2014-يىلى 3-ئاي نىڭ ئارخىپلىرى
2014مارت29

بوستاننامە

ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان سۇنئى جانىۋارتوپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. بوستان، ئىنسانلارتارىخىدا، مىسىر، بابىلۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى دۇنيانى مەھلىيا قىلىدىغان ئاجايىپ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا ئاجايىپ روللارنى ئوينىغان. بوستان، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چېتىشلىق دائىرەسىمۇ ناھايىتى كەڭ. بوستانلارنى، زىمىننامە ، ماكاننامە ، ئېقتىسادنامە، زىرائەتنامە، چارۋانامە، ئورماننامە قاتارلىق تەبىئي، ئەمەلىي ھەم نەزەرىيەۋى ئىلىملار نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان، ئۆگىنىدىغان ئۆنىۋىرسال ئىلىمنىڭ نامى، بوستاننامە دەپ ئاتالدى. زامانىمىز، بوستاننامە دىگەن بىر پەننى ئىلىمنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنى، بوستاننامە ئاساسىدا، بوستانلاردىكى شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنىڭ تەتقىقات، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ بوستان مەئىشەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بوستاننامەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە ئۇنىڭ نىشانىنى بويلاپ ئىزدىنىش تەشەببۇسى، بوستانلار ئىگىلىكىنى ساغلام ۋە ئۈزۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا، پەننى ئىلىملەرنىڭ بوستانلارغا بولغان رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نېتىجىلىرىنى قوللۇنۇش، كېڭەيتىش، ساقلانغان مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا رىيال ھەم زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

2014مارت26

نورۇز شادلىقى

غاپپار ئەپەندى، يېقىندا «ئاكادېمىيە» تورىستاننى (تور بېكىتىنى) كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا قىزىقىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، قۇلىغا قەلەم ئالىپ، «نۇرۇز شاتلىقى»نى يازىپتۇ. «ئاكادېمىيە» تورىستانىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ، «نۇرۇز شاتلىقى» شېئىرىنى، ئاكادېمىيە تورىستانىدا نەشىر قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ھەم تۆنۆگۈن كەچتە ماڭا يوللاپ بېرپتۇ. مەن ئەسلىدە، ئاكادېمىيە تورىستانىدا، پەقەتلا ئۆزەمنىڭ ئەسەرلىرىنى مەخسۇس نەشىر قىلىمەن دەپ ئويلىغان. بۇرادەرلەرنىڭ لەۋزىنى يەردە قويماسلىق پىرىنسىپى ئاستىسدا، «قائىدىگە» تۈزۈتۈش كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ، غاپپار ئەپەندىنىڭ «قەدىمىي دىياردا نۇرۇز شاتلىقى» ناملىق شېىئىرى ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەستىن ئەسلى بويىچە «ئاكادېمىيە» تورىستانىدا نەشىر قىلىندى.

2014مارت23

تاپالمىساجانغا زامىن بولىدىغان 4 سۇئال

مىلادىدىن 5 ئەسىر بۇرۇن، پۈتۈن زىمىندا «زىمىنەل» ناملىق بىرلا مەملىكەت بولغان ئىكەن. زىمىنەل مەملىكەتنىڭ پاتىشاسىنىڭ نامى، « زىمىنشاھ» ئىكەن. زىمىنشاھ، نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىپ، زىمىندىكى تارقاق بولغان بەگلىك، پاتىشالىق، سولالە ۋە كىنەزلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، زىمىنەل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەم ئۆزىمۇ زىمىنشاھ دوپ ئاتالغان ئىكەن. زىمىنەل دۆلىتى قۇرۇلۇپ، 4-يىلى، زىمنشاھ، كىسەل بىلەن ۋاپات بولۇپتۇ. شۇ زاماندىكى قائىدە بويىچە، زىمىنشاھنىڭ 15 ياشلىق ئوغۇل پەرزەنتى، كۈنقۇت، ئاتىسى زىمىنشاھنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلىپ، زىمىنەل مەملىكەتنىڭ پاتىشاسى بولۇپتۇ.بىر كۈنى، كۈنقۇت پاتىشاھ، ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنى «پەرمان» ناملىق قەسىرەگە يىغىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى ئېيتىپتۇ ھەمدە، ۋەزىرلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ:

2014مارت21

نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەيمەن

بۇگۈن 21-نۇرۇز قايتىدىن يېتىپ كەلدى. ئەتىكى باھارنىڭ ھىدى بىلەن، يېڭى يىل خۇشبۇي كەلدى. قارا يەر سۇغا تويۇپ، نەمخۇش تۇپراق پۇراپ كەلدى. ئۈرەن-بىخقا جان كىرىپ، تۇمشۇقىنى تۈرتۈپ كەلدى. ئۆچەكتىكى نىمجانلار، جانلىنىپ چىقىپ كەلدى. قۇلان يىلمۇ ئۇچقاندەك چېپىپ كەلدى. يازلاپ كەتكەن ئاققۇ-غاز، بۇ ياقلارغا ئۇچۇپ كەلدى. يايلاقلاردا تورغايلار، بۇلبۇللارنى چىللاپ كەلدى. ئالتاي، رامبول، خوتەن، مەكىت قويلۇرۇم، جۇپلەپ قوزا تۇغۇپ كەلدى. نەۋرەممۇ ئاتىللا، ئايىقى چىقىپ يۈگرۈپ كەلدى. دىخانلىرىم تەييار بولۇپ، ئېتىز، باغنى ياساپ كەلدى. يىڭى يىلدا كۆڭلىمىز ئارمانلارنى پۈكۈپ كەلدى. ئاكادېمىيەدىن جىمسارى، نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەپ كەلدى.

2014مارت16

ئىلىموي

يېقىندا مەن، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئسىتانسىيەسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پروگراممىسىدا بېرىلگەن،«ئىلمىي فانتازىيە ئەسەرلىرى ۋە ئىلىم پەن روھى» ناملىق سۆھبەتنى تېلىۋىزوردىن كۆرۈپ، ئاڭلاپ چىقتىم. بۇ سۆھبەت ناھايىتى ياخشى پۇرسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ رىئال جەمىيەتىمىزگە بولغان ئەھمىيەتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىمىزدا بولىدىغان ئەھمىيەتى ناھايىتى زور. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالغان مۆھتەرەم ئەپەندىلەر، رىياسەتچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا چامىسىنىڭ يېتىشىچە چۈشەنچە بەردى. ئەمما، بۇ سۆھبەتتە ئەڭ كۆپ قىتىم تىلغا ئىلىنغان «ئىلمىي فانتازىيە» دىگەن سۆز مىنى بىئارام قىلدى. چۈنكى بۇ ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەس، قوراشتۇرلغان ئەبجەش سۆز. بۇنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز يوقمىدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم. ھەمدە، بۇنى ئۇيغۇرچە «ئىلىموي» دىگەن ئىسىم سۆز بىلەن ئاتىساق بولمامدۇ دەپ قارىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە پەقەتلا «ئىلىموي» دىگەن نىمە؟ دىگەن مەسىلدە ئۆز كۆز قاراشلىرىم بايان قىلىندى.

2014مارت16

«ئىلبىم»

مىنىڭ، تىلىمىزدا ھازىر قوللۇنىۋاتقان «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ نامۇۋاپىق شەكىللىرىگە ئىچىم پۇشۇپ يۈرگىلى خېلى زامان بولدى. بۇ ئىككى سۆز توغرىسىدا، مۆھتەرەم تىلشۇناسلىرىمىز، ئەدەبىياتچىلىرىمىز، تىل يازىق خۇجايىنلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىزدىن ئۈمۈد كۈتكىلىمۇ ئۇزۇن زامان بولدى. ئەمما، بۇلاردىن ھېچقانداق سادا ياكى شەپە يوق. تىلىمىزدىكى «ئىلىم پەن» ۋە «پەن-تېخنىكا» دىگەن ئىككى ئىسىم سۆز شەكلىنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ گۇمانىم بار. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.

2014مارت8

خۇتۇن-قىزلار بايرىمىغا تەبرىك

بۈگۈن، 21-ئەسىرنىڭ 14-يىلىدىكى 8-نۇرۇز كۈنى. بۈگۈن، زىمىندىكى ھايات خۇتۇن-قىزلارغا دۇنياۋى بايرام كۈن. بۈگۈن، بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىسىگە سالىدىغان كۈن. بۈگۈن، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت-ئاپاراتلارنىڭ ھەم بارلىق ئەر-يىگىتلەرنىڭ، خۇتۇن-قىزلارنى ھىمايە قىلىش، ئاسراش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم جاھان ئەھلىگە جاكارلايدىغان كۈن. مەن، ئاكادېمىيە تورىدىن پايدىلىنىپ، زىمىنىمىزدا ياشاۋاتقان بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. خانىملار، سىلەرنىڭ 103 قېتىملىق دۇنياۋى بايرىمىڭلارغا مۇبارەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 8 -نۇرۇز ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.