2013مارت31
شىنجاڭدىكى ۋىلايەت-شەھەر، ناھىيەلىك تەبىستانلار 新疆的地区市县级自然保护区 ئا.ر.بوستانىي بايان ئاۋۋال مىنىڭ بىلىشىمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا، 2008-يىلغىچە 35 يەردە ھەرخىل دەرىجىدىكى تەبىستانلار قۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەتلىك تەبىستانلار 8، ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك تەبىستانلار 22، ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك تەبىستانلار 5 كە يەتكەن. رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ …
2013مارت30
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، ئېلىمىزدىكى تەبىستانلار كۆپ قۇرۇلغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونۇم رايوندىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدىكەن. 2010-يىلغىچە شىنجاڭدا قۇرۇلغان تەبىستان، 35 يەتكەن. 2008-يىلدىن بۇرۇن، مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تەبىستانلارنىڭ كۆپۈنچىسىگە بارغان ھەم بۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولغان. شىنجاڭدىكى 8 ئورۇندا قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ نامى، جايلاشقان ئورنى، يەرمەيدانى، مۇھاپىزەت ئوبىكتى قاتارلىق موھىم مەلۇماتلاربېرىلگەن ئەسەرىم، ئاكادېمىيە تور بېكىتىنىڭ 2013-يىل 24-مارت نەشىرىدە، قىسقىچە بايان قىلىنغان ئىدى[،2،1]. بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭدا قۇرۇلغان ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك 22 تەبىستاننىڭ جايلاشقان ئورنى، قۇرۇلغان ۋاقتى، يەر مەيدانى ۋە مۇھاپىزەت ئوبىكتى قاتارلىق مەلۇماتلار قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى. ئاپتونۇم رايونلۇق تەبىستانلارنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. مەزگۇر ئەسەردىكى ناملىرىنى ۋە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنى، ئۆزەم مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئىسىملارنى قويۇپ ئاتىدىم. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بەزىلىرىنى، بەلكىم مەن تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولۇشىم مۇمكىن. شۇڭا، مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىشىڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
2013مارت24
شىنجاڭ گەرچە چۆل كلىماتنىڭ كونتروللىقىدا تۇرسىمۇ، ئۆز مۇھىتىغا يارىشا ھەر خىل جانىۋارلار ھەم ھەر خىل ماكانلار شەكىللەنگەن. تەبىئى خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان. بۇلارنىڭ، تەتقىقات، ئۆگىنىش، پايدىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سەيلە-ساياھەت ئىشلىرىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتى بولغانلىقتىن، 1980-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ھەر خىل تەبىستانلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى. 2008- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان ھەر خىل دەرىجىدىكى تەبىستانلار سانى35 كە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىستانلاردىن 8ى بار. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن، دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ رۇيخەتكە ئالغان نامى، جايلاشقان تەۋەلىكى، كۆلىمى، قوغدىلىدىغان تۈرى قاتارلىق مەلۇماتلارنى قىسقىچە بايان قىلدىم. ئەسەر ئاخىرىدا، ئەسەردە قوللانغان ئۇيغۇرچە ناملارنىڭ خەنزۇچە تەققاس ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.
2013مارت10
زىمىندا قانچە خىل جانىۋار زاتى بار؟ 地球上的生物物种有多少? ئاپتورى: ئا.ر.بوستاني زىمىندىكى جانىۋارلار زات سانىنىڭ قانچە خىلغا يېتىدىغانلىقى، كىشلەر قىزىقىدىغان مەسىلە. بۇ سۇئالنى بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر قىسىم بۇرادەرلەر مىنىڭدىنمۇ سوراپ باققان ئىدى. ئەمما، مەن ئۇلارغا، شۇ چاغلاردا بىلگىنىمچە ھەر خىل جاۋاپلارنى بەرگەن …
2013مارت3
«تەبىستان» دىگەن نىمە؟ 什么是自然保护区? ئا.ر. بوستانىي بايان ئاۋۋال «تەبىستان» دىگەن سۆز، ئا.ر. بوستانىي ئىجات قىلىپ قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، ئەسلىدىكى تەبىئەت تەركىۋى قوغداپ قېلىنىدىغان دائىرە، يەر ياكى بۆلەك دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئەسلىدىكى تەبىئەت دىگىنىمىز، مەلۇم خاسلىققا ۋە ئالاھىدىككە …