12ئىيۇل
«قەشقەر» دىگەن سۆز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
«قەشقەر» دىگەن سۆز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
«ئىزدىنىش» تورىنىڭ 2014-يىلى12-چىللە سانىدا «قاش شەھىرى-قەشقەر» ناملىق تەرجىمە ئەسەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئەسەر، ئەسلىدە خەنزۇچە يازىلغان بولۇپ، 2004-يىلى «جۇڭگونىڭ قۇرۇمتاش تورى» (مەن شۇنداق تەرجىمە قىلدىم) دا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەسەرنىڭ مەنبەسى، قەشقەرلىق داڭلىق ئالىم ۋاڭشىشىياڭ يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەر ئىكەن. دىمەك، «ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى»دىكى ئابدۇللا ئۆمەر دىگەن ئەپەندى ئەنە شۇ « قاش شەھىرى-قەشقەر » ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاۋدارغان ئىكەن. مەن بۇ ئەسەر تەرجىمەسىنى، ئەسەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى ھەم شەخسى كۆز قاراشلارنى كۆرۈپ، ئويلۇنۇپ قالدىم. دىمەك، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ قەشقەر دىگەن نام توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم.
1. «قەشقەر» دىگەن ئۇيغۇرچە سۆز
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئاتىلىشى بۇيىچە «قەشقەر» دىگەن نام توغرىسىدا خىلمۇ خىل مۇلاھىزىلەر بار ئىكەن. مىنىڭ بىلىشىمچە، بەزىلەر، قەشقەر دىگەن سۆزنىڭ «قاشىگەر، قاشىغەر، كاشغەر، قاششەھەر، قاشقار» دىگەندەك ۋارىيانتلىرىغا قاراپ، بۇ سۆز توغرىسىدا فارىس تىلىدىن، ئەرەپ تىلىدىن ياكى سانسىكىرت تىلىدىن مەنبە ئىزدىگەن. يەنە بەزىلەر، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» لوغىتىدىن مەنبە ئىزدىگەن. يەنە بەزىلەر، خەنزۇچە مەنبەلەردىن جاۋاپ ئىزدىگەن. ياقىندىن بۇيان بەزى كىشىلەر «قاش» سۆزىنىڭ مەناسىنى مۇجىمەللەشتۈرۈپ، «قاش» سۆزىنى ، «قۇرۇمتاش» (قاش تېشى، خوتەن قاش تېشى دەپمۇ ئاتالماقتا) سۆزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، قۇرۇمتاش دىگەن مەنبەدىن ئىزدىگەن. « قاش شەھىرى-قەشقەر »ناملىق ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمەسى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى. مەن، شۇنداق قارايمەنكى، «قەشقەر»دىگەن سۆزنىڭ مەنبەسى ۋە مەناسى نىمە؟ دىگەن سۇئالغا يوقۇرقى مەنبەلەردىن جاۋاپ ئىزدەش،خۇددى تۆت ئەمانىڭ پىلنى سىلاپ بىلىشىگە ئوخشاش توغرا نەتىجە بەرمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، قەشقەر دىگەن سۆز، نەچە سۆز؟ ئۇنىڭ مەنبەسى نىمە؟ ئۇنىڭ مەناسى نىمە؟
مىنىڭچە بولغاندا، «قەشقەر» دىگەن سۆز، ئەسلىدىن ئۇيغۇرچە سۆز. بۇنىڭ مەنبەسى، جۇغراپىيەلىك ئورۇن «قاش» يەنى غولنىڭ قاشى ياكى دەريانىڭ قاشى (لىۋى، گىرۋىكى)دىگەن ئۇقۇمدىن كەلگەن. بۇنىڭ مەناسى، «قاشقا شەھەر ياكى قاشقاغا سېلىنغان شەھەر» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. مەن قەشقەرغە بارىپ كۆرگەن «ئوردا ئالدى»، «نوبېشى» ۋە «ئارايار» ئەتراپىدىكى مەنزىرلەرنى ئانالىز قىلىپ، قەشقەر شەھرى، دەسلەپتە تۈمەن دەريانىڭ شەرقى جەنۇپ قاشىدا (گىرۋىكىدە) بىنا قىلىنغان، كىيىن غەربى شىمال قاشىغا كېڭەيىپ تارىختىكى ۋە ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دىگەن تۇنۇشقا كەلدىم. دىمەك، قەشقەر دىگەن سۆزدىكى «قەش» سۆزى، ئەسلى ئۇيغۇرچە «قاش، قاشقا» (غول ياكى دەريا قاشى،گىرۋەكى، لىۋى، قىرى) سۆزىدىن سىلىقلىنىپ كەلگەن دەپ قارىدىم. ئەندى «قەر» سۆزىمۇ، فارىسچە «شەھەر» سۆزىنىڭ «قاش، قاشقا» غا ھىملىشىپ تەلەپپۇز قىلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. دىمەك، «قەشقەر» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، «قاشقاشەھەر ياكى قاشقا بىنا قىلىنغان شەھەر» دىگەن ئۇقۇمنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئىبارەت.
2. «قاش» سۆزىنى «قۇرۇمتاش» سۆزىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.
«ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى»دا، «قاشتاش، قاشتېشى، قاش تېشى، خوتەن قاشتېىشى، قاش» دىگەندەك سۆزلەرنى قوللۇنۇپ، «قۇرۇمتاش» دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەۋاتىدۇ. بۇ خىل سۆزلەر بىلەن قۇرۇمتاش دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەش، بىزنىڭ تىلىمىزغا مۇخالىپ كىلىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ سۆزلەرنىڭ مەناسى ئېنىق ئەمەس. مەسىلەن: «قاشتاش » دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، «غول ياكى دەريا قاشىدىكى تاش، غول ياكى دەريا گىرۋەكىدىكى تاش» بولىدۇ. « قاشتېشى » دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، «غول ياكى دەريا لېۋىنىڭ تېشى (تاشى)» بولىدۇ. «خوتەن قاشتېشى» دىگەن سۆزنىڭ مەناسى، خوتەنغول ياكى خوتەندەريا قاشىنىڭ تاشى» بولىدۇ. بۇ يەردە «خوتەن قاشتېشى» دىگەن ئىزاھلىق بىر سۆزنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئادەتتىكى غول بۇيى ۋە تاش دىگەن سۆزدىن باشقا ھېچقانداق خاسلىق، ئېسىللىق گەۋدىلەنگەن ئىبارە يوق.
ئەندى، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزگە كەلسەك، بۇ ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، پەقەتلا قۇرۇم ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن چىقىدىغان بىر خىل ئېسىل تاش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ھەمدە مۇشۇ قۇرۇمتاشقا ئوخشايدىغان بارلىق تاشلارنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ توغرىدا، «ئاكادېمىيە» ناملىق ئۇيغۇرچە تورىستاندا نەشىر قىلىنغان «قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم» ۋە «ئاشىقتاشلار ۋە ئاشىقلار» ناملىق ئەسەرلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى «قاش» دىگەن سۆزنىڭ مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى مەناسى بار دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرى، قاش دىگەن سۆز، ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ قاشى (قېشى) نى كۆرسۈتىدۇ. ئىككىنچىسى، قاش دىگەن سۆز، غول ياكى دەريانىڭ گىرۋەكى، قىرى، لەۋى (لېۋى) دىگەننى كۆرسۈتىدۇ. ئۈچىنچىسى، قاش دىگەن سۆز، «يانى ياكى يېنى، بويى، ئەتراپى» دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى «قاش» دىگەن سۆز، ھەرگىزمۇ «تاش»نى بولۇپمۇ، «قۇرۇمتاش» دىگەننى كۆرسەتمەيدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا دىگەنلىرىمنى يىغىنچاقلىسام، مۇنداق 4 مەزمۇنغا يىغىنچاقلىنىدۇ:
بۇنىڭ بىرى، «قەشقەر» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، غول ياكى دەريا قاشقا (قاشىدىكى) شەھەر دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
ئىككىنچىسى، «قەشقەر» دىگەن سۆز، ھەرگىزمۇ «تاش ياكى قۇرۇمتاش شەھىرى» دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ.
ئۈچىنچىسى، «قاش» دىگەن سۆز، ھەرگىزمۇ «قۇرۇمتاش»نى كۆرسەتمەيدۇ.
تۆتىنچىسى، «قاشتاش، قاشتېشى، قاش تېشى، خوتەن قاشتېىشى، قاش» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئىلمىي، ئىخچام ھەم توغرا بولغان نامى «قۇرۇمتاش» بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بايانىم تامام. مۇلاھىزە قىلىپ كۆرەرسىزلەر.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 244 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4756
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
قاراشلارىڭىز ئۆزگىچە ئىكەن. ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشنى ئاجىزلىتىشنى مەنمۇ قوللىمايمەن. قەستەن شۇنداق يازىمەن. كاللامدا، كىم بىزنى تۈركىي قارىنداشلاردىن ئايرىدى؟، دىگەن سۇئال كەتمەيدۇ…
ئەزىمەت7102 بۇرادەر، تورىستان «ئاكادېمىيە»نى زىيارەت قىلغانىڭىزغا رەھمەت، كاتتا ئىنكاستىن بىرنى يازغانىڭىزغا تېخىمۇ تەشەككۇر ئيتىمەن.