«بوستان» دىگەن نىمە؟
«بوستان» دىگەن نىمە؟
什么是“绿洲”?
ئاپتورى: ئا.رەھمەتۇللا بوستاني
(جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، ئۈرۈمچى،830011)
قىسقىچە مەزمۇنى: بوستان توغرىسىدا، نۇرغۇن ئەسەرلەر ئېلان قىلىندى. 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، بوستانغا ئائىت مەزمۇندىكى كىتاپتىن 30 پارچىسى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان. 2000-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، خەنزۇچە پەننى ئىلىم ژورناللىرىدا، بوستانغا ئائىت تەتقىق قىلىنغان ماقالە ئەسەرلەر يىلىغا 200 پارچە ئەتراپىدا نەشىر قىلىنغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بوستان دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا ئېنىق جاۋاپ بېرىلمىگەن. ئاپتور، «ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان سۇنئى جانىۋارتوپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. بوستان، پەقەتلا چۆل كلىمات كونتروللىقىدىكى رايونلاردا، ئىنسانلار بەرپا قىلغان سۈنئى جانىۋارتوپقال. بوستان، سۈنئى يارىتىلغان يەربۆك ياكى مەنزىرە (لەندىسكەپ، لاندىشافىت). بوستان، جانىۋارتوپقال مەنزىرسى بىلەن مەدەنىيەت مەنزىرسى گىرەلەشكەن ماكان (ئېكولوگىيەلىك سېستىما). بوستان، زىمىندىكى جانىۋارتوپقاللارنىڭ ياكى ماكاننىڭ (ئېكولوگىيەلىك سېستىما) ئالاھىدە خاسىيەتكە ئىگە بولغان بىر تەركىۋى قىسمى. بوستان، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىغا، ئېقتىسادىغا ۋە پەننى ئىلىم بىلىملىرىگە تايىنىپ، مەۋجۇت بولىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ، ئىنسان جەمىيىتىنىڭ ئېھتىياجى بولماي، ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلسا زىمىندىن يوقۇلىدۇ، تەدرىجى ھالدا، يەرلىك تەبىئى جانىۋارتوپقاللارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ» دەپ قارايدۇ.
ئاچقۇچ سۆزلەر: بوستان، جۇغراپىيە، چۇشەنچە، تەبىرى
بايان ئاۋۋال
مەنبەلەرگە قارىغاندا، «بوستان» دىگەن ئاتالغۇ، فارىس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشكەن ئىكەن. «بوستان» ئاتالغۇسىنىڭ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىمىزدىكى كۆچمە مەنىسى، «بۈك باراخسانلىق، باغ-ئورمانلىق، گۈل-چىچەكلىك» دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە ئىكەن. بوستان، دەپ ئاتالغان بۇ شەيئى، زىمىندا مەۋجۇت. لېكىن، بۇ شەيئى توغرىسىدا، پەننى ئىلىم نوقتىسىدىن ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلمىغان ئىدى. دۆلىتىمىزدىكى جۇغراپىيە، ئېكولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغۇچى ئالىملار، 20-ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە « بوستان» غا ئائىت مەزمۇنلار ئۈستىدە ئىزدىنىشلەرنى كەڭ قانات يايدۇردى. بوستان توغرىسىدا، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. يېقىندا مەن كۆرگەن بىر مەنبەدە دىيىلىشىچە، 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، بوستانغا ئائىت مەزمۇندىكى كىتاپتىن 30 پارچىسى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان. 2000-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، خەنزۇچە پەننى ئىلىم ژورناللىرىدا، بوستانغا ئائىت تەتقىق قىلىنغان ماقالە ئەسەرلەر يىلىغا 200 پارچە ئەتراپىدا نەشىر قىلىنغان[1]. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مەن كۆرگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، بوستانغا بولغان چۈشەنچىلەر، مىنىڭچە، ماھىيەت جەھەتتىن ياكى پەلسەپە نوقتىسىدىن مۇجىمەل بولۇپ، بوستان دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپ ئېنىق ئەمەس. ئۇيغۇرچە يېزىلغان مەنبەلەردە، بوستان توغرىسىدىكى تەتقىقات ماقالىلار يوق دىيەرلىك. بوستان دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپ ياكى تەبىردە، مىنىڭچە، بوستان دىگەن قانداق شەيئى؟، بوستان قەيەردە، قانداق پەيدا بولغان؟، بوستان نىمىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە تەرەققى قىلىدۇ؟ دىگەن مەسىلىلەرگە توغرا ھەم ئىنىق بولغان جاۋاپ بېرىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمىسا، بوستانغا بولغان چۈشەنچە مۇجىمەل بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ماقالەدە، ئەنە شۇ مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
1. مەنبەلەردە دىيىلگەن بوستانغا بولغان چۈشەنچىلەر ياكى بېرىلگەن تەبىرلەر
1.1. لۇغەتلەردە يېزىلغان بوستان ئۇقۇمى ۋە تەبىرى
لۇغەتلەردە يېزىلغان بوستانغا ئائىت ئۇقۇم-چۈشەنچىلەر ئاز ئەمەس. تۈۋەندە، خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان لۇغەتلەردە دىيىلگەن «بوستاننىڭ تەبىرى ۋە چۈشەنچىسى» خەنزۇچە ئەينەن كۆرسىتىلدى:
1.1.1.“绿洲是灌溉地区中水源丰富,土壤肥沃,草木繁盛的地方”【2】;
1.1.2.“(1)水中草木繁茂的陆地;(2)沙漠中有水草的地方”【3】;
1.1.3.“绿洲也叫沃洲,荒漠中水草丰美,树木玆生,宜于人居住的地方”【4】;
1.1.4.“绿洲,oasis,沙漠中的沃土。终生水源不断….有天然水或灌溉的土地【5】;
1.1.5.“bostan:菜园,果园;vaha:(沙漠)绿洲”【6】;
1.1.6.“bostan:花园、菜园、果木园”【7】;
1.1.7.“(1)荒漠和半荒漠地区由于靠近河流或潜水而使天然灌水或人工灌水充盈,植被繁茂、人烟稠密的地段;(2)南极大陆上没有冰雪覆盖的地方”【8】;
1.1.8.uygur tilining izahlik lugiti de mundak diyilgen: “bostan: isim[p], del-dereh we yexillikka tolgan jay, bag ”.【9】;
1.1.9.“oasis: 绿洲是荒漠中泉水常流、土壤肥沃的地方”【10】;
1.2. بىر قىسىم ئالىملارنىڭ بوستانغا بولغان قاراشلىرى
جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئالىملار بوستان توغرىسىدا كەڭ كۈلەمدە تەتقىقات ئېلىپ باردى ھەم ماقالە يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ بوستانغا بولغان چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈۋەندە، بىر قىسىم ئالىملارنىڭ ماقالىسىدىكى نەقىللەر ئەينەن كۆرسىتىلدى:
1.2.1.陈正祥等:“沃野为沙漠中之可耕地”【11】;
