باش بەت > بېغىشلىما > نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەيمەن
21مارت

نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەيمەن


قۇلان يىلىدىكى نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەيمەن

 

جىمسارى

DSC_8661_副本

بۇگۈن 21-نۇرۇز قايتىدىن يېتىپ كەلدى. ئەتىكى باھارنىڭ ھىدى بىلەن، يېڭى يىل خۇشبۇي كەلدى. قارا يەر سۇغا تويۇپ، نەمخۇش تۇپراق پۇراپ كەلدى. ئۈرەن-بىخقا جان كىرىپ، تۇمشۇقىنى تۈرتۈپ كەلدى. ئۆچەكتىكى نىمجانلار، جانلىنىپ چىقىپ كەلدى. قۇلان يىلمۇ ئۇچقاندەك چېپىپ كەلدى. يازلاپ كەتكەن ئاققۇ-غاز، بۇ ياقلارغا ئۇچۇپ كەلدى. يايلاقلاردا تورغايلار، بۇلبۇللارنى چىللاپ كەلدى. ئالتاي، رامبول، خوتەن، مەكىت قويلۇرۇم، جۇپلەپ قوزا تۇغۇپ كەلدى. نەۋرەممۇ ئاتىللا، ئايىقى چىقىپ يۈگرۈپ كەلدى. دىخانلىرىم تەييار بولۇپ، ئېتىز، باغنى ياساپ كەلدى. يىڭى يىلدا كۆڭلىمىز ئارمانلارنى پۈكۈپ كەلدى. ئاكادېمىيەدىن جىمسارى، نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەپ كەلدى.

DSC_8667_副本

 

 

 

 

 

 

 

 

ئاكادېمىيە مېھمانلىرىنىڭ ھەم ھەممەيلەننىڭ قۇلان يىلىدا كەلگەن نۇرۇز كۈنىمىزگە، نۇرۇز بىلەن باشلانغان يىڭى يىلىمىزغا مۇبارەك بولسۇن. قۇلان يىلىدا، يىڭى يىلدا، بىزگە نېسىپ بولغان نۇرۇزغا قۇتلۇق تىلەيمەن. قۇلان يىلىدىكى ئارزۇيۇم شۇكى، ھەممەيلەن سالامەت بولغاي. يۇرتمىز ھەم پۈتۈن دۇنيا تېنچ ئامان بولغاي. مول-ھوسۇل كۆڭۈلدىكىدەك بولغاي، بالاغەتكە يەتكەنلەر لايىق تاپقاي، ئاشىق-مەشۇقلار تويىنى قىلغاي. جۆرىسى يوقلار، جۆرە تاپقاي. كىسەللەر شىپا تاپقاي، قىممەتلەر ئەرزان بولغاي، كىشىلىرىمىز بىكار قالمىغاي، خاتا قىلغانلار، توۋا قىلىپ توغراسىنى تاپقاي، بارلىق ئىشلىرىمىز روناق تاپقاي، بەرىكەتلەر يار بولغاي. 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4210
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. This is a really intnlligeet way to answer the question.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز