2012سېنتەبىر28
شىنجاڭدىكى گىياھرۇقلار(2) 新疆分布的植物属名(2) ئاپتورى: ئا.رەھمەتۇللا بوستاني مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭغا تارقالغان گىياھرۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، خەنزۇچە ناملىرى، مەنبە [1،2] دىكى ئۇيغۇرچە نامى، مەنبە [3-14] دىكى ئۇيغۇرچە ناملىرى كۆرسۈتۈلدى. بۇ بىر پىكىر ئېلىش نۇسخاسى بولۇپ، گىياھرۇقلارنىڭ ئۇيغۈرچە ناملىرىنى، مەلۇم قېلىپقا چۈشۈرۈلگەن، ئېنىق …
2012سېنتەبىر25
“Alem svret” digen nime? 什么是“宇宙速度”? jimsary kemine, komputer mexhulatiga qala bolganlicim vqvn, san bilen ipadilexni uygurqe ereb yezicida camlaxturalmidim. Xun’a Mezgur eser, “uylat”ta yezildi, togra qvxengeysizler. Bayanavval Insanlar, uzun zamanlardin buyan, alemde nimiler bardu? Yaki, alemdiki zimindin baxca dunyalarda nime …
2012سېنتەبىر24
«يەتتە ئالەم» 有限宇宙中的 “七个宇宙“ ئاپتورى: ئا. رەھمەتۇللا بوستاني بايان ئاۋۋال ئىنسانلار، ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ ياراتقان پەننى ئىلىملەردىن پايدىلىنىپ، ئالەم توغرىسىدا ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئىزچىل ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى. بۇ ھەقتە، نۇرغۇن بايقاش ۋە بىلىشلەرگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ نېتىجىلىرى ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە پەنلىرىگە …
2012سېنتەبىر14
شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان گىياھرۇقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى (1-قىسىم) 新疆分布的植物属及其维吾尔语名称 (第一部分) ئاپتورى: بوستاني بايان ئاۋۋال بىز دائىم ئاتايدىغان ئالما، ئۆرۈك، ياڭاق، ئۈزۈم، بۇغداي، يانتاق، تال، تېرەك دىگەن ناملار، ئۇيغۇرچە گىياھرۇق نامى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. گىياھرۇق ناملىرىنى قويۇش، گىياھزات ناملىرىنى قويۇشنىڭ ئاساسى. ئادەتتە …
2012سېنتەبىر7
ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «باياۋان» دىگەن بىر سۆز بار. بۇنىڭ مەنىسىنى، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە مۇنداق ئىزاھلىغان: «باياۋان (باياۋانى) ئى [پ]،مەھەللە يۇرتتىن يىراق بولغان ۋە ئادەم ياشىمايدىغان سۇسىز چۆل؛ سەھرا،دەشىت». دىمەك، بۇ ئىزاھاتتا، «باياۋان» دىگەن سۆز، پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشكەن ئىسىم سۆز بولۇپ، «چۆل»، «سەھرا»، «دەشىت» نى كۆرسۈتىدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.
«باياۋان» دىگەن سۆزنى بۇ خىل ئىزاھلاش، مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى، بۇ نىمىنىڭ ئىسمى؟ بۇنىڭغا ئىزاھ بېرىلمىگەن. يەنە كىلىپ، باياۋان بىلەن چۆل، سەھرا، دەشىتنى تەڭداش مەنىدىكى ئورۇنغا قويۇپ، باياۋان، چۆل، سەھرا، دەشىت دىگەن تۆرت ئىسىم سۆزنىڭ ئۇقۇمىنى مۇجىمەللەشتۈرگەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، باياۋان دىگەن نىمە؟، بۇنىڭ، چۆل، دەشىت، سەھرا دىگەن سۆزلەر بىلەن پەرقى بارمۇ؟، باياۋان قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟، باياۋان تۈرلەرگە ئايرىلامدۇ؟ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىندى.
2012سېنتەبىر6
ئۇيغۇر تىلىدا، «جەزىرە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سۆزىمىز بار. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدە، «جەزىرە» دىگەن سۆزگە مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن: « جەزىرە، ئى [ئە] ① يېز ت. ئارال: ……؛ ② چۆل، باياۋان، دەشىت؛ ساي؛……. ؛ ③ئاياللارنىڭ ئىسمى». مەن، بۇ خىل ئىزاھاتتىن، «جەزىرە» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى چۈشەنچىسى ئېنىق بولماي قالىدۇ دەپ قارايمەن. ھەمدە، «جەزىرە» دىگەن سۆز، ئەرەپچىدىن قۇبۇل قىلىنغان دىگەن قاراشقىمۇ گۇمانىم بار. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، «جەزىرە» دىگەن سۆزگە بولغان چۈشەنچەم ۋە ئۇنىڭغا بەرگەن تەبىر ياكى ئىزاھاتىم، شۇنىڭدەك، جەزىرەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى، تۈرلىنىشى ۋە دۆلىتىمىزدىكى جەزىرىلەر تىپلىرى بايان قىلىندى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.