1.2.2.黄盛璋等:“绿洲应该是荒漠地带的一种独特的地理景观,它应该涵盖以下的内容:(1)绿洲只存在于荒漠之中或被荒漠所包围;(2)有稳定的水源,水源若为天然状况下所形成(地表水、地下水),则形成天然绿洲;(3)一般具有除水资源外其他资源适应的组合。如土地,能满足草木或作物的良好生长,气候也比较适宜;(4)绿洲都构造成独特的生态系统。天然绿洲是自然生态系统,其特点是林草较繁茂的生长。而人工开发的绿洲则是生态—经济系统,是在一定的自然因素和人类社会、经济活动影响下的产物”【12】。
1.2.3.申元村等:“绿洲是干旱地区具有稳定水源对土地的滋润或灌溉,适于植物(或作物)良好生长,单位面积生物产量高,土土壤肥力具有增强的趋势,是以人类从事各种生产及社会活动的明显区别于周围荒漠环境的独特的地域”【13】。
1.2.4.高华君等:“荒漠中有水源。适与植物生长和人类居住或暂住,可供人类进行农牧业和工业生产等社会活动的地区”【14】;
1.2.5.刘秀娟等:“绿洲是干旱环境下一定时段内,绿洲是干旱环境下一定时段内,生物过称频繁,生产量高于周围环境的镶嵌系统”【15】。
1.2.6.韩德麟等:“荒漠中有可靠外来水源供给(非天然降水)、草木繁盛或生产发达、人口聚集繁育的生态地理景观”【16】。
1.2.7.黄文芳等:“存在于干旱荒漠区域之中,孤立散开,不受当地降水制约,经常有水草,以引水和人工灌溉为依托,可供植物良好生长,人与生物相对集聚,并具有较高产出量的镶嵌系统”【17】。
1.2.8.钱云等:“天然绿洲是在干旱气候下、荒漠景观中,有稳定水源(地表、地下)供给,有土壤存在,在特定时段内生物活动频繁(并能集聚、繁育),基本上没有人类活动介入。人工绿洲是指人类对天然绿洲或戈壁沙漠、沼泽、荒滩等土地投入活劳动和物化劳动进行开发、整治,并能产出可供在生产和扩大再生产的工农业产品的地方。现代人工绿洲,更是一个具有高投入量和高输入量,并有高产出量功能,同时具有高度物质文明和精神文明,经济活动有序,有稳定承载力,能持续发展,而且具有清晰边界的镶嵌系统”【18】。
1.2.9. 贾宝全等:“绿洲是在干旱气候条件下形成的,在荒漠背景基质上以天然径流为依托的,具有较高的第一性生产力的,以中生或旱中生植物为主体植被类型的中、小尺度非地带性景观”【21】。
يوقۇرىدا نەقىل كەلتۈرگەن مەزمۇنلارنى يىغىنچاقلىساق، بوستانغا بولغان چۈشەنچە ياكى تەبىرلەر مۇنداق بولىدۇ:
چۆللەردىكى ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر باراقسان ئۆسكەن يىشىل ئارال بوستان دىيىلىدۇ. بوستان، تەبىئى شارائىتتا ھەم سۇنئى شارائىتتا شەكىللىنىدۇ، شۇڭا، بوستان، تەبىئى بوستان ۋە سۇنئى بوستان دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. بوستان، ئىنسانلار پەيدا بولماستىلا مەۋجۇت ئىدى. بوستاننىڭ شەكىللىنىشىدە، سۇ بىرىنچى ئامىل.
ئەگەر بىز، بوستاننى مۇشۇ بويىچە چۈشەنسەك، بوستان دىگەن نىمە؟ توقايمۇ، جاڭگالمۇ، باياۋانمۇ؟ زادى قانداق شەيئى؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ چىقمايدۇ. بوستان زادى تەبىئى شەكىللەنگەنمۇ ياكى سۈنئى شەكىللەنگەنمۇ؟ دىگەن سۇئالغا ئېنىق جاۋاپ چىقمايدۇ. چۆل رايونلاردا يېشىللىق بىلەن قاپلانغان يەرلەر ئاز ئەمەس، يوقۇرىدىكى ئۇقۇم بويىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بوستان دەپ ئاتايمىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغاندا، چۆل رايۇنلاردا خاس بولۇدىغان يىشىللىق مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن گىيالىقلارغا قانداق تەبىر بېرىمىز؟ سۇيى مول جايلادا نىمە ئۈچۈن بوستان مەۋجۇت ئەمەس؟ دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە، مانا بۇ چۈشەنچىلەر بىلەن كىشىنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ. دىمەك، بوستاننى بۇنداق چۈشەنسەك، مىنىڭچە ناتوغرى بولىدۇ. بوستاننىڭ ماھىيىتى ئىنىق بولمايدۇ. ئۇنداقتا بوستان دىگەن نىمە؟
2. بوستاننىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەبىرى
بوستان دىگەن نىمە؟ بۇ سۇئالغا، مىنىڭچە ئۈچ جەھەتتىن جاۋاپ ئىزدىسەك ئېنىق بولىدۇ.
2.1. بوستان دىگەن نىمە؟ ياكى قانداق شەيئى؟
مىنىڭچە، بوستان دىگىنىمىز، سۈنئى توپقال ياكى سۈنئى ماكان. ئىنسانلار، چۆل رايونلاردىكى يەرلىك تەبىئەتنىڭ مەۋجۇت شارائىتىغا ئاساسەن، ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە قۇرۇپ بەرپا قىلغان سۇنئى تۇپقال (人工生物群落) بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە، بوستان، فارىسچە سۆزدىن قۇبۇل قىلىنغانلىقى كۆرسۈتۈلگەن. ئەمما، فارىسچىدىكى بوستان سۆزى، ئۇيغۇرچە باغ دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچە بوستان سۆزىنى، ئەرەبلەر، فارىسلار، مىسىرلىقلار، ئەزەربەيجانلار، ئۆزبەكلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ۋاھە vaha دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە، 绿洲 دەپ ئاتايدۇ. ئېنگىلىش ۋە ياۋروپا تىللىرىدا،oasis دەپ ئاتايدۇ. دىمەك، ئۇيغۇرچە بوستان دىگىنىمىز، ئادەملەر چۆللەردىكى گىيالىقلار ئاراسىدا بەرپا قىلغان، يېزا-مەھەللىلەرنى، بازار-شەھەرلەرنى، ئېتىز-باغلارنى، ئىھاتە ئورمانلارنى، ھەم ئادەملەر، ھەر خىل چارۋىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈنئى توپقالنى ياكى سۈنئى ماكاننى (سۈنئى ئېكولوگىيەلىك سىستېمانى) كۆرسۈتىدۇ.
2.2. بوستان قەيەردە، قانداق پەيدا بولغان؟
مىنىڭچە، بوستان، كلىمات نوقتىسىدىن ئالغاندا، ئىسسىق بەلۋاقدىن تارتىپ، سالقىن مۆتىدىل بەلۋاققىچە بولغان چاڭچۆل، چۆل، نەمچۆل رايونلاردا؛ گىياھلىق نوقتىسىدىن ئالغاندا، جەزىرە، باياۋان، قاراچىمتان، شورچىمتان، جاڭگال، توقاي قاتارلىق گىيالىقلاردا سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلىنغان.
2.3. بوستان، نىمىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ؟
مىنىڭچە، بوستان، ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا، پەننى ئىلىم ۋە ئېقتىساتقا، ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىغا تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.
2.4. «بوستان» دىگەن ئاتالغۇنىڭ تەبىرى نىمە؟
يۇقۇرىدىكى ئۈچ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلارغا ئاساسەن، بوستانغا تۈۋەندىكىدەك تەبىر بەردىم:
ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، بەرپا قىلغان سۇنئى توپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ[11].
دىمەك، بوستان، ھەرگىزمۇ تەبىئى ھالدا پەيدا بولمىغان، پەقەتلا ئىنسانلار بەرپا قىلغان سۇنئى توپقال. شۇڭا، بوستانلارنىڭ ھەممىسى سۈنئى شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرگىزمۇ تەبىئى بوستان، سۈنئى بوستان دەپ ئايرىلمايدۇ. «تەبىئى بوستان» دىگەن ئاتالغۇ ياكى ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس.
3. «بوستان» نىڭ پەننى ئىلىم تەۋەلىكى
بوستان، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چېتىشلىق دائىرەسىمۇ ناھايىتى كەڭ. بوستان، ئەمىلى پەنلەر نوقىسىدىن، دىخانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى دىگەندەك كۆپخىل ئەمەلىيەت پەنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نەزەرىيە پەنلىرى نوقتىسىدىن، جۇغراپىيە، ئېكولوگىيە، بىئولوگىيە، ئېقتىسات، تارىخ، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپخىل پەننى ئىلىملەر بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، بۇ پەننى ئىلىملەرمۇ، ئۆز نوقتىسىدىن بوستان توغرىسىدا كۆپلىگەن مەزمۇنلاردا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. مىنىڭ بۇ مەزگۇر ئەسىرىم، بوستاننىڭ جۇغراپىيە نوقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان. شۇڭا، بوستاننىڭ مەزگۇر ئەسەردىكى تەۋەلىكى جۇغراپىيە.
ئۇنداقتا، بوستاننىڭ جۇغراپىيە ئۇقۇمى قانداق بولىدۇ؟
بوستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئۇقۇمى،تەبىرى مىنىڭچە مۇنداق بولىدۇ:
ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان سۇنئى توپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. بوستان، پەقەتلا چۆل كلىمات كونتروللىقىدىكى رايونلاردا، ئىنسانلار بەرپا قىلغان سۈنئى توپقال. بوستان، سۈنئى يارىتىلغان جۇغراپىيەلىك مەنزىرە (لەندىسكەپ، لاندىشافىت) بولۇپ، ئۇ، توپقال مەنزىرسى بىلەن مەدەنىيەت مەنزىرسى گىرەلەشكەن ماكان (ئېكولوگىيەلىك سېستىما). بوستان، زىمىندىكى توپقاللارنىڭ ياكى ماكاننىڭ (ئېكولوگىيەلىك سېستىما) ئالاھىدە خاسىيەتكە ئىگە بولغان بىر تەركىۋى قىسمى. بوستان، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىغا، ئېقتىسادىغا ۋە پەننى ئىلىم بىلىملىرىگە تايىنىپ، مەۋجۇت بولىدۇ، تەرەققى قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ، ئىنسان جەمىيىتىنىڭ ئېھتىياجى بولماي، ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلسا زىمىندىن يوقۇلىدۇ، تەدرىجى ھالدا، يەرلىك تەبىئى توپقاللارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، بوستان دىگەن نىمە؟ دىگەن سۇئالغا، جۇغراپىيە نوقتىسىدىن تەبىر بەردىم. بۇ پەقەتلا، بوستاننىڭ، جۇغراپىيەدىكى ئاددى ئەمما، ماھىيەتلىك تەبىرى ۋە چۈشەنچىدىن ئىبارەت. بوستاننىڭ، جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى، تىپلارغا بۆلىنىشى، ناملىرى، كلىمات ئالاھىدىلىكلىرى، تۇپرىقى، جانىۋارلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى دىگەندەك مەسىلىلەر، بوستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئىلىم مەسىلىلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا، بوستان جۇغراپىيەسىنى توغرا چۈشۈنىش ئۈچۈن، مانا مۇشۇ ساھەلەردە تەپسىلى ئىزدىنىشكە توغرى كېلىدۇ.
مەزگۇر ئەسەر، بوستان توغرىسىدا پەننى ئىلىم نوقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئاپتورنىڭ بوستانغا بولغان چۈشەنچىسى شەرھىلەنگەن تۇنجى ئەسىرى، 2000-يىلى، خەنزۇچە نەشىر قىلىنىدىغان، «چۆللەر جۇغراپىيەسى» ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ ئىككىنچى پارچە ئەسىرى، 2009-يىلى، خەنزۇچە نەشىر قىلىنىدىغان «چۆللەر تەتقىقاتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرلىرىدە، بوستان تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاشمايدىغان ئىجادى كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقتىن، كەسىپداشلار ئارىسىدا غۇلغۇلا بولغان. بىر قىسىم ئالىملار، ئاپتورنىڭ بۇ ئىجادى كۆز قارىشىغا ئېغىزدا ياكى كۆڭلىدە قارىشى تۇرغان، ئەمما تا ھازىرغىچە، بىرەر پارچە رەددىيە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلمىغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار، ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىغا قايىل بولۇپ، ئۇنى قوللىغان ھەم ئۆز ئەسەرلىرىدە قوللانغان. مەسىلەن: جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكى سۇنخوڭلىيې كىرىش سۆز يازغان، چىن شى پروففېسسور باش ئاپتورلىقىدا يېزىلىپ، جۇڭگو پەننى ئىلىم نەشىرىياتىدا 2010-يىلى خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان «中国干旱区自然地理» ناملىق، بىر مىليون بىر يۈزمىڭ خەتلىك چوڭ ھەجىملىك كىتاپنىڭ بوستان قىسمىغا، ئاپتورنىڭ كۆز قارىشى قۇبۇل قىلىنىپ كىرگۈزىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئەسەرلەردىمۇ تىلغا ئىلىنىپ قۇبۇل قىلىنغان. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلغان تۇنجى ئەسىرى، 2011-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىدىغان مەلۇم بىر ژورنالغا بېرىلگەندە، ئۇيغۇرنىڭ بىر ئالىمى ھېساپلانغان تەھرىرلىگۈچى تەرىپىدىن تومتاقلا، « ئېلىمىزنىڭ نوپوزلۇق ئالىملىرى، بوستانغا ئاللىقاچان ئېنىق تەبىر بېرىپ بولغان، بۇ ئەسەرنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ» دەپ ئەسەرنى پىچەتلىگەن. شۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ بىر قىسمى، بەكمۇ ئالدىراشلىقىدىن، ئەتراپلىق ماتىرىيال كۆرەلمەيدىغان ئوخشايدۇ، كۆرسىمۇ، كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ، نوپوز ئىگىسىگىلا چوقۇنىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ئاپتور بۇ ئەسىرىمدە، ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئۇنچىۋالا چوڭ بىر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدىم، پەقەتلا كۆپلىگەن ئالىملىرىمىزنىڭ بوستانغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئوخشىمايدىغان ئىجادى بىر چۈشەنچىنىلا ئوتتۇرىغا قويغان. ئەپسۇسكى، بۇ چۈشەنچە، ئۆز تىلىدا ۋۇجۇتقا چىقاي دىگەندە، ئۆز تىلىدا ئۇجۇقتۇرۇلدى. مەن، جۇڭگو تۇپرىقىدا، بوستان دىگەن ئۇقۇمنى، بوستان دىگەن ماكاننى، بوستان مەدەنىيەتى دىگەن مەدەنىيەتنى ئۇيغۇر ياراتقان، شۇڭا، بوستاننامە (بوستانشۇناسلىق) دىگەن پەننى ئىلىمنىمۇ ئۇيغۇر ئالدى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىرىشى كېرەك دەپ قارايمەن (دۆلىتىمىزدە، ھەتتا دۇنيا بويىچە، ھازىرغىچە بوستاننامە دىگەن پەننى ئىلىم ۋۇجۇتقا كەلمىدى). ئەگەر، ئۆز تىلىمىزدىكى بوستانغا ئائىت ئىزدىنىشلىرىمىز كۈچەيمىسە، ئۆز تىلىمىزدىكى ئالىملارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىسە، بىزدىكى بوستان توغرىسىدىكى مول بولغان پەننى ئىلىم، تارىخ، مەدەنىيەتىمىز قانداقمۇ جاھاندىكى ئىلغار مەدەنىيەتلەر مۆجىزىلىرىنىڭ ئىلىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالالىسۇن؟!.
参考文献:
【1】 王亚军、曾凡江.中国绿洲研究文献分析及研究进展【j】.干旱区研究,201027(4):501-506. [ 1 ] Wang Yajun, Ceng Fanjiang. China oasis research literature analysis and research progress [ J ]. Arid zone research, 201027 ( 4): 501-506.
【2】 环境科学大辞典[M],北京,中国环境科学出版社,1991. [ 2 ] Dictionary of Environmental Science [ M], Beijing, China Environmental Science Press, 1991
【3】 汉语大词典[M],上海,汉语大词典出版社,1992。[ 3 ] Chinese Dictionary [M ], Shanghai, publishing house of the Chinese dictionary, 1992.
【4】 辞海[M],上海,上海辞书出版社,1979. DICTIONARY [ 4 ] [M ], Shanghai, Shanghai dictionary press, 1979
【5】 简明不列顿百科全书[M],上海,中国百科全书出版社,1986。[ 5 ] concise not Luton encyclopedia [M], Shanghai, Encyclopedia of China Publishing House, 1986.
【6】 黄启辉编著[M],土汉词典,正中书局印行。6 ] Huang Qihui, [M], native Chinese dictionary, buddy list.
【7】 北京大学东方语言系阿拉伯语教研室编[M],阿拉伯汉语词典,北京,商务印书馆,1978. [ 7 ] Peking University Department of Oriental Languages Arabic staff room [M ], Arabia Chinese dictionary, commercial press, Beijing, 1978
【8】 苏联百科辞典[M],北京,中国大百科全书出版社,1986。[ 8 ] Soviet encyclopedia [M ], Beijing, Encyclopedia of China Publishing House, 1986.
【9】 阿不力孜.压库普编,维吾尔语详解词典[M],北京,民族出版社,1990. [ 9 ] a force on the pressure.“ Series, the Uygur Language Dictionary [M ], Beijing, national publishing house, 1990
【10】 W.G穆尔,地理学词典[M],刘抗等译,北京,商务印书馆,1980. [ 10 ] W.G Moore, dictionary of geography [ M], Liu Kang ed., Beijing, the Commercial Press, 1980
【11】 热合木都拉.阿迪拉.再论“绿洲”[J].干旱区研究,2009.26(4):468-470. [ 11 ] heat wood. Adila. On the “ oasis“ [ J]. Arid zone research, 2009.26 ( 4): 468-470.
【12】 黄盛璋.绿洲研究[M].北京:科学出版社,2003. [ 12 ] Huang Shengzhang. The oasis study [M]. Beijing: Science Press, 2003
【13】 申元村.拓展中国绿洲研究,促进干旱区域可持续发展[j].干旱区研究,2007年,24(4):415. [ 13 ] Shen Yuancun. Development of oasis research in China, promoting the sustainable development in arid area [J ]. Arid zone research, 2007, 24 ( 4): 415
【14】 高花君.我国绿洲的分布和类型[J].干旱区地理,1987, 10(4). [ 14 ] high Huajun. The distribution and types of oases in China [J ]. Arid land geography, 1987, 10 ( 4).
【15】 刘秀娟.对绿洲概念的哲学思考[j].新疆环境保护.1994,16(4). [ 15 ] Liu Xiujuan. On the philosophical thought on the concept of environmental protection in Xinjiang [J ]. 1994, 16 ( 4).
【16】 韩德麟.新疆人工绿洲[M].北京:中国环境科学出版社,2001. [ 16 ] Han Delin. Xinjiang artificial oasis [ M]. Beijing: China Environmental Science Press, 2001
【17】 黄文芳.绿洲发展与生态环境建设[M].新疆科技卫生出版社(K),1998. Huang Wenfang [ 17 ]. The oasis development and ecological environment construction [ M]. Xinjiang science and Technology Press, 1998 ( K )
【18】 钱云、赫疏灵.新疆绿洲[M].乌鲁木齐:新疆人民出版社,1999. [ 18 ] Qian Yun, Hector Shu Ling. Xinjiang oasis [ M ]. Urumqi: Xinjiang people’s publishing house, 1999
【19】 热合木都拉.阿迪拉،塔世根。加帕尔.对绿洲概念及分类的探讨[j].干旱区地理,2000,2(2). [ 19 ] heat wood. Adila. Discussion on Oasis conception and its classification [J ]. Arid land geography, 2000, 2 ( 2).
【20】 贾宝全,慈龙军.绿洲景观生态研究[M].北京:科学出版社,2003. [ 20 ] Jia Baoquan, grace Long Jun. Oasis landscape ecological study [ M]. Beijing: Science Press, 2003
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 3,140 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1993
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
When I first saw this title «بوستان» دىگەن نىمە؟ | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Have you ever ever thought about including slightly bit extra than just your articles? I mean, what you say is valuable and everything. Nonetheless think about in case you added some nice visuals or video clips to offer your posts more, ”pop“! Your content material is superb but with photographs and video clips, this weblog could actually be one of many biggest in its niche. Unbelievable blog!
When I first saw this title «بوستان» دىگەن نىمە؟ | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. The subsequent time I read a blog, I hope that it doesnt disappoint me as a lot as this one. I imply, I do know it was my option to read, however I actually thought youd have something interesting to say. All I hear is a bunch of whining about one thing that you possibly can repair when you werent too busy on the lookout for attention.