باش بەت > گىياھنامە > دۇنيادا بايقالغان ئۆرۈكرۇق زاتلىرى
21نويابىر

دۇنيادا بايقالغان ئۆرۈكرۇق زاتلىرى

دۇنيادا بايقالغان ئۆرۈكرۇق زاتلىرى

杏属的种类

جىمسارى

 

بايانئاۋۋال

«ئۆرۈك»، رايونىمىزدىن كۆپ چىقىدىغان يازلىق مىۋىنىڭ نامى. بىز ئادەتتە، ئۆرۈك گىياسىنىڭ، ئۆرۈكرۇقدىكى بارلىق زات ۋە سورتلارنىڭ ئومۇمى نامىنى ھەم  «ئۆرۈك» دىگەن بىرلا نام بىلەن ئاتاپ كەلدۇق. ئۆرۈك، رۇخسائىلەنىڭ (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە ئازغان ئائىلىسى ياكى ئەتىرگۈل ئائىلىسى دىيىلگەن) ئۆرۈكرۇقىغا (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى دەپ ئاتالغان) تەۋە بولۇپ، مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، ئىنسانلار بايقىغان ئۆرۇكرۇقنىڭ زاتلىرى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە دىيىلگىنى بويىچە ئاتىساق، ئۆرۈك ئۇرۇقدىشىنڭ تۈرلىرى) ھازىر دۇنيا بويىچە 11 غا يەتكەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئۆرۈكرۇقتىكى 11 زاتنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.

1. ئۆرۈكرۇقنىڭ تەۋەلىكى (ئۆرۈك ئۇرۇقدىشىنىڭ تەۋەلىكى)

مۇشۇ «ئاكادېمىيە» تورىدا نەشىر قىلىنغان، «گىيا تاكسون ناملىرى»، «گىيائىلە نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»، «گىيارۇق نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى»، ناملىق ئەسەرلەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئۆرۈكرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى مۇنداق تىزىلدى:

دۇنيا: جانىۋارى دۇنيا

مىقياس: گىيا مىقياس 植物界 ،

قەبىلە: يېپىقدانبىلە (يېپىقدانلار قەبىلەسى)،  被子植物门 Magnoliophyta

تەبىقە: قوشپەلبىقە (قوش پەللىلىكلەر تەبىقەسى)  双子叶植物纲 Magnoliopsida

شاختەبىقە: رۇخسا شاخبىقە (رۇخسا شاختەبىقەسى)،  蔷薇亚纲 Rosidae

جەمەت: رۇخسامەت (رۇخساجەمەتى)، 蔷薇目 Rosales

شاخجەمەت: رۇخسا شاخمەت (رۇخسا شاخجەمەتى)، 蔷薇亚目 Rosineae

ئائىلە: رۇخسائىلە (رۇخسا ئائىلەسى)، 蔷薇科 Rosaceae

شاخمەت: ئەينۇلا شاخمەت (ئەينۇلا شاخجەمەتى) 李亚科 Prunoideae

رۇق: ئۆرۈكرۇق: 杏属 Armeniaca

2. ئۆرۈكرۇق زاتلىرى

مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، دۇنيا بويىچە ئۆرۈكرۇقنىڭ 11 زاتى بايقالغان. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى، مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان، «گىيازات نامىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدىسى» ناملىق ئەسەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاتالدى ۋە يازىلدى. دۇنيا بويىچە بايقالغان ئۆرۈكرۇق زاتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

普通杏 Armeniaca vulgaris Lam. ئۆرۈك ۋولگارى
西伯利亚杏 A. sibirica (L.) Lam ئۆرۈك سىبىرى
藏杏 A. holosericea (Batal.) Kost
ئۆرۈك خولوسەرى
洪平杏 A. hongpingensis Yü et Li ئۆرۈك خوڭپىنى
紫杏 A. dasycarpa (Ehrh.) Borkh ئۆرۈك سۆسۈنى
东北杏 A. mandshurica (Maxin.) Skv ئۆرۈك مانجۇرى
Armeniaca mume Sied. ئۆرۈك مۇمى
志丹杏 A. zhidanensis C.Z. Qiao et Y.P. Zhu ئۆرۈك جىژدەنى
政和杏 A. zhengheensis J. Y. Zhang et M.N. Lu ئۆرۈك جېڭخېئى
李梅杏 A. limeixing J.Y. Zhang et Z.M. Wang ئۆرۈك لىمىيى
华仁杏 A. cathayana D. L. Fu.B. R. Li et J. H. Li. sp. Nov. ئۆرۈك كىتايى

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، ئۆرۈكرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، ئۆرۈكرۇقنىڭ دۇنيادىكى زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى بايان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا، ئۆرۈك ۋۇلگارى ، ئۆرۈك سىبىرى  ۋە ئۆرۈك سۆسۈنى قاتارلىق ئۈچ زاتى تارقالغان دەپ قارىلىدۇ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا، ئۆرۈكرۇقنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان شاخزاتلىرى ۋە سورتلىرى بار. بۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن مەزگۇر ئەسەردە كۆرسۈتىلمىدى. كىيىنچە ئايرىم بىر ئەسەردە كۆرسۈتۈلمەكچى. ئۆرۈكرۇق زاتلىرى توغرىسىدا، خەلىل قۇربان، رەھمەتۇللا ئادىللا، كېرەم رىشىت، مۇستاپا ھەبىبۇل قاتارلىق بۇرادەرلەرمۇ ئىزدەنگەن. بۇلارنىڭ بۇ توغرىدا يازغان «دۇنيادىكى ئۆرۈكرۇق زاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى» ناملىق ئەسەرى، «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4- سانىدا نەشىر قىلىندى. پايدىلانسىڭىزلار بولىدۇ.

مەزگۇر «ئۆرۈكرۇق زاتلىرى» ناملىق ئەسەردىكى مەزمۇنلارنىڭ نامۇۋاپىق يەرلىرى ياكى خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا، بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈپ ياكى تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 428 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3547
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. Very fantastic information can be found on blog.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز