەم، بىر كالا، بىر قۇرۇت، بىر ماشىنا قاتارلىقلار بىر گەۋدە بولىدۇ. بىر زاۋۇد، بىر ئېتىز، بىر ئورمان، بىر جەزىرە، بىر كۆل، بىر باياۋان، دىگەنلەر نۇرغۇنلىغان تەركىپلەردىن تۈزۈلگەن بىر گەۋدە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىر ئۆي، ئۇۋا، مەھەللە، كەنىت، يېزا، ناھىيە، شەھەر، بىر مەكتەپ قاتارلىقلارمۇ بىر گەۋدە بولىدۇ. دىمەك، بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى، مۇنداق 3 شەرت ھازىرلىنىشى زۆرۆر. بۇنىڭ بىرى، بۇ گەۋدە، كۆپ خىل ماسلىشىدىغان تەركىپلەردىن تۈزۈلگەن بولۇشى، ئىككىنچىسى، بۇ گەۋدىدىكى تەركىپلەر ئارا بىرى-بىرىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك (بىرى-بىرىنى شەرت قىلغان) بولۇشى، ئۈچىنچىسى، گەۋدە، ئۆزىگە خاس ھەم مۇستەقىل بولغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى زۆرۆر. گەۋدىدىكى تەركىپلەر، قارىماققا ئۆزئالدىغا مۇستەقىل ئىشلىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە گەۋدە ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. تەركىپلەر، قارىماققا مۇستەقىل ئىشرولغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە باشقا تەركىپلەردىن ئايرىلسا، ئۇنىڭ ئىشرولى يۇقايدۇ. تەركىپلەر، قارىماققا تېنىچ بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۆز-ئارا ئازدۇر-كۆپتۇر زىدىيىتى بولىدۇ. لېكىن، ھەممىسى گەۋدە ئىچىدە ھەل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر، بىرەر تەركىپنىڭ زىدىيىتى ھەل بولماي يامانلاشسا، گەۋدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، گەۋدە كىسەل بولىدۇ، گەۋدىنىڭ ئىشرولى ئاجىزلايدۇ، تەركىپلەر زىدىيىتى كىڭىيىپ كۈچۈيۈپ كەتسە، گەۋدىنىڭ (ماكاننىڭ) مەۋجۇتلىقى بوھرانغا ئۇچرايدۇ، گەۋدە (ماكان) يۇقۇلىدۇ، ئۆلىدۇ. شۇڭا، ماكان، قانۇنىيەتلىك بىرىككەن تەركىپلەرنىڭ زىددىيەتلىك بىرلىشىشىدىن تۈزۈلگەن گەۋدە دەپ قارايمەن.

3.2. «ماكان» نىڭ چامانى ۋە زامانى بولىدۇ

مەلۇم بىر ماكاندىكى جانىۋارلارنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستەلىق مۇناسىۋەتىدىكى تورلاشقان دائىرە، مىنىڭچە «چامان» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، ماكاننىڭ ئىگىزلىكى، ئۇزۇنلىقى  ۋە كەڭلىك دائىرەسى، ئومۇم نامدا « چامان» دەپ ئاتىلىدۇ. ماكاننىڭ قۇرۇلغان ۋە يۇقالغان بىلەن بولغان ئارىلىقى مىنىڭچە «زامان» دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى، مەلۇم خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماكاننىڭ مەۋجۇد ۋاقتى، ئومۇم نامدا، « زامان» دەپ ئاتىلىدۇ.

بىر ئائىلىدىكى، بىر ئېتىزدىكى، بىر ئورماندىكى، بىر كۆلدىكى، بىر جەزىرەدىكى، بىر شەھەردىكى، بىر بوستاندىكى ئادەم ۋە جانىۋارلارنىڭ ياشاش جەريانىدا مۇناسىۋەت تورى شەكىللەنگەن. مانا مۇشۇ مۇناسىۋەت تورىنىڭ ئۇزۇنلىقى، كەڭلىكى، ئىگىزلىكى بولىدۇ. بۇلار، ئومۇملاشتۇرۇپ «ماكان چامانى» دىيىلىدۇ. «چامان» چوڭ ياكى كىچىك بولىدۇ. پاشىنىڭ قۇرسىقىدىكى ئۈچەيلىرى، مۇشۇ ئۈچەيلەردە ياشايدىغان مىكروپلۇق ماكاننىڭ «چامانى» بولىدۇ. بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى، ئۆي، قورو، ئېغىل قوتان، ئېتىز-باغ، مەھەللىسى، كەنتى، يېزىسى، ناھىيەسى قاتارلىقلار، مۇشۇ ئائىلە ماكاننىڭ چامانى بولىدۇ. بىر باياۋاندىكى بارلىق جانىۋارلارنىڭ پائالىيەت دائىرەسى، مۇشۇ باياۋان ماكاننىڭ چامانى بولىدۇ. شۇڭا، بەزى ماكانلار چوڭ، بەزى ماكانلار كىچىك بولىدۇ. بىر تېمىم سۇ، بىر چىمدىم تۇپا، بىر تال تېرىق، بىر تۈپ قىياق، بىر تال پاششا دىگەنلەر ئەڭ كىچىك ماكانلار دائىرەسىگە كىرىدۇ. زىمىندىكى تەبىئى ياكى سۈنئى ئورمانلار، جەزىرەلەر، باياۋانلار، بوستانلار، شەھەرلەر، دېڭىز-ئوكىئانلار چوڭ ماكانلار جۈملەسىگە كىرىدۇ، زىمىننىڭ ئۆزى، ھازىرغىچە ئىنسانلار پاني ئالەمدە بايقىغان ئەڭ چوڭ ماكان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ھەر بىر ماكاننىڭ قۇرۇلغان ياكى شەكىللەنگەن زامانى (ۋاقتى) ۋە بۇزۇلغان، يوقالغان زامانى (ۋاقتى) بولىدۇ، شۇڭا، ھەر قانداق ماكاننىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرى بولىدۇ. شۇڭا، ماكاننىڭ مەۋجۇت زامانى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولىدۇ. تەبىئى ماكانلارنىڭ زامانى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، سۈنئى ماكانلارنىڭ زامانى قىسقاراق بولىدۇ.

 ھەر قانداق ماكاننىڭ چامانى ۋە زامانى تەدرىجى بولىدۇ، نىسبى تۇرغۇن، مۇتلەق ھەرىكەتتە بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ماكان، مەلۇم بىر خۇسۇسىيەتتە پەيدا بولىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ، ئاخىرى مەلۇم بىر خۇسىيەتكە ئۆزگىرەيدۇ. مەلۇم ئامىللار تەسىرىدىن، ئورمانلار باياۋانغا، باياۋان، جەزىرەگە، جەزىرە بوستانغا، شەھەرگە ئۆزگىرەيدۇ. بەزى كۆللەر ساسلىققا، چىملىققا ياكى ئورمانغا ئۆزگىرەيدۇ. بوستان ياكى شەھەرلەر باياۋان ياكى جەزىرىگە ئايلىنىدۇ. بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئەمەت ئائىلىسى سەمەت ئائىلىسىگە ئۆزگىرەيدۇ. دىمەك، ماكان، زامان ۋە چاماندا نىسبى تۇرغۇن بولىدۇ، مۇتلەق ھەرىكەتتە بولىدۇ.

3.3. «ماكان» تەبىئى ۋە سۈنئى بولىدۇ.

مىنىڭچە، ماكان ھەم تەبىئى ھەم سۈنئى شارائىتتا شەكىللىنىدۇ. تەبىئى شەكىللەنگەن ماكان، «تەبىئى ماكان» دىيىلىدۇ. سۈنئى شەكىللەنگەن ماكان، «سۈنئى ماكان» دىيىلىدۇ. تەبىئى شەكىللەنگەن جەزىرە، باياۋان، ئورمان، كۆل، دېڭىز قاتارلىقلار، تەبىئى ماكانغا كىرىدۇ. بوستان، شەھەر، باغ، ئېتىز، ئائىلە، كان-زاۋۇد قاتارلىقلار سۈنئى ماكانغا كىرىدۇ.

تەبىئى ماكان، تەبىئەت ئامىللىرىنىڭ كۈچى بىلەن ھاسىل بولىدۇ، ئاڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ ياكى چىكىنىدۇ، يوقۇلىدۇ. ئاڭ (ئىجتىمائى كۈچ) بۇنىڭغا مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ ئەمما تەبىئى ماكاننىڭ بار ياكى يوق بولۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ بولالمايدۇ.

سۈنئى ماكان، تەبىئى ئامىللارغا ماسلاشقان ئىجتىمائى ئامىللارنىڭ كۈچى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئاڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا مەۋجۇت بولىدۇ. سۈنئى ماكاننىڭ بار ياكى يوق بولۇشىدا، ئاڭ (ئىجتىمائى ئامىل) ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەمنىڭ ئاڭ سەۋىيىسى، بىلىمى، ئەخلاقى، ئېقتىسادى، جەمىيەت تۈزۈمى قاتارلىق ئامىللار سۈنئى ماكاننىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەيدۇ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا مەن، «ماكان»دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، مۇئەييەن چاماندا ياشاۋاتقان بارلىق جانىۋارلار بىلەن مۇھىت ئوتتۇرسىدىكى ماددا ۋە قۇۋۋەت ئالمىشىش جەرياندىن شەكىللەنگەن زىددىيەتلىك بىرلىك گەۋدە، ئۇيغۇرچە «ماكان» دەپ ئاتىلىدۇ. دەپ قارىدىم. مۇشۇنداق چۈشەنچىدە بولغاندا، مەلۇم ماكاننى قۇرۇش، مەلۇم ماكاننى ئاسراش ياكى قوغداش، مەلۇم ماكاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەلۇم ماكان تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، مەلۇم ماكان قۇرۇلمىسى، ماكان تەركىۋى، ماكان رولى، ماكان چامانى، ماكان زامانى دىگەندەك سۆزلىرىمىزدىن ئېنىق ئۇقۇمغا ئىگە بولۇمىز. باياۋان ماكان، جەزىرە ماكان، بوستان ماكان، ئورمان ماكان، شەھەر ماكان، دىگەن سۆزلىرىمىزدىن بىز ئېنىق ئۇقۇمغا ئىگە بولۇمىز. ماكان دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ نامىنى ئاتاشتا، بىز ئېنگلىزچە «ئېكولوگىيەلىك سىستېما» دىگەن سۆزنى قۇبۇل قىلغان. بۇ ئىسىم سۆز، بىزنىڭ ماكان دىگەن سۆزىمىزنى ياخشى تەھلىل قىلماي ياكى مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرمايلا بىزدە بۇنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان لايىق سۆز يوق دەپلا قۇبۇل قىلىنغاندەك قىلىدۇ. بۇ، تىل بايلىقىمىزنى قېزىشتا ئىجتىھاتنىڭ كەملىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇ مىنىڭ، ماكان سۆزى توغرىسدىكى تۈنجى ئىزدىنىشىمنىڭ بىر مەھسۇلى. يوقۇرىدا دىگەنلىرىم توغرىمۇ-خاتامۇ، بۇنى بۇرادەرلەر مۇھاكىمە قىلىپ باققان بولسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 01-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 644 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2237
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